قەھرىمان ئېيىق ئانا بالىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنى پويىزنىڭ ئالدىغا ئاتتى
0
2018-06-27 18:26:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ شەخسىيەتسىز مۇھەببەت چوقۇمكى ئانا مۇھەببىتى، يېقىندا رۇسىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا بىر ئانا ئېيىق ئۆزىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئانا مۇھەببىتىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى شەرھلەپ بەرگەن، پويىز ئۇنىڭ رېلىستا تۇرۇپ قالغان ئىككى بالىسىغا يېقىنلاشقاندا ئەسلىدە رېلىسنىڭ سىرتىدا تۇرغان ئانا ئېيىق ھېچنىمىگە قارىماستىن تۆمۈر يولغا ئېتىلغان، ھەتتا بالىسىنى بېسىۋېتىش ئالدىدا تۇرغان پويىزدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور «پولات مەخلۇق» نى بەدىنى بىلەن توسۇپ قالماقچى بولغان، نەتىجىدە ئۇ بالىلىرىنى ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بولسىمۇ بىراق ئۆزىنىڭ ھاياتىنى تۆمۈر يول ئۈستىدە قۇربان قىلغان.

كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان ۋە تەسىرلەندۈرىدىغان بۇ بىر بۆلەك سىن كۆرۈنۈشىدە، ئانا ئېيىق ئىككى بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ تۆمۈر يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئايلىنىپ يۈرگەن بولۇپ، ئەسلىدە ئۇلار تۆمۈر يولدىن كېىسپ ئۆتۈپ، ئورمانلىققا كىرمەكچى بولغان. ئانا ئېيىق ئالدى بىلەن تۆمۈر يولنىڭ سول تەرىپىگە ئۆتكەن، بىراق ئۇنىڭ ئىككى بالىسى يەنىلا تۆمۈر يولنىڭ ئۈستىدە تۇرىۋېلىپ بىر-بىرى بىلەن ئوينىشىشقا باشلىغان. سىن كۆرۈنۈشىدە پويىزنىڭ بىر شوپۇرى ئېيىققا قاراپ: «تېز بالىلىرىڭنى ئېلىپ تۆمۈر يولدىن ئايرىلغىن» دەپ توۋلىغان ۋە پويىزنىڭ گۈدۈكىنى چېلىپ ئۇلارنى قاچۇرۇۋەتمەكچى بولغان.

بىراق پويىزنىڭ گۈدۈك ئاۋازى بۇ ئىككى كىچىك ئېيىقنى قورقۇتىۋەتكەندەك ئۇلار رېلىسنىڭ ئۈستىدە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان، ئاللىبۇرۇن تۆمۈر يولدىن ئايرىلىپ بولغان ئانا ئېيىق بالىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قايتىدىن تۆمۈر يولنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، بالىلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋالغان. بىراق ئۇ ئالدىدىكى بۇ غايەت زور «پولات مەخلۇق» نىڭ توختاي دېمىگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، باتۇرلۇق بىلەن پويىزنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، بالىلىرىنى قوغداپ قالماقچى بولغان.

سىن كۆرۈنۈشنىڭ ئاخىرىدا ئىككى كىچىك ئېيىق ۋاقتىدا تۆمۈر يولدىن چۈشۈۋېلىپ، توسمىنىڭ بىر تەرىپىنى بويلاپ يۈگۈرگىنىچە ئورمانلىققا كىرىپ كەتكەن، بىراق ئانا ئېيىق كېلىۋاتقان پويىزدىن ئۆزىنى قاچۇرالمىغان.

سىن كۆرۈنۈشىدە بىر ئەر يېنىدىكىلەردىن «ئانا ئېيىق قاچالىدىمۇ؟» دەپ سورىغان، يەنە بىرەيلەن ئۇنىڭغا «ئانا ئېيىق پويىزنىڭ ئاستىدا قالدى» دەپ جاۋاب بەرگەن.

شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېيىق كۈچۈكلىرى بەك كىچىك بولغاچقا مۇستەقىل ياشىيالمايدىكەن، ئانىسىدىن ئايرىلغان بۇ كىچىك ئېيىقلارنىڭمۇ ھايات قېلىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

تورداشلار بۇ سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى تەسىرلەنگەن ۋە تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قالدۇرغان،بىر تورداش: «بىر ئانا بالىلىرىنى قوغداشتەك تەبىئىتىنى نامايەن قىلدى، بۇ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدۇ، ئانىنىڭ بۇ خىل تەبىئىتى ئۇنى ھاياتىدىن ئايرىدى» دەپ ئىنكاس قالدۇرغان. يەنە بىر تورداش: «كۆرۈنۈش تولۇق تارتىلماپتۇ، بەلكىم ئانا ئېيىق ئەڭ ئاخىرقى بىر دەقىقىدە تۆمۈر يولدىن ئايرىلىپ، بالىلىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، مەن بۇ ئۇلۇغ ئانا ئېيىقنىڭ ھايات قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ يازغان. يەنە بەزى تورداشلار: «بۇ خەۋەر مېنى ناھايىتى ئازابلىدى» دېگەندەك ئىنكاسلارنى قالدۇرغان.

U020180627359878834685.jpg
1123028590_1529885686283_title0h.jpg
U020180626373196834995.jpg
1123031911_1529904081453_title0h.jpg