2018-يىللىق ئەڭ ياخشى تەبىئەت سۈرەتلىرى توپلىمىنى ئېلان قىلىندى
0
2018-12-19 14:53:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

Catersnews ئافرىقىنىڭ ئسسىق بەلباغدىكى ئورمانلىرى شالاڭ ئوتلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن باشلاپ سوغۇق شىمالىي قۇتۇپ چۆلىگىچە بولغان رايونلاردىكى 2018-يىللىق ئەڭ ياخشى تەبىئەت سۈرەتلىرى توپلىمىنى ئېلان قىلدى. ئاكۇلا بىلەن غازنىڭ كەسكىن ئېلىشىشى، ھېچنېمىگە قارىماي قاچماقچى بولغان يوغان ساردىنا بېلىقى توپى، ئوماق ئىتنىڭ يېمەكلىككە تىكىلىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى، ئورانگۇتاننىڭ ئىختىيارسىز ھالدا ئادەمنى قۇچاقلىغان مىھىرلىق كۆرۈنۈشى، ھايۋانات تەشكىلاتىنىڭ كەركىداننى قۇتقۇزغاندىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشى... ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ سۈرەتتە تايلاندنىڭ باڭكوڭتىكى ياۋايى ھايۋان باغچىسىنىڭ پىلنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئىستېمال قىلىش ئەھۋالى ئېچىپ بېرىلگەن، بىگۇناھ پىل سەھنىگە چىقىرىلىپ ساياھەتچىلەرنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلانغان.

كونگو دۆلەتلىك باغچىسىدىكى بۇ ئورانگۇتانلار ئۇلارنى باقىدىغان ئاندرېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، قاراڭ، ئۇلار ئاندرېنىڭ يېنىدىن كەتمەي قۇچاقلاشنى، ھاپاش قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، كىچىك بالىغىلا ئوخشاپ قالغان، بەزى يۈزى قېلىنلىرى تېخى ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىغا باقماي ئاندرېنىڭ دۈمبىسىگە يامىشىپ چىقىپ ئەركىلىگەن، بەزى مۇتتەھەملىرى ئاندرېنى بىۋاستىلا قۇچاقلىۋالغان، فوتوگراف جامېس بۇ كۆرۈنۈشنى خاتىرىلىۋالغان.

كارتون فىلىم «شىر پادىشاھ»نى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى فىلىمدىكى پېرىخوننىڭ سىمبانى ئېگىز كۆتۈرگەن كۆرۈنۈشىنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولسا كېرەك، فوتوگراف دافنا زېمبابۋىدا كارتون فىلىمدىكىگە ئوخشايدىغان بۇ كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. 38 ياشلىق فوتوگراف دافنا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بۇ سۈرەتنى تاسادىپىي پۇرسەتتە تارتىۋالغان. سۈرەتتە بىر ئىت باش مايمۇن بالىسىنى ئېگىز كۆتۈرگەن بولۇپ، «شىر پادىشاھ»تىكى سىمباغا ئوخشاپ كېتىدۇ، بۇ فوتوگرافنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان.

فوتوگراف داۋىد جەنۇبىي ئافرىقا كاپىتوۋننىڭ دېڭىز رايونىدا سۇ ئاستىدىن كەلگەن قالايمىقان ئاۋازنى ئاڭلىغان، ئۇ ئاكۇلا تيۇلېن تۇتۇۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ كامىرانى ئېلىپ ئۇ جايغا بارغان، بارغاندىن كېيىن ئاندىن تيۇلېن ئۇ ئويلىغاندەك يېمەكلىك قىلىنماستىن بەلكى ۋەھشىي تۇتۇپ يېگۈچى بولغانلىقىنى بايقىغان.

جەنۇبىي ئافرىقىدا تارتىلغان بۇ سۈرەتتە بىر توپ مۇھىت ئاسرىغۇچىلارنىڭ يارىلانغان كەركىداننى قۇتقۇزۇۋالغان جەريانى كۆرسىتىلگەن. مۇھىت ئەسراش تەشكىلاتى ئەترىتى ئاۋۋال تىك ئۇچار ئايروپىلاندا ئۇ كەركىدانغا ئەگەشكەن، كەركىدان قۇتقۇزۇشنى رەت قىلىپ مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى خادىملىرى بىلەن قوغلاشماق ئوينىغان، كېيىن مال دوختۇرى ئۇنىڭغا ناركوز دورىسى ئۇرغان ۋە يارىسىنى تېڭىپ قويغان. ئۇلار يەنە كېيىن ئىز قوغلاشقا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن بۇ كەركىداننىڭ مۈڭگۈزىگە مىكرو ئۆزەك ئورنىتىپ قويغان. فوتوگراف راينېر بۇ كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.

جەنۇبىي ئافرىقا فوتوگرافى ئەللېن ۋالكېر ساردىنا بېلىقلىرى دېڭىز ئاستىدا كۆچكەندە بۇ ھەيران قالارلىق كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. سۈرەتتە نۇرغۇن سادىنا بېلىقى كاللەكلىشىپ ئۆزىنى قوغدىغان، دېڭىز ئاستىدا ئىرماش-چىرماش چەمبەرلەرنى ھاسىل قىلغان. ئۇلار دۇچ كەلگەن رەقىب ئاكۇلالا ئەمەس، يەنە سۇغا شۇڭغۇپ كىرگەن غازمۇ بار. بىچارە ساردىنا بېلىقلىرى مۇشۇنداقلا ئاكولا ۋە غازنىڭ قورشاۋىدا قالغان بولۇپ، دېڭىز ئوكيان ئوزۇقلۇق زەنجىرىدىكى ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە يەم بولۇش قانۇنىيىتىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرگەن.

111111111111111.jpg
333333333333.jpg
111111111111111111.jpg
222222222222222.jpg
3333333333333.jpg