ئامېرىكىلىق سەنئەتكار «نەپەسلىنەلەيدىغان» رەسىملەرنى سىزىپ چىقتى
0
2018-08-09 14:57:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئادەم بەدىنى رەڭلىك سىزما سەنئىتى مودىغا ئايلىنىپ، كۆپلىگەن سەنئەتكارلار بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق روھىي دۇنيا قارىشىنى ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدىغان بولدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بەدىئىي ئۇسۇل يەنە چەكمە رەڭلىك سىزما دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۆسۈملۈك بوياقلىرى بىلەن گۈزەل كىيىم سىزىپ، كىشىگە ئالاھىدە گۈزەل تۇيغۇ ئاتا قىلالايدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرىدىغىنىمىز، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئادەم بەدىنى رەڭلىك سىزما سەنئەتكارى ئالېكىسا، ئۇ ماي بوياقنى ئادەم بەدىنى ۋە ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇققا ئىشلىتىپ، بىر خىل خىيالىي تۇيغۇنى پەيدا قىلالايدۇ.

سۈرەتتە، ئالېكىسا خىزمەت قىلماقتا.

ئالېكىسانىڭ ئۇسۇلى پۈتۈن دۇنيادا داڭق قازانغان بولۇپ، مەسىلەن، پارىژڙكوچىسى، توكيو كوچىسى ھەمدە ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايونىدىكى دۆلەتلىك رەسىم كارىدورلىرىدا بۇ ھەقتە ھەرخىل كۆرگەزمىلەر ئۆتكۈزۈلگەن.

ئالېكىسانىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. ئۇ ئايلانما نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدىكى ۋاقىت-بوشلۇق تەتقىقاتى خادىمى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۇنيادىكى داڭلىق سېھىرىگەر دەيۋىد بىرايىن بىلەن خىيالى تەسەۋۋۇرنى ئىجاد قىلىپ، ئاممىباب مۇزىكا گىگانت چولپىىنى ئېلىنا گىراندنىڭ بەدىنىگە رەسىم سىزغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ نۇتۇقىنىمۇ مىليونلىغان كىشىلەر كۆرگەن.

 

«مەن ھازىر ئالاھىدە ئۇسلۇبىنى بەرپا قىلىۋاتىمەن، سىز بۇنى بىر پارچە رەسىم دېسىڭىز بولمايدۇ. ئېنىقىنى قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ھەقىقىي رەڭ»، دېدى. ئالېكىسا.

سۈرەتتە، ئالېكىسانىڭ ئەسىرى «ساددىلىق»، بۇ ئەسەر قارىماققىلا كىشىگە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرالايدۇ.

سۈرەتتە، ئالېكىسا ئامېرىكىنىڭ ئاممىباب ناخشا گىگانت چولپىنى ئېلىنا گىراندقا رەسىم سىزىۋاتىدۇ.

سۈرەتتە، ئالېكىسانىڭ ئەسىرى.

ئالېكىسانىڭ ئەسەرلىرى ھەمىشە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، قارىماققا رەسىم كارىدورىدىكى تامغا ئېسىقلىق بۇيۇمغىلا ئوخشايدۇ. بۇ سەنئەتكار ئەسەرلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ ھەقىقىي ھالدا ئىنسانلارنى سىزىپ، ئۇلارنى ھەرىكەتچان، جانلىق يەنە كېلىپ نەپەس ئالالايدىغان، كىشىنى دىققىتىنى تارتالايدىغان رەسىمگە ئايلاندۇرغان.

U020180808360731080604.jpg
U020180808358972124415.jpg
U020180803391945811101.jpg