چېڭلوڭ بىلەن جوۋ رۇنفا نېمە سەۋەبتىن ھازىرغىچە ھەمكارلىشىپ باقمىغان؟
0
2003-03-02 00:00:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

چېڭلوڭنىڭ خەلقئارادا ئېرىشكەن نەتىجىسى ھەرقانداق ئادەمنى ھەۋەس قىلدۇرىدۇ، ئۇ ھازىرغىچە نۇرغۇن چولپانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ باققان بولۇپ، جېن زىدەن، لى ليەنجيې، خوڭ جىنباۋ، جوۋ شىڭچى قاتارلىق شياڭگاڭ كىنوچىلىقىدىكى زور تەسىرگە ئىگە چولپانلارنىڭ كۆپىنچىسى چېڭلوڭ بىلەن بىرگە كىنو ئىشلەپ باققان. لېكىن، چېڭلوڭ ھازىرغىچە شياڭگاڭ كىنوچىلىقىدىكى «چوڭام»لارنىڭ بىرى جوۋ رۇنفا بىلەن بىرگە كىنو ئىشلەپ باقمىغان بولۇپ، بۇمۇ ئىككەيلەننى ياخشى كۆرىدىغان مەستانىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئىككەيلەن دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھوللىۋودتىمۇ بەلگىلىك نام قازانغان بولۇپ، جوۋ رۇنفاغا سېلىشتۇرغاندا چېڭلوڭنىڭ ھوللىۋودتىكى تەسىر كۈچى بىر قەدەر چوڭ ھېسابلىنىدۇ. ئەمسە ئۇلار زادى نېمە ئۈچۈن بىر كىنودا ھەمكارلىشىپ باقمىغان؟ نۇرغۇن كىشىلەر ئىككى داڭدار چولپاننىڭ بىر كىنودا باش رول ئېلىشى ئىنتايىن قىيىن ئىش دېيىشىدۇ، گەرچە بۇ سۆزلەرنىڭ ئاساسى بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھەقىقىي سەۋەب ئەمەس.

چېڭلوڭ ئىلگىرى جوۋ رۇنفا بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، كۆپ قېتىم تېلېفون ۋە كۆرۈشكەنلەردە ئۇنىڭغا تەڭ كىنو ئىشلەش ئويىنى بىلدۈرگەن، لېكىن ئۇ جوۋ رۇنفانىڭ مىجەزىنىڭ غەلىتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بىر قېتىم چېڭلوڭ تېلېفوندا «ئەگەر سەن بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر كىنو ئىشلىيەلىگەن بولسام، ۋاھ!»، دېگەن بولۇپ، جوۋ رۇنفا بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چېڭلوڭغا «ئەگەر ۋاھ دېسەڭ، ئۇنداقتا بىز ھەمكارلاشمايلا قويايلى»، دېگەن.

شۇنىڭ بىلەن چېڭلوڭ جوۋ رۇنفانىڭ مىجەزىنىڭ غەلىتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان، بەلكىم تورداشلار جوۋ رۇنفانىڭ نېمە ئۈچۈن «ۋاھ» دېگەن سۆز ئارقىلىقلا چېڭلوڭ بىلەن ھەمكارلاشمىغانلىقىنى چۈشەنمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، جوۋ رۇنفا ياخشى سېنارىيەنى چېڭلوڭ بىلەن ھەمكارلىشىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل دەپ قارىغان بولۇپ، لېكىن چېڭلوڭنىڭ بۇ سۆزلىرى سېنارىيەنىڭ ئىككەيلەننىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئارقىسىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئىككەيلەننىڭ ھەمكارلىقىدىن شەكىللەنگەن مەنپەئەتنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئەمەلىيەتتە بۇلا ئەمەس، ئىككەيلەننىڭ كىنو ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ، چېڭلوڭنىڭ كىنولىرىدا چېڭلوڭ باش رول ھەمدە يۇمۇرىستىك ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلەر كۆپ، لېكىن جوۋ رۇنفانىڭ ئۇسلۇبى قىمار شاھى، شياۋما، شۈ ۋېنچياڭ قاتارلىق بۇ خىل ئوبرازلارغا بەكرەك چۈشىدۇ، كىنولىرىدىمۇ پەقەت ئۆزىلا باش رول ئەمەس.

ھازىر بۇ چولپانلارنىڭ يېشىمۇ چوڭايدى، لى ليەنجيې، خوڭ جىنباۋ، جوۋ شىڭچى قاتارلىق چولپانلارنىڭ تېخىمۇ روشەن بولماقتا. گەرچە چېڭلوڭ بىلەن جوۋ رۇنفانىڭ ئۇسلۇبى ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن بىر قېتىم ھەمكارلاشقان بولسا بۇ كۆرۈرمەنلەرگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن «ۋاھ» دېگۈدەك ئىش بولغان بولاتتى. سىلەرچە ئىككەيلەننىڭ ھەمكارلاشماسلىقىدا يەنە باشقا سەۋەبلەر بارمۇ؟