رۇسىيەلىك داڭلىق ناخشىچى مەستانىلىرىگە تىزلىنىپ رەھمەت ئېيتىپ، 3000 دەك كىشىنى ھەقسىز غىزالاندۇردى
0
2018-06-13 14:15:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 11-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ داڭلىق مودا ئايال ناخشىچىسى ئورىكا بۇزوۋانىڭ تۇنجى ئاشپۇزۇلى BuzFOOD دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ھارپىسىغا ئۈلگۈرۈتۈپ، موسكۋانىڭ شەھەر مەركىزىدە داغدۇغىلىق تىجارەت باشلىغان. شۇ كۈنى، گەرچە ئازىراق يامغۇر ياغقان بولسىمۇ، بىراق 5000 غا يېقىن مەستانە نەق مەيدانغا كېلىپ ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن.

ئورىكا مەيداننى ئايلىنىپ يۈگۈرۈپ، نەق مەيداندىكى مەستانىلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. بىراق بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتتىمۇ قانداق، «پاققىدە» تىزلىنىپ، مەستانىلىرىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى.

ئورىكانىڭ تىزلىنىپ تۇرۇپ مەستانىلىرىگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈشى تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. بەزىلەر ئۇنى «ياڭزى»غا قىلىپ، مەستانىلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىماقچى بولغان دېگەن بولسا، يەنە بەزىلەر مەستانىلەر ۋە ئاڭلىغۇچىلار ئورىكانىڭ «ئاتا-ئانىسى» ئۇنىڭ «ئاتا-ئانىسى»غا تىزلىنىشى نورمال ئەھۋال دېيىشتى.

ئورىكانىڭ ئۆزىمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا پارچە يوللاپ، مەستانىلىرىنىڭ شەرتىسز قوللاپ بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىپ: «بۈگۈن تۇنجى ئاشپۇزۇلۇم موسكۋا شەھىرىدە تىجارەت باشلىدى. سىلەرنى كۆرۈپ، بىرلىكتە ناخشا ئېيتتىم، بىرلىكتە بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ ھەم يىغلىدىم ھەم كۈلدۈم. ھەقىقىي بەختنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم، ھەتتا يامغۇرمۇ بىزنى توسۇپ قالالمىدى، سىلەر تۇرمۇشۇمنىڭ بارلىق مەنىسى، سىلەر مېنىڭ ئوردىنالىم، مېنىڭ ھاياتىم، ھەربىرەيلەنگە رەھمەت»، دېدى.

ئورىكانىڭ دېيىشىچە، تىجارەت باشلىغان شۇ كۈنى ئۇ 3000 دىن ئارتۇق مېھماننى ھەقسىز كۈتكەن.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇ ئات مىنىپ MUS-TV مۇزىكا مۇكاپاتىنى تارقىتىش تەنتەنىسىگە قاتنىشىپ، ئاق رەڭلىك كۆينىكى تۇيۇقسىز سىيىرىلىپ كېتىشى بىلەن تاماشا چەمبىرىىكىدە بىر مەھەل قىزىق پاراڭغا ئايلانغان.