مېگان ماركىلنىڭ 61 ياشلىق ئاپىسى غايىسى ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى
0
2018-05-15 17:07:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شاھزادە خاررى بىلەن مېگان ماركىلنىڭ تويى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مېگان ئائىلىسىدىكىلىرىمۇ بەس-بەستە لوندونغا يېتىپ كەلگەن. بىراق يېقىندا مېگاننىڭ ئاپىسى دورىيا راگلاندنىڭ تۇيۇقسىز خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىدەك خەۋەرلەر تارقىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

دورىيا بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بىر يوگا تىرېنېرى، بىراق ئوخشاشلا يەنە لوس ئانجىلىستىكى بىر روھىي ساغلاملىق شىپاخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى. 2017-يىلى ئاۋغۇستتا، مېگان بىر قېتىملىق ماقالىسدە ئاپىسىنىڭ خىزمىتىنى تەسۋىرلەپ: «ئاپام بىر يوگا تېرىنېرى، بىراق ئۇمۇ ئىجتىمائىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بولۇپمۇ، ياشانغانلار مەھەللىسىدە مۇلازىمەت قىلىدۇ، مېنىڭچە بولغاندا، بۇ ئاپامنىڭ تەربىيەلەش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا بولغان ئەستايىدىللىقىنىڭ ئىپادىسى. بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپامدا ئەسلىدىنلا بولۇشقا تېگىشلىك بىر خىل ئەركىن روھ»، دېگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، دورىيانىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشىدىكى سەۋەب بولسا، «غايىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆز كەسپىنى يارىتىش» ئىكەن. ئۇ ئىزچىل نىشانى توغرىسىدا ئويلىنىۋاتقان بولۇپ، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، خۇسۇسىي شىپاخانا ئېچىپ، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى بىمارلىرىغا ياردەم ۋە مۇلازىمەت قىلىدىكەن».

شۇنداق قىلىپ، دورىيانىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى خەۋىرى تارقىلىشتىن بىر سائەت بۇرۇن، مېگاننىڭ دادىسى توماس ماركىلنىڭ قىزىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقى جاكارىلاندى. بۇ دادا ئىلگىرى مەلۇم بىر «ماراقچى» بىلەن ھەمكارىلىشىپ، توي مۇراسىمىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى «ياڭزى»غا چۈشكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بەزى تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئالتە كۈن بۇرۇن، توماسنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغالغان بولۇپ، بىراق تىنچ-ئامان دوختۇرخانىدىن چىققان. ئەنگلىيە خان جەمەتى توماسنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىغا ھېچنېمە دېمەستىن بىر بايانات ئېلان قىلىپ: «تويدىن بۇرۇنقى بۇ كۈنلەر مېگان ماركىل ئۈچۈن ئىنتايىن خۇسۇسىي كۈنلەردۇر، بۇنداق قىيىن ئەھۋالدا، ئۇ شاھزادە خاررى بىلەن بىر قانچە قېتىم ماركىل ئەپەندىمدىن توي مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىپ ھۆرمىتىنى بىلدۈردى»، دېگەن.

 

U020180512497194297709.jpg
W020180512498444277329.jpg