ئالما بىرلەشمە قۇرغۇچىسى: بۆلەك زەنجىرىدىكى كۆپتۈرۈش قىلمىشى ئەينى يىلىدىكى ئىنتېرنېت كۆپۈكىگە ئوخشايدۇ
0
2018-06-27 18:22:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالمىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ستېۋ ۋوزنىياكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلەك زەنجىرىنى چۆرىدىگەن كۆپتۈرۈش ھەرىكىتى ئىنتېرنېت كۆپۈكى دەۋرىدىكى چېكىدىن ئاشقان تەلۋىلىككە ئوخشايدىكەن، ئەينى يىللىرى كۆپلىگەن شىركەتلەر تېز سۈرئەتتە ۋەيران بولغان.

ۋوزنىياك 26-ئىيۇندىكى نيۇيورك NEX پەن-تېخنىكا يىغىنىدا مۇنداق دېدى:«ئۇ دېگەن كۆپۈك، مەن بۆلەك زەنجىرىدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال بار دەپ قارايمەن.» ئۇ ئاممىغا ئەينى ۋاقىتتا ئىنتېرنېت ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەن كۆپلىگەن شىركەتلەر تېز سۈرئەتتە ۋەيران بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەمما ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسى رېئال قوللىنىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەن، چۈنكى ئۇ «مەركەزلەشتۈرۈشتىن يىراق ھەمدە پۈتۈنلەي ئىشىنىشكە ئەرزىيدىكەن». ئەمما ئىنتېرنېتقا ئوخشاش، ئۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ۋاقىتتا ئاندىن مۆلچەردىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ۋوزنىياك مۇنداق دېدى: «ئەگەر ھازىرغا قاراپ باقىدىغان بولسىڭىز، بارلىق ئىنتېرنېت شەيئىلىرىدە ئۆزگىرىش بولدى دەپ قارايسىز، بىز بۇ نۇقتىنى چۈشىنىمىز، پەقەت ئازراق ۋاقىت كەتتى خالاس. بۇنى بىر كۈندە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، دەسلەپتە پەيدا بولغان كۆپلىگەن بۆلەك زەنجىرى ئۇزۇن ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا تەييارلىق كۆرمىسە، ئۇ ھالدا ھالاك بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن.»

U020180627359878834685.jpg
1123028590_1529885686283_title0h.jpg
U020180626373196834995.jpg
1123031911_1529904081453_title0h.jpg