تەھلىلچى: iPhoneنىڭ بۇ يىللىق سېتىلىش مىقدارى 220 مىليون دانىگە يېتىدۇ
0
2018-05-15 16:46:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

Appleinsiderنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە ئالمىنىڭ مۇلازىمەت كەسپى بارغانسېرى زورايغان بولسىمۇ، لېكىن ئالما شىركىتىگە ئۇزۇن مۇددەت دىققەت قىلغان تەھلىلچى گېنې مۇنستارنىڭ قارىشىچە، iPhone كەلگۈسى نەچچە يىلدا يەنىلا ئالمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «مۇقىم كەسىپ» ئىكەن.

مۇنستارنىڭ ئېيتىشىچە، ئالمىنىڭ iPhone كەسپى كەلگۈسى نەچچە يىلدا يەنىلا مۇقىملىقنى ساقلايدىكەن، بۇ ئەكسىچە ئالما مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالمىنىڭ پاي چېكى باھاسىنى ئۆستۈرىدىكەن ھەم تېخىمۇ كۆپ نەق پۇلنى مەبلەغ سالغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بېرىدىكەن. مۇنستار 2016-يىلى تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەبلەغ سالغۇچى شىركەت Loup Venturesنى قۇرغان، ئۇ بۇ ھەپتە «ئالما مۇلازىمىتى» يۈرۈشلۈكىنىڭ تۇنجى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە، مۇنستار بىر يۈرۈش «ئالما مۇلازىمىتى» ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، «مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئالما ھېكايىسى ئۈستىدە ئويلىنىدىغان يېڭى ئۇسۇلىنى ئىلگىرى سۈرۈپ»، ئالمىنىڭ ئۆتمۈشتىكى «مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنى» سېلىشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى، مەسىلەن ئەڭ دەسلەپكى Macنىڭ ئېشىش مەزگىلى، iPodنىڭ بازارغا سېلىنىشى ۋە iPhoneنىڭ بارلىققا كېلىشى. ئۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسىدە ئالما مەھسۇلاتلارنى تەشۋىق قىلىش ۋە سېتىلىش مىقدارى سانلىق مەلۇماتى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىكەن، تېخىمۇ كۆپ بولغىنى سىجىل مۇلازىمەت ۋە iPhone سېتىلىش مىقدارىنىڭ سىجىل ئېشىشى ئىكەن.

مۇنستارنىڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىنىڭ نامى «ئالما مۇلازىمىتىنىڭ بىرىنچى بۆلىكى: تېخىمۇ چوڭ iPhone كۆرۈش سېزىمى دەۋرىگە كىرىش» بولۇپ، مۇھىم نۇقتىسى iPhone كەسپىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئەھمىيىتى ئىكەن. مۇنستار دوكلاتتا مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: «تېخىمۇ ئۇزۇن، تېخىمۇ سىجىل تەرەققىياتتىكى سودا ئەندىزىسىنى ئاساس قىلغاندا، ئالمىنىڭ ھېكايىسى ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى سىجىل ئۆرلىشىنى قوللىشى مۇمكىن.»

Loup Ventures ۋول كوچىسىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا قوشۇلغان، ئالما 2018-يىلى ۋە 2019-يىلى 220 مىليون دانىدىن يانفون ساتىدىكەن. ئەمما، مۇنستار ئالمىنىڭ ھازىر ئادەتتىكى ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلىتىۋاتقان ئابۇنىتلار ئارىسىدا غەلىبە قىلىش قىلالماسلىقىدىن گۇمانلانغان.

مۇنستار «ئېشىش مەزگىلى ئاللىقاچان مۇقىملاشتى» دەپ قارىغان. گەرچە بۇ دەۋر بۇرۇنقىدىن ئۇزارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆتكەن ئالتە پەسىلدە، ئالما «تۇنجى قېتىم مۇقىم مالىيە نەتىجىسىنى دوكلات قىلغان»، ئوخشاش مەزگىلدىكى يانفون سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %2 دىن ئاشقان.

مۇنستارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئالما باشتىن ئاخىرى iPhoneدا يۇقىرى تۇتۇپ قېلىش نىسبىتىنى ساقلايدىكەن، بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرىدىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «كۆپ يىللاردىن بۇيان، تەھلىلچىلەر باشتىن ئاخىرى ئىقتىدارى مول رىقابەتچىلەر iPhoneنىڭ سادىقلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ، دەپ مۆلچەرلىگەن، ئەمما ئەزەلدىن بۇنداق ئىش يۈر بېرىپ باقمىدى.»

تەھلىلچىلەر iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ نەچچە ھەپتىدىن كىيىن، ئالما يېقىنقى مالىيە دوكلاتىدا iPhoneنىڭ مۆلچەردىكىدىن ياخشى سېتىلىش مىقدارىنى ئېلان قىلدى. مۇنستارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلگۈسىدە «ئالما مۇلازىمىتى»گە ئائىت مۇلاھىزىلەر iPhoneنىڭ ئالما مۇلازىمەت كەسپى، كاپىتال پايدىسى ۋە يېڭى مەھسۇلاتلىرىدىكى مۇھىملىقىغا چېتىلىدىكەن.

 

U020180512497194297709.jpg
W020180512498444277329.jpg