2019-يىلىدىكى دۇنيا بويىچە 10 مۇنەۋۋەر ئاۋىئاتسىيە شىركەتنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى
0
2018-11-27 16:39:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

پۈتۈن دۇنيادىكى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مەھسۇلات دەرىجىسىنى باھالايدىغان تور بېكىتى AirlineRatings يېقىندا 2019-يىلىدىكى دۇنيادىكى 10 مۇنەۋۋەر ئاۋىئاتسىيە شىركىتى نامزاتىنى مۇقىملاشتۇرغان. ئالدىنقى نۆۋەتلىك باھالاشتا ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان سىنگاپور ئاۋىئاتسىيە شىركىتى شەرەپ بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا چىققان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇدا بەش يىل تىزىملىكتە ئالدىدا تۇرغان يېڭى زېلاندىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۇنىڭدىن كېيىن قالغان بولۇپ، تىزىملىككە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. جۈملىدىن، سىنگاپور ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئارقىغا يېڭى زېلاندىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، ئاۋسترالىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، قاتار ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، ۋىرگىن ئاۋسترالىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، ياپونىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، چاڭروڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، گوتەي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، ياپونىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى.

بۇ يىلقى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئاۋىئاتسىيە شىركىتى سىنگاپور ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە قارىتا باش مۇھەررىر جېففرېي (Geoffrey Thomas)نىڭ باھا بېرىپ دېيىشىچە، باھالاش ئۆمىكى ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىش جەريانىدا، سىنگاپور ئاۋىئاتسىيە شىركىتى كۆپ خىل تەكشۈرۈش، سىناق قىلىش ئۆلچىمىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بۇ كەسىپتىكى ئەڭ داڭلىقلارنىڭ بىرى بولغان سىنگاپور ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتى ئەسلىگە كەلگەن، جۈملىدىن يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ئايروپىلان ۋە نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش تېخنىكىسى قاتارلىقلاردا يېڭىلىق ياراتقان، مەسىلەن، سىنگاپوردىن بىۋاسىتە نىيۇيوركقا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندا.»

سىنگاپور ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بايراقدار يولۇچىلار ئايروپىلانى A380 تىپلىق ئايروپىلاندىكى ئۈستى قىسىم پالۇباسىغا ئالتە يۈرۈش ئۆي لايىھەلەنگەن بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك تىپتىكى بىر مېھمانخانىغا باراۋەر كېلىدىكەن.

يېڭى زېلاندىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى دۇنيادىكى ئاز ساندىكى مەبلەغ ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاشقا ئىگە بولغان ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بېرى بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازاردا ساغلام ھالدا كېڭىيىش ھالىتىدە تۇرماقتا.

يېڭى زېلاندىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سودا بۆلۈمچىسى

ئاۋسترالىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئەلا سۈپەتلىك ئىچكى ئاۋىئاتسىيە مۇلازىمىتى ۋە ئارام ئېلىش بۆلۈمچىسى سۈپەت كاپالىتى جەھەتتە ھەر قايسى باھالىغۇچىلارنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

ئاۋسترالىيە ئاۋىئاتسىيە ئەزىز مېھمانلار ئارامخانىسى

بۇ يەردە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا ئىشلىرى بۆلۈمچىسىنى سىناق بىلەن تەمىنلىگۈچى قاتار ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ سودا ئىشلىرى بۆلۈمچىسى بۇ تىزىملىك تەرىپىدىن «ئەڭ ياخشى پۈتۈن گەۋدىلىك سودا ئىشلىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى» بولغان ساياھەت بوشلۇق بولۇپ قالغان ھەم مۇشۇ كەسىپتىكىلەر ھالقىپ كېتەلمىگەن سودا ئىشلىرى بۆلۈمچىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى چىقارغان.

قاتار ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ سودا ئىشلىرى بۆلۈمچىسى

AirlineRatingsنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئالدىنقى ئون مۇنەۋۋەر ئاۋىئاتسىيە شىركىتى چوقۇم يەتتە يۇلتۇز دەرىجىلىك بىخەتەرلىك باھالاش دەرىجىسىگە يېتىشى كېرەك ھەمدە يولۇچىلارغا راھەت ئاتا قىلىش جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشتا باشلامچىلىق كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىشى كېرەك. بۇ قېتىملىق باھالاش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايروپىلان ئۇچۇش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ يېشى، يولۇچىلارنىڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە بەرگەن باھاسى مەبلەغ دەرىجىسىنى باھالاش، تىجارەت پايدىسى، مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزئارا مۇناسىۋىتى قاتارلىق 12 تۈردىكى ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچلەردىن پايدىلانغان بولۇپ، شۇنداقلا كۆرسىتىلگەن بۇ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئارقىلىق «باشقا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى تەنقىد قىلغان.»

111111111.jpg
2222222222.jpg
U020181123439355169089.gif
00350605953_42d6758b.jpg