تاشقورغان مۇھاپىزەت رايونى «قىزىپ» كەتتى
0
2018-09-12 09:59:00
|
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

ئالتۇن كۈز ئېيى كىرىشى بىلەن، بىر قىسىم ياۋا ھايۋانلارنىڭ جۈپلىشىش پەسلى يېتىپ كەلدى. يېقىندا، تاشقورغان ياۋا ھايۋانات تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئىمىنجان پامىر توپ-توپ ئارقارلارنى سۈرەتكە تارتتى. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى تەڭرىتېغى، كوئېنلۇن تېغى، قاراقۇرۇم تېغى، ھىمالايا تاغ تىزمىسى ۋە ھىندىقۇش تاغلىرى كېسىشكەن شەرقىي پامىر ئېگىزلىكىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئېلىمىز قارلىق ئېگىزلىك رايونىدىكى مۇھىم تۈرلەر گېن ئامبىرى ھېسابلىنىدىكەن. مۇھاپىزەت رايونىدا تەبىئىي بايلىق مول ھەم كۆپ خىل بولغاچقا، يىلپىز، ماركىپولو ئارقارى، كۆكمەت، ئۇزۇن قۇيرۇق سۇغۇر، ئوتلاق توشقىنى، قوڭۇر ئېيىق، بۆرە، تۈلكە قاتارلىق ھايۋانلارنى، شۇنىڭدەك ئۇلار ۋە تازقارا قاتارلىق پەسىل قۇشلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇھاپىزەت رايونى مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئارقارلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگەن. ھەر يىلى كۈز پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەن ئارقار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ «مۇھەببەت»لىشىدىغان پەيتى يېتىپ كېلىپ، توپ-توپ ئارقارلار  مۇھاپىزەت رايونىغا «يىغىلىپ» ئۇچرىشىدىكەن، ئاز ئۇچرايدىغان بۇ خىل كۆرۈنۈش ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ئىكەن.

 

 
微信图片_2.jpg
1123396771_1536314358909_title0h.jpg
1123397530_1536333595423_title0h.jpg
U020180908395071640120.jpg
U020180908391224285880.jpg