ئالما شىركىتى جۇڭگو بازىرىدىكى سېتىش ئەھۋالىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
0
2019-01-03 16:08:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئالما شىركىتى 2-يانۋاردىكى بازاردىن كېيىن 2019-مالىيە يىلى بىرىنچى پەسىللىك تىجارەت كىرىمى مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى، سەۋەبى iPhoneنىڭ يېڭىلىنىش قېتىم سانى ئازلىدى، جۇڭگو بازىرىدكى سېتىش ئازلىدى. بۇ ئۇچۇرنىڭ تەسىرىدە ئالما شىركىتىنىڭ پېيىنىڭ باھاسى %8 چۈشۈپ كەتتى.

ئالما شىركىتى بىرىنچى مالىيە پەسلىدىكى تىجارەت كىرىمى مۆلچەرىنى ئىلگىرىكى 89-93 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 84 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا تۆۋەنلەتتى، تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىدىكى 91 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن.

ئالما شىركىتىنىڭ CEOسى تىم كۇك مەبلەغ سالغۇچىلارغا يازغان خېتىدا: «گەرچە بىز ئاساسلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار بىر قىسىم خىرىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن بولساقمۇ، ئەمما ئىقتىسادنىڭ ئاستىلاش سۈرئىتىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى مۆلچەرلىيەلمەپتۇق. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ نەتىجىمىزدىكى كۆپ قىسىم تىجارەت كىرىمى تۆۋەنلىشى ھەمدە %100تىن ئارتۇق تىجارەت كىرىمى تۆۋەنلىشى جۇڭگودا يۈز بەردى، iPhone ۋە Mac ھەمدە iPad قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا چېتىلىدۇ» دېگەن.

تىم كۇكنىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە ئالمىنىڭ باشقا بۆلۈملىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقىدىن %19كە يېقىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇندىن بۇيان iPhone ئىزچىل ئالما شىركىتىنىڭ يادرولۇق كەسپى بولۇپ كەلگەن، ئەگەر ئالما شىركىتى يېتەرلىك كۆپ يانفون ساتمىسا، پۈتكۈل شىركەت مۈشكۈلاتقا پېتىپ قالىدۇ.

بىراق، تىم كۇك خېتىدە جۇڭگو بازىرىنىڭ iPhone سېتىشتىكى بىردىنبىر مەسىلە ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئۇ بىلدۈرۈپ: «گەرچە بىر قىسىم بازارلارنىڭ مەكرولۇق ئىقتىساد خىرىسى بۇ يۈزلىنىشنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى بىر ئاچقۇچلۇق ئامىل بولسىمۇ، ئەمما بىز يەنە باشقا ئامىللارمۇ بىزنىڭ iPhoneنىمىزنىڭ ئىپادىسىگە كەڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمىز، ئىستېمالچىلارنىڭ تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ بېرىدىغان تولۇقلىمىسى ئازايغانلىقىغا ماسلىشىشى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشىگە مۇناسىۋەتلىك باھا ئۆسۈشى ھەمدە بىر قىسىم خېرىدارلارنىڭ iPhone باتارېيەسىنى ئالماشتۇرۇش باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن.

a06.jpg
s13.jpg