NASA «ئالەمنىڭ ئۇ چېتى» نىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىدى
0
2019-01-03 15:57:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئالەم بوشلۇقى ھەققىدىكى ئىزدىنىشتە سۈنئىي ئالەم بوشلۇقى ئۈسكۈنىلىرى ئۇچراشقان ئەڭ يىراق جىسىم بىزدىن ئالتە مىليارد 400 مىليون كىلومېتىر يىراقلىقتا. 2019-يىلىنىڭ تۇنجى كۈنى «يېڭى ئۇپۇق» ناملىق ئالەم كېمىسى ئالتە مىليارد 400 مىليون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يۇقىرىقى سۈرەتتىكى بۇ كىچىك قار ئادەم شەكىللىك ئومان ئاسمان جىسمىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. بۇ «كىچىك قار ئادەم» ئەمەلىيەتتە ئىككى دانە ئۆز ئارا سوقۇلغان جىسىم بولۇپ، چوڭراقىنىڭ نامى Ultima، كىچىكىنىڭ نامى Thule، بۇ ئىنسانلار تۇنجى قېتىم يېقىن ئارىلىقتا بۇنداق يىراقتىكى ئاسمان جىسمىنى كۆزىتىشى، شۇنداقلا ئىنسانلار ئالەم ئۇچقۇسى كۆزەتكەن ئەڭ قەدىمكى، ئەڭ ئىپتىدائىي دۇنيا ھېسابلىنىدۇ.

«كىچىك قار ئادەم» كۇيپېر بەلبېغىغا جايلاشقان، كۇيپېر بەلبېغى ئاسمان جىسىملىرى ئىنتايىن زىچ ئورۇنلاشقان يۇمىلاق رايون بولۇپ، قۇياش سىستېمىسىغا ئەڭ يىراق سەييارە نېپتۇن ئوربىتاسىنىڭ سىرتىدا. كۇيپېر بەلبېغى قۇياش سىستېمىسىنىڭ گىرۋىكى، بۇ يۇلتۇز سىستېمىسىدا ئەڭ بۇرۇن شەكىللەنگەن ئىپتىدائىي تەڂسىسىمان قۇرۇلمىنىڭ بىرى. شۇڭا «كىچىك قار ئادەم»نىڭ يېشى قۇياش سىستېمىسى بىلەن ئاساسەن ئوڂشاش، ماھىيەتتە ئۇ دەل بىز ياشاۋاتقان قۇياش سسىتېمىسىنىڭ باشلىنىشى.

ئالىملارنىڭ قارىشىچە، تۆت مىليارد 500 مىليون يىل بۇرۇن بىر توپ كىچىك مۇزلاردىن تەشكىل قىلىنغان قاينامسىمان بۇلۇت توپى بىر يەرگە يىغىلىپ، ئاستا-ئاستا بۇرمىسىمان شەكىلدە يېقىنلىشىپ بىز ئۇنى بايقىغانغا قەدەر يېقىنلاشقان ھەمدە «كىچىك قار ئادەم»نى شەكىللەندۈرگەن. ئالەملىك تارتىش كۈچى ئۇلارنى بىر يەرگە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ نەچچە مىليارد يىل ئايرىلماي تۇرغان. بۇ ئىككى ئاسمان جىسمى ئۆز ئارا بىرىكىشتىن شەكىللەنگەن بولغاچقا، بۇ «كىچىك قار ئادەم» ئالەم ئۇچقۇلىرى تۇنجى قېتىم بايقىغان قوش ئاسمان جىسمى ھېسابلىنىدۇ.

«يېڭى ئۇپۇق» ناملىق ئالەم كېمىسى ئەۋەتكەن رەڭلىك سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، «كىچىك قار ئادەم» قىزىل رەڭلىك بولۇپ، سوقۇلغان ئازگال يوق ئىكەن، ئەمما تاغ قاپتىلى ۋە تاغ جىلغىسى بولۇشى مۇمكىن. قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى بەكلا يىراق بولغاچقا، كۆرۈنۈش سەل قاراڭغۇ بولۇپ، سىرتقى يۈزىدىكى ئەڭ يورۇق ئورۇنمۇ قۇياش يورۇقلۇقىنىڭ پەقەت %13تىنى قايتۇرالىغان. ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ «كىچىك قار ئادەم»گە ئالاقىدار ئۇچۇر «يېڭى ئۇپۇق» ناملىق ئۇچقۇ ئەۋەتكەن %1 ئۇچۇر ھېسابلىنىدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سانلىق مەلۇمات ئەۋەتىپ تۇرىدىكەن.

a06.jpg
s13.jpg