بوللىۋودتا «دۆلەت گۆھىرى» دەپ ئاتالغان ئارتىستىن زادى قانچىسى بار؟
0
2003-03-02 09:03:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

جاۋاب: بىرسىمۇ يوق

بۇ قانداقتۇر ھىندىستان كىنوچىلىقىدا «دۆلەت گۆھىرى» دەرىجىسگە توشىدىغان نەتىجىسى ۋە ئورنى ئالاھىدە يۇقىرى شەخىسنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرمەيدۇ. پەقەت شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، «دۆلەت گۆھىرى» دەپ ئەسلىدە ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋاناتلارنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇنى ئادەمگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش پەقەت دۆلىتىمىزدىكى بىر قىسىم تاراتقۇلاردىلا ئۇچرايدۇ. ھىندىستاندا «دۆلەت گۆھىرى» دەپ ئۇقۇم يوق، ئۇلار ئەزەلدىن بىرەر شەخىسنى دۆلەت گۆھىرى دەپ ئاتاپ باقمىدى ياكى ئۇنداق ئۇنۋان بېرىپ باقمىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم تاراتقۇلاردا مەلۇم ساھەدىكى تۆھپىسى يۇقىرى كىشىلەرنى «دۆلەت گۆھىرى» دەپ ئاتاش ئەۋج ئالدى. ھىندىستان كىنوچىلىقى كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىرقانچە يىل ئىلگىرى ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى داڭلىق شەخسىلەر بولۇپمۇ ئارتىس ئامىر خاننى تېخىمۇ ئوبرازلىق دەرىجىدە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن «<دۆلەت گۆھىرى>دەرىجىسىدىكى ئارتىس» دەپ تونۇشتۇرغان. لېكىن كېيىنچە باشقا تاراتقۇلار جۈملىدىن ئۇيغۇرچە تاراتقۇلىرىنىڭ بىلىپ بىلمەي تارقىتىشى بىلەن بۇ ئاتالغۇ بارا–بارا «دۆلەت گۆھىرى دەرىجىسىدىكى ئارتىس» تىن بىراقلا«دۆلەت گۆھىرى»گىلا قىسقىراپ قالغان، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەردە ئارتىس ئامىر خاننىڭ رەسمىي «دۆلەت گۆھىرى»دېگەن نامى بار دېگەن خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالغان ۋە تور يۈزىدە بىر قىسىم ئەھمىيەتىسىز تالاش-تارتىشلارغا سەۋەبچى بولغان.

لېكىن شۇ ئېنىق بولۇشى كېرەككى، ئامىر خاننىڭ ئەزەلدىن «دۆلەت گۆھىرى» دېگەن نامى يوق، ھىندىستانلىقلار ئەزەلدىن ئامىر خاننى «دۆلەت گۆھىرى» دەپ ئاتاپ باقمىغان.

بۇ توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندا، ھىندىستان تاراتقۇلىرىدا «جۇڭگولۇقلار ئامىر خاننى <ھىندىستاننىڭ دۆلەت گۆھىرى>» دەپ ئاتىدى»دېگەن گەپنى، ئامىر خاننىڭ ۋىكى قامۇسىدىكى تەرجىمىھالىدا بولسا «ھىندسىتان تاراتقۇلىرىدا ئامىر خان <مۇكەممەل قوغلاشقۇچى> دەپ ئاتىلىدۇ. جۇڭگو تاراتقۇلىرىدا بولسا ئۇ دائىم <ھىندىستاننىڭ دۆلەت گۆھىرى>، <ھىندىستاننىڭغورۇرى>دەپ ئاتىلىدۇ » دەپ يېزىلغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. (ئەگەر تېخمۇ كونكرېت بىلمەكچى بولسىڭىز ئامىر خاننىڭ رەسمىي تەرجىمىھاللىرىغا مۇراجىئەت قىلسىڭىز بولىدۇ).

شۇنى خۇلاسىلەشكە بولىدۇكى، ھىندستان كىنو چولپىنى ئامىر خانغا «ھىندىستان دۆلەت گۆھىرى»، «ھىندىستان غورۇرى» دېگەن نامنى ھىندىستانلىقلار ئەمەس بەلكى جۇڭگودىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار (بەكرەك كىنو تاراتقۇلىرى )بەرگەن، بەلكىم ئەڭ دەسلەپتە ئامىر خاننى «دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك ئارتىس» دەپ ئاتىغانلارنىڭمۇ بۇ ئارتىسقا يوق يەردىن بۇنداق نامنى بېرىش خىيالىمۇ يوق بولغىيتتى. لېكىن كېيىنچە ئامىر خاننىڭ جۇڭگودىكى ئالقىشلىنىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، باشقا تاراتقۇلار ئېقىمغا ئەگىشىپ قېلىش سەۋەبلىك ھازىر «دۆلەت گۆھىرى» دېگەن بۇ گەپ ئامىرخاننىڭ فامىلىسىدەك ئومۇملىشىپ قالدى ۋە نۇرغۇن خاتا چۈشەنچىلەرنى پەيدا قىلدى.

ئەمەلىيەتتە «دۆلەت گۆھىرى» دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان يالغۇز ئامىر خانلا ئەمەس، بۇ بىر قانچە «دۆلەت گۆھىرى»نى تۆكمە قىلىپ ئىشلىتىش بەكلا ئەۋج ئېلىپ قالدى. بۇ سۆزنى توپ سېتىش بازىرىدىن ئالغاندەك ئايىماي ئىشلىتىلىپ كۇرسى بىراقلا چۈشۈپ كەتتى. بەزى تاراتقۇلار ھىندسىتانلىقلارنى «دۆلەت گۆھىرى» دېيىشكە بەك ئامراقمۇ ياكى ھىندسىتانلىق داڭلىقلارنى ئۇچراتقاندا باشقا گەپ تاپالماي قالامدۇ بىلگىلى بولمايدۇ. ھىندىستاندىكى قايسى بىر سەل نەتىجىسى بار شەخىس پەيدا بولسىلا «دۆلەت گۆھىرى» دېگەن نامنى بېرىۋىتىدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئانچە–مۇنچە كۆزگە كۆرۈنگەن بوكسچىدىن تارتىپ ئەمەلىيەتتە ھىندىستان بىلەن ھېچقانداق ئالاقسىى يوق چەتئەللىك ئارغۇن تەنناز ئارتىسقىچە ھەتتا ھىندىستانغا بېرىپ سارى كىيىپ بىرقانچە پارچە سۈرەتكە چۈشۈپ قويغان شەرقىي ياۋروپالىق تۆۋەن دەرىجىلىك مودېلغىچە ھەممىسى تۇيۇقسىز «دۆلەت گۆھىرى» دېگەن نامغا ئىگە بولۇپ قالدى.

ھىندىستاندا بىر سارى ماركىسىغا مودېل بولۇپ قويغان رۇسىيەلىك مارىيا سوكولوۋىسكى ھازىرغىچە ھىندىستان دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك ساھىبجامال دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

بۇ شەخسىلەر چېغىدا ئەگەر ئۆزىنىڭ بۇ تەرەپلەردە «دۆلەت گۆھىرى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى بىلىپ قالسا كۈلۈۋېتىشى، تېخىمۇ بەكرەك ئوڭايسىزلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى «دۆلەت گۆھىرى» دېگەن دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئادەمگە ئىشلىتىشنى ئەزەلدىن ئانچە توغرا ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، «داڭلىق، قابىلىيەتلىك، كۆپ قىرلىق» دېگەن ئاتالغۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، «دۆلەت گۆھىرى» دېگەن نامى بار كىشىنىڭ كەسپ جەھەتتە نەتىجە قازىنىپ، خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىشتىن باشقا بەلگىلىك دەرىجىدە ھۆكۈمەتنىڭمۇ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرىدۇ. يۇقىرىقى بۇ شەخىسلەر ئارىسىدىكى ھىندىستان بىلەن ئالاقىسى يوقلارنى چىقىرىۋەتسەك، قالغانلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىكى ئورنىنىڭ زادى قانداقلىقى، شۇ دۆلەت ئۈچۈن قانچلىك مۇھىملىقى، «دۆلەت گۆھىرى» بولۇشقا ئەرزىيدىغان-ئەرزىيمەيدىغانلىقى بىزگە نامەلۇم. باشقا دۆلەتتىكى كىشىلەرنى قارا-قويۇق ھالدا شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت گۆھىرى دەپ بېكىتىپ قويۇش بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك، بۇ توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىش ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

تۆۋەندىكىسى ھىندىستان كىنوچلىقىدىكى بىر قىسىم داڭلىق شەخسىلەرگە بېرىلگەن ناملار

داداساھېب پالكى – ھىندىستان كىنو ئاتىسى

راج كاپور- ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئورۇنلىغۇچى، ھىندسىتان كىنوچىلىقىنىڭ چارلىس چاپلىنى

ئامىتاب باچچان- بوللىۋود شاھىنشاھى، مىڭ يىل چولپىنى، غەزەپلەنگەن ياش ئەر

لاتا ماڭگىشكار – ھىندىستان بۇلبۇلى، مىلودىيە خانىشى، دۆلەت ئاۋازى

دىلىپ كۇمار- تۇنجى خان، تىراگېدىيە شاھى

راجىش كاننا- تۇنجى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان، يەرلىك دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان

شاھرۇھ خان- بوللىۋود شاھى، بوللىۋود پادىشاھى، پادىشاھ خان، رومانتىكا شاھى

سالمان خان- بوللىۋود يولۋىسى، بېلەت كىرىمى خانى، چوڭ كىنو خانى، ئاغا، سالۇ، داباڭ خان

ئامىر خان- مۇكەممەلىك قوغلاشقۇچى ئەپەندىم، بېلەت كىرىمى شاھى، رول ئېلىش ئىلاھى، رول ئېلىش خانى، ئېسىل خان

ئاشۋارىيا راي باچچان- دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال

رىتىك روشان – بوللىۋود گىرىك ئىلاھى

سرىدېۋى- تۇنجى ئايال گىگانت چولپان

ئا.ر. راخمان- مادراسنىڭ موزارتى

ئاكشاي كۇمار-بوللىۋودنىڭ غىلادىسى

ھېما مالىنى- بوللىۋودنىڭ چۈش قىزى

مادۇرى دىكشىت- بوللىۋودنىڭ داك داك قىزى

فەروز خان- ھىندىستاننىڭ كلىن ئېستۋودى

 

企业微信截图_20180310144121.png
W020180309338363099439.jpg