قىزچاق مۈڭگۈزى كېسىۋېتىلگەن كەركىداننى مېھىرىبانلىق بىلەن سۆيۈپ قويدى
0
2018-06-27 18:23:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

2018-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى خەۋىرى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئېلىزابېت پورتىغا جايلاشقان ھايۋانلارنى قوغداش رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملار كەركىدانلارنىڭ مۈڭگۈزىنى ئوغرىلىماقچى بولغانلارنىڭ كەركىدانلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ يەردىكى كەركىدانلارنىڭ مۈڭگۈزىنى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ھەرىدەپ كېسىۋېتىدۇ.

يېقىندا، ھايۋانلارنى قوغداش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەر Chunk ئىسىملىك بىر كەركىداننىڭ مۈڭگۈزىنى ھەرىدەۋاتقان چاغدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر ئىش يۈز بەرگەن.

ھايۋانلارنى قوغداش رايونىنىڭ مەسئۇل خادىمى Ayesha Cantor تارتىۋالغان سىن كۆرۈنۈشىدە، دوستىنىڭ ئۈچ ياشلىق قىزى Ava كەركىداننىڭ كۈڭگۈزى كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يېنىغا ئاستا بېرىپ كەركىداننى سۆيۈپ قويغان ھەمدە كەركىداننىڭ بالدۇراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلغان. بۇ كۆرۈنۈش كۆپلىگەن كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتقان.

 

U020180627359878834685.jpg
1123028590_1529885686283_title0h.jpg
U020180626373196834995.jpg
1123031911_1529904081453_title0h.jpg