ئاپوللو ئايغا چىقىش ۋەقەسى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئاي شارىنى ئىسسىتىۋەتكەن
0
2009-09-04 00:00:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

ھەممە بىلگەندەك، ئىنسانلار پائالىيىتى يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. ئەمما بىر ئەڭ يېڭى تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئىنسانلار پائالىيىتى يەنە ئاي شارىنىمۇ ئىسسىتىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئالىملار «يەر شارى فىزىكا تەتقىقاتى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر ئەڭ يېڭى تەتقىقات ماقالىسىدە ئاپوللو ئايغا چىقىش ۋەقەسى ئەمەلىيەتتە ئاي شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئايغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گەرچە خىمىيەلىك ماددا ياكى ھەر قانداق خىمىيەلىك بىرىكمىلەرنى قويۇپ بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئاي شارى سىرتقى يۈزىدە پىيادە ۋە ئاپتوموبىلدا ماڭغان، مۇشۇ ئىشلار ئاي شارىنى ئىسسىتىۋېتىدىكەن، ئەمما بۇ ئەھۋال ئۇلار كېتىپ قالغاندىن كېيىن كۆرۈلگەن.

ئاي شارىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىر قەۋەت پارقىراق چاڭ-توزان ئوراپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ يىمىرىلمە قەۋەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىغان بولغاچقا، قۇياش نۇرى ئاستىدا بۇ يىمىرىلمە قەۋەت بىر قىسىم نۇر قايتۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپوللو پىلانى چاڭ-توزانلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاستىغا يوشۇرۇنغان سەل قاراڭغۇ كەلگەن ئاي شارى تۇپرىقىنى سىرتقا كۆرسىتىپ قويغان، بۇنىڭ بىلەن ئاي شارى ئومۇمىي جەھەتتىن تېخىمۇ قاراڭغۇ بولۇپ قالغان. رەڭگى قېنىقلاشقان تۇپراق تېخىمۇ كۆپ نۇرنى سۈمۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىقنى قوبۇل قىلغان.

تەتقىقاتچى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «يېقىندا ئاي شارىنى تەكشۈرگۈچى ئوربېتىر (LRO)نىڭ كامېراسى ئىككى قونۇش نۇقتىسىدا تارتقان سۈرەت ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ يىمىرىلمە قەۋەتتىن ئۆتۈپ، نۇر ئەكس ئەتتۈرۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى. بىز ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ پائالىيىتى يىمىرىلمە قەۋەتتىكى قۇياش ئىسىسىقلىق ئېنىرگىيەسىنىڭ سۈمۈرۈشىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، ئاي شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايمىز.»