ئالىملار يەر شارىدىكى يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆلىمىنى ھېسابلاپ چىقتى
0
2018-05-15 17:02:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

ئەگەر كۆزىڭىزنى يۇمۇپ دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز، بەلكىم قويۇق ئورمانلىق، چەكسىز كەتكەن يايلاق، ئېچىلمىغان قاقاس ئېتىزلىقلار كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما سىز ماشىنا ھەيدەپ ماڭغاندا بېسىپ ئۆتكەن ئېتىزلىقنىڭ ئورماندىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان ۋاقتىڭىزدا، ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىزنىڭ پەقەت خىيال ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. بۇ ئەمەلىيەتنى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى دېھقانچىلىق جۇغراپىيەسى كەسپىنىڭ تەتقىقاتچىسى ناۋىن (Navin Ramankutty) بىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ.ناۋىنۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يەر شارىدىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان تەبىئىي مۇھىتنى ھېسابلاپ چىققان.

ئىنسانلار يەر شارىنىڭ يېرىمىغا يېقىن قىسمىنى يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىشلەتكەن، بۇ يەرلەر جەنۇبىي قۇتۇپ ۋە يىراقتىكى شىمالى قۇتۇپنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، بۇ جايلار ئىنسانلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەيدۇ. ھەقىقىي قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان تەبىئىي رايون بولسا ئامازون يامغۇرلۇق ئورمان بەلبېغىدىكى ئورمانلىقلار، ئەمما بۇ رايونلار داۋاملىق كىچىكلىمەكتە. يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى تېرىپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن يەر يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن يەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، قالغان ئۈچتىن ئىككى قىسمىدا بولسا قوي، كالا قاتارلىق باشقا ھايۋاناتلار بېقىلىدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ تېرىلغۇ يەرگە يۇقىرىقى ھايۋانلارنىڭ يېمەكلىكىنى تېرىپ ئۆستۈرۈشى زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

كالا، كۆممىقوناق، پۇرچاق ۋە باشقا ئىنسانلار تېرىپ ئۆستۈرىدىغان زىرائەتلەر كۆپ قىسىم يەرلەرنى ئىگىلىگەن ۋاقىتتا قاقاسلىقلار يوقىلىدۇ. ھازىر نۇرغۇنلىغان ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلار يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالماقتا، ئالىملار بۇنى يەر شارىنىڭ ئالتىنچى قېتىم زور كۆلەملىك يوقىتىشقا دۇچار بولۇشى دەپ قارىماقتا.

بۇ ياۋايى جانلىقلار تۈرىنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ. ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى يولۋاسنىڭ سانى ياۋايى يولۋاستىن خېلىلا كۆپ.

ناۋىننىڭقارىشىچە، ئىنسانلار ياشاش ئۈچۈن يەر شارىنى ۋەيران قىلىۋاتقان بولۇپ، داۋاملىق بۇنداق كېتىۋەرسە قەتئىي بولمايدىكەن.

شۇڭا بىز تېخىمۇ ئاقىلانىلىك بىلەن تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىشلىتىشىمىز زۆرۈر، شۇنداق قىلغاندا بەلكىم بىز ئارزۇ قىلغىنىمىزدەك تېخىمۇ ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىگە ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن.

 

U020180512497194297709.jpg
W020180512498444277329.jpg