​ساتىراچ ئۇستام، مەندە ئۆچىڭىز بارمىدى؟
0
2018-11-15 17:33:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

 ساتىراچ ئۇستام، مەندە ئۆچىڭىز بارمىدى؟

چاچ پاسونىنىڭ مۇھىملىقىنى خېلى كۆپ كىشىلەر بىلىدىغۇ دەيمەن. ياخشى چاچ پاسونى ئادەمنىڭ تەقى-تۇرقى، قىياپىتىگە باشقىچە سالاپەت ۋە گۈزەللىك قوشىدۇ. بىراق قاملاشمىغان چاچ پاسونى بولسا ئادەمنى بىردەمدىلا ......بولدى بۇنى دېمەيلا قويايلى. چۈنكى بۇمۇ ھەممىمىزگە ئايان بىر مەسىلە. بورېد پەندا تور بېكىتى(Bored Panda) يېقىندىن بۇيان توردا مودا بولۇپ ئالقىشقا ئېرىشكەن قىزىقارلىق لېكىن «كىشىنى ئازابقا سالىدىغان » چاچ پاسونلىرىنى يىغىپ رەتلىگەن. بۇرۇن مەيلى چېچىڭىزنى قانداق سەت ياسىتىپ باققان بولۇڭ، بۇ يەردىكى چاچ پاسونلىرىنى كۆرسىڭىز بىر خىل تەسەللىي تېپىپ قالىسىز.

 

1. ساتىراچ: سىزنىڭ چېچىڭىزنى قانداق ياساپ قويىمەن؟

ئۇ: سىز كۈز پەسلىدە ماشىنا ھەيدەپ باققانمۇ؟

ساتىراچ: چاتاق يوق. سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى چۈشەندىم بۇرادەر.

شۇنىڭ بىلەن مۇنداق چاچ پاسونى بارلىققا كەلدى.

 

2. ساتىراچ: سىزنىڭ چېچىڭىزنى قانداق ياساپ قوياي؟

ئۇ: مېنى بىزار قىلغان ئادەملەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغۇم يوق.

ساتىراچ: چاتاق يوق. ماڭا تاپشۇرۇڭ!

3.ساتىراچ: سىزنىڭ چېچىڭىزنى قانداق ياساپ قويىمەن؟

ئۇ: مېنىڭ ئەمدى باشقىلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەتتە بولغۇم يوق، ئالاقە قىلغۇم يوق.

ساتىراچ: چاتاق يوق. كىچىكلا ئىشقۇ بۇ.

 

4.ساتىراچ: چېچىڭىزنى قانداق ياسىتاي دەيسىز؟

ئۇ: سۈتنى قەھۋە ئۈستىگە تۆكۈپ ئارىلاشتۇرغاندەك بولسىكەن دەيمەن،

ساتىراچ: مەنمۇ قەھۋەنى مۇشۇنداق ئىچىشنى ياخشى كۆرىمەن. چاتاق يوق !

 

5. ساتىراچ: چېچىڭىزنى قانداق ياسىتىسىز؟

ئۇ: سىز «شىن پۇسىن ئائىلىسى»نى كۆرگەنمىدىڭىز؟

ساتىراچ: ھە چۈشەندىم، چاتاق يوق.

 

6. ساتىراچ: چېچىڭىزنى قانداق ياسىتاي دەيسىز؟

ئۇ: سىز ۋىندوۋس ئېكىس پى(Windows XP) نىڭ بەلگىسىنى كۆرگەنمۇ؟

ساتىراچ: ھە چۈشەندىم. ماقۇل.

 

7. ساتىراچ: سېچىڭىزنى قانداق ياسىتىسىز؟

ئۇ: ئۆزۈممۇ بىلمىدىم. ئىشقىلىپ يېقىندىن بېرى كەيپىياتىم نىجاسەت كەبى تۇرىدۇ.

ساتىراچ: مەن چۈشەندىم.

 

8. ساتىراچ: چېچىڭىزنى قانداق ياساتماقچى ؟

ئۇ: مەن بىر سائەتتىن كېيىن چېركاۋغا بارماقچى ئىدىم.

ساتىراچ: مەن چۈشەندىم.

 

9. ساتىراچ: چېچىڭىزنى قانداق پاسوندا ياسىتاي دەيسىز؟

ئۇ: باشقىلار ئارقامدىن قاراپ مېنىڭ ياش ھەم شوخلۇقۇمغا ھەۋەس قىلسا دەيمەن.

ساتىراچ: مەن چۈشەندىم.

 

10. ساتىراچ: چېچىڭىزنى قانداق ياساتماقچى؟

ئۇ: مېنىڭ كىشىلىك ھاياتىمنى ۋايران قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ دۇنيادا تارتىشقۇدەك ھېچنىمەم قالمىدى.

ساتىراچ: مەن چۈشەندىم.

 

11.ساتىراچ: چېچىڭىزنى قانداق ياساتماقچى؟

ئۇ: سىز چوڭقۇر دېڭىز رايونىدىكى چوڭ ئاناناسنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟

ساتىراچ: ھە چۈشەندىم.

 

12. ساتىراچ: چېچىڭىزنى قانداق ياسىتىسىز؟

ئۇ: كالا گۆشى قىيمىسىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتسىكەن دەيمەن.

ساتىراچ: ھە، چۈشەندىم.

 

13. ساتىراچ: چېچىڭىزنى قانداق ياسىتىسىز؟

ئۇ: مەن فولىسا بىلەن كۈرەش قىلىشىم كېرەك.

ساتىراچ: بولىدۇ، مەن چۈشەندىم.

 

14. ساتىراچ: چېچىڭىزنى قانداق ياساپ قوياي؟

ئۇ: ئۆزۈممۇ بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. بىراق مەن شاكىلات قىياملىق پىرەنىككە بەكلا ئامراق.

ساتىراچ: مەن چۈشەندىم.

 

15.ساتىراچ: چېچىڭىزنى قانداق ياسىتىسىز؟

ئۇ: سىز كۆپەيتىش ماشىنىسىنىڭ سىياھىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن بىرىنچى ۋاراق قەغەزنىڭ قانداق چىقىدىغانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟

ساتىراچ: مەن چۈشەندىم.

 

16. ساتىراچ: سىزنىڭ چېچىڭىزنى قانداق ياساپ قوياي؟

ئۇ: بىلمەيمەن. بىراق مەن دائىملا دوپپامنى چۈشۈرۈپ قويىمەن.

ساتىراچ: مەن چۈشەندىم.

 

17.ساتىراچ: چېچىڭىزنى قانداق ياساپ قوياي؟

ئۇ: يازدا ئادەم يېيىشنى بەك ئارزۇ قىلىدىغان مېۋە قايسى؟

ساتىراچ: ھە چۈشەندىم.

 

18.ساتىراچ: چېچىڭىزنى قانداق ياسىتىسىز؟

ئۇ: بۇرادەر، مېنىڭمۇ ھېچقانچە ئويۇم يوق. بىراق بەدىئىي سەنئەت تۇيغۇسىغا ئىگە بىر خىل تۇيغۇدا چاچ ياساتسام دەيمەن.

ساتىراچ: ھە، مەن چۈشەندىم.

 

19. ساتىراچ: چېچىڭىزنى قانداق ياسىتىسىز؟

ئۇ: مېنى سىزىقلىق كود بىلەن بىر گەۋدە قىلىۋېتىڭ.

ساتىراچ: مەن چۈشەندىم.

 

20. ساتىراچ: سىز چېچىڭىزنى قانداق ياسىتىسىز؟

ئۇ: رەڭلىك گىرىم سۈرتكۈچنى كۆرگەنمىدىڭىز؟

ساتىراچ: بولىدۇ. مەن چۈشەندىم.

 

11111111111.jpg
2222222222222.jpg
U020181113441110245247.jpg
U020181113442465942080.jpg
1111111111.jpg