ماشىنا ئوغرىسى ساقچىدىن قېچىپ مۇزدەك دەرياغا سەكرەپمۇ يەنىلا تۇتۇلۇپ قالدى
0
2018-03-12 10:25:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە ساتتون كولدفىلىد (Sutton Coldfield) رايونىدا 38 ياشلىق كىرىستوفېر كىڭ (Christopher King) ئىسىملىك بىر ئەر ماشىنا ئوغۇرلاپ بىر سائەتتىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئۇنى قوغلىغان ۋە تاكى كول دەرياسى (Cole River) ئەتراپىغا كەلگەن. تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن تارتىۋېلىنغان ۋېدىئودىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، كىرىستوفېر ساقچىلاردىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن ماشىنىنى ھەيدىگەن پېتى دەرياغا ئۆزىنى ئاتقان، بىراق ماشىنىدىن چىقىپ جېنىنىڭ بارىچە ئۈزۈپ، ئاران دېگەندە قىرغاققا بارغاندا يەنىلا ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2-مارت بېرمىڭھام خان جەمەتى سوت مەھكىمىسى (the Royal Court of Birmingham) سوتلاش جەريانىدا كىرىستوفېر كىڭ ئۆزىنىڭ خەتەرلىك ھالدا ماشىنا ھەيدىگەنلىكىنى ۋە ماشىنا ئوغۇرلاشتەك قانۇنسىز قىلمىشىنى ئىقرار قىلغان، سوتچى ئۇنىڭغا ئۈچ يىل ماشىنا ھەيدەشتىن چەكلەش، 18 ئاي كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ۋە 120 سائەت ھەقسىز خىزمەت قىلىش جازاسى بەرگەن.

ۋېدىئوغا ئاساسلانغاندا، كىرىستوفېر شۇ ۋاقىتتا قىزىل رەڭلىك «فورد» ماركىلىق ماشىنىدىن بىرنى ھەيدىۋالغان بولۇپ، ساقچىلار ئۇنى ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ماشىنا سۈرئىتىنى ئاستىلاتماقتا يوق، سۈرئەتنى تېخىمۇ تېزلىتىپ قېچىپ كەتمەكچى بولغان.

غەربى مىدلەندس رايونى (West Midlands)دىن بولغان ساقچى برېت سىتېفېنسون (Brett Stephenson) مۇنداق دېدى: «كىرىستوفېر باشقىلار يولدىن ئۆتۈۋاتقان ۋە بالىلار مەكتەپكە كېتىۋاتقان مەزگىلدە يۇقىرى سۈرئەتتە ماشىنا ھەيدىدى، بۇ خەتەرلىك ماشىنا ھەيدەش قىلمىشىغا كىرىدۇ، ئۇ بىزدىن قېچىش ئۈچۈن سۈرئەتنى توختىماي تېزلەتتى، ئارىلىقتا قىزىل چىراغتىن بۆسۈپ ئۆتتى، قارشى يۆلىنىشلىك يولدا ماڭدى، ھەتتا دەرياغا سەكرىدى، بىراق يەنىلا ئاخىرىد قولىمىزغا چۈشتى. ئۇنىڭ قىلمىشى بەكلا قارىغۇلارچە بولدى، بۇ باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى.»

ئىگىلىنىشىچە، كىرىستوفېرنىڭ يانچۇقىدىن ئۆزەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر ئاچقۇچ چىققان بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ئاچقۇچنى ئوغۇرلىغان ماشىنا بىلەن ئۇلاپ ماسلاشتۇرۇۋالغىلى بولىدىكەن.

 

企业微信截图_20180310144121.png
W020180309338363099439.jpg