ئەنگلىيەلىك ئەر-ئايال ھەق ئېلىش كۆۋرۈكىنى ئالتە مىليون 840 مىڭ يۈەنگە ساتماقچى
0
2018-06-13 13:20:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر جۈپ ئەر-ئايال ئۆزلىرىگە غايەت زور كىرىم ئېلىپ كېلىدىغان ھەق ئېلىش كۆۋرۈكىنى 8000 فوندستېرلىڭغا (تەخمىنەن ئالتە مىليون 840 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) سېتىۋەتمەكچى بولغان.

بۇ كۆۋرۈك ئەنگلىيەنىڭ خاررىي ۋىلايىتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىسمى «Whitney-on-Wye»، ئەنگلىيەدىكى سەككىز خۇسۇسىي ھەق ئېلىش كۆۋرۈكىنىڭ بىرى. بۇ جاي ساياھەتچىلەر ۋە چارلىغۇچىلارنىڭ چوقۇم ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئورنى بولغاچقا، «پۇل خەجلەپ» يول سېتىۋېلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ فوندستېرلىڭدىن (تەخمىنەن 855 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) ئاشىدۇ.

بۇ كۆۋرۈكنىڭ خوجايىنى مەگگى تايلور بىلەن گىراخېم پېننىي 2012-يىلى بۇ كۆۋرۈكنى سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ بۇ كۆۋرۈك پايدا ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىغان.

ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق ساياھەت ئورنى ئالتۇن جىلغىسىغا بېرىش ئۈچۈن چوقۇم مۇشۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش كېرەك بولغاچقا، بۇ جاينىڭ كىرىمىنىڭ بۇنچىۋالا ياخشى بولۇشىدىن ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ.

بۇ ئەر-ئايال ھازىر بۇ كۆۋرۈكنى 795000 فوندستېرلىڭغا (تەخمىنەن ئالتە مىليون 800 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) ساتماقچى بولدى.

بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن مەگگى تايلور: «ھازىر بىز بەك ئالدىراش، بىز يېڭى كەسىپلەرنى ئىلتىماس قىلدۇق» دېدى. ئۇلار ھازىر يېڭى پىلانىنى ئىلتىماس قىلىپ، بىر ئاشپۇزۇل، تۆت ئېكولوگىيەلىك كىچىك ئۆي ھەمدە قاتناش بېجى باج ئورنى ئاچماقچى بولغان.

شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئەر-ئايالنىڭ كۆۋرۈكنى سېتىۋېلىشىدىمۇ بىر مەقسىتى بار. ھازىرمۇ ئۇلار يەنىلا ئىنتايىن پايدىلىق چوت سوقماقتا.