بىيادى چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل باتارېيەسى زاۋۇتى قۇرۇۋاتىدۇ
0
2018-06-27 18:24:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىيادى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل باتارېيەسى زاۋۇتى قۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ جۇڭگودىكى ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسى بۇ ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن ھەمدە پايدىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

ۋاررېن باففېتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان بىيادىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ زاۋۇت كېلەر يىلى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋاقىتتا، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 24GWhقا يېتىپ، بىر مىليون 200 مىڭ دانە بىيادى تاڭ توكلۇق ئاپتوموبىلىنى قۇراشتۇرۇشقا بولىدىكەن. بۇ زاۋۇت بۈگۈن ئاشكارىلانغان بولۇپ، كۆلىمى مىليون كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن، بۇ تەخمىنەن 140 پۇتبول مەيدانىغا تەڭداش كېلىدۇ، بۇ زاۋۇت بىيادىنىڭ 2020-يىلى باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇپ، 60GWhقا يەتكۈزۈش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىكەن.

بىيادىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ زاۋۇت چىڭخەي ئۆلكىسىدە بولۇپ، پۈتۈنلەي ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان، تەخمىنەن 100 ماشىنا ئادەم ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل بولىدىكەن.

جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل مىقدارى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ بۇ كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، بىيادى ۋە نىڭدې دەۋر قاتارلىق باتارېيە ياساش زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. نىڭدې دەۋرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسى ياساش زاۋۇتىغا ئايلاندى.

U020180627359878834685.jpg
1123028590_1529885686283_title0h.jpg
U020180626373196834995.jpg
1123031911_1529904081453_title0h.jpg