ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ قانداق قىلىپ مىلياردېر بولالىغان؟
0
2019-01-03 16:17:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

بۇرۇن تىرامپنىڭ جەمەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى سۆزلىگەن، لېكىن تىرامپنىڭ بوۋىسى ۋە دادىسىغا ئوخشىمايدىغان يېرى بار. ئەڭ چوڭ، كۆرۈنەرلىك پەرقى توي تۇرمۇشىدا، تىرامپنىڭ دادىسى بىلەن بوۋىسىدا قويۇق كۆچمەنلەر مەدەنىيىتى ساقلانغان. ئەرلەر سىرتنىڭ ئىشلىرىنى، ئاياللار ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، ئائىلىنى مۇھىم دەپ بىلىدۇ، توي قىلغاندىن كېيىن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىدۇ. لېكىن تىرامپ ئېنىقكى، ئىنتايىن ئامېرىكىچە بولۇپ، ئايالى بىلەن چىقىشىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ. تۆۋەندە تىرامپنىڭ ئۈچ قېتىملىق توي تۇرمۇشى ئارقىلىق تىرامپ جەمەتىدىكى ئۆزگىرىشنى سۆزلەيمىز.

تويدىن بۇرۇن ۋارتون سودا شۆيۈەنىدە ئوقۇۋاتقاندىلا 23 ياشلىق تىرامپ ئۆزى يالغۇز مانخاتتونغا كۆچۈپ كېلىپ تۇرغان. ئۇ يەردە سىياسىي، ئىقتىسادتىكى داڭلىقلار بىلەن تونۇشۇپ، تىرامپ جەمەتىنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈشكە تەييارلىق قىلغان. ئۇنىڭ دادىسى فرېد تىرامپنىڭ قولىدىكى «تىرامپ جەمەتى»نىڭ كەسپى ئاساسلىقى نيۇيوركتىكى ئۆي-مۈلۈك تۈرى ئىدى. بىر دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان مانخاتتون رايونىدا تېخىمۇ قالتىس بايلار چەمبىرىكى بار ئىدى، ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئامېرىكىدا تىرامپ جەمەتىدىنمۇ بۇرۇن بېيىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تىرامپ جەمەتى «كەمبەغەللەر ئارىسىدىن چىققان باي ئائىلە» ئىدى. تىرامپ بۇنىڭغا قايىل بولمىغان، ئۇ بايرىقىنى دەريانىڭ قارشى قىرغىقىغا سانجىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ گۈللەنگەن مانخاتتون بەشىنچى كوچىسىدا «تىرامپ» دېگەن نامنى بەرپا قىلىشقا ئىرادە باغلىغان.

1971-يىلى 25 ياشلىق تىرامپ رەسمىي ھالدا دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، نيۇيورك دەۋر مەيدانىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان. تىرامپنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارە كۆرۈنۈشى تولىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، ئۇ ئۆزىگە ئىنتايىن ئىشىنىدىغان بولۇپ، تاراتقۇلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى دادىسىدىنمۇ بەكرەك چۈشىنەتتى. كىشىلەر بۇرۇن تىڭتىڭچى ژۇرناللارغا چىققان بۇ سۆلەتۋاز بەگزادىنىڭ ئەمدى نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىغا شۇنداق تەقەززا بولغان. تىرامپ ناھايىتى تېزلا بىر قاتار قوشۇۋېلىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان. ئۇ ۋەيران بولغان پېنسىلۋانىيە تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ نيۇيوركتىكى يېرىنى سېتىۋالغان ھەم نيۇيورك شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنى بۇ يەردە «شەھەرلىك پارلامېنت مەركىزى» قۇرۇشقا دەۋەت قىلغان؛ يەنە 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ نيۇيورك مەركىزىي ۋوگزالى ئەتراپىدىكى ئەبجەق مېھمانخانىنى سېتىۋېلىپ قايتىدىن مېھمانخانا قىلغان، يەنى كېيىنكى داڭلىق «Hyatt مېھمانخانىسى». تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ئىنتايىن قالتىس بىر باشقۇرغۇچى ــ روي كوننى قوبۇل قىلغان. بۇ ئادەم تولىمۇ قالتىس بولۇپ، تاشقى قىياپىتى رەھىمسىز جانلىق كەسلەنچۈككىلا ئوخشايتتى، كۆز نۇرى سوغۇق، كىشىنى قورقۇتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن غەلىتە قىلىقلىرى بار ئىدى، ئۇ ئۆزى ھەمجىنىس، لېكىن ھەمجىنىسلارغا ئاشكارە قارشى تۇرغان، ئۆيىدە پاقا باققانىدى. كون نيۇيوركتىكى بەش چوڭ قارا گۇرۇھ ئاتامانىنىڭ قانۇن مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۇزاق ۋاقىت ياردەملەشكەن، بىر مەزگىل ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئۇنىڭ كېنىشكىسىنى بىكار قىلغان بولۇپ، نامى ئىنتايىن ناچار ئىدى. تىرامپ بۇلارغا پەرۋا قىلمىغان، ئۇ كوننى ياقتۇرىدىغانلىقىنى قەتئىي يوشۇرۇپ ئولتۇرمىغان. كون شۇنىڭدىن كېيىنكى 12 يىلدا تىرامپقا ياردەملىشىپ بارلىق زور سېتىۋېلىش، ئەرز-شىكايەت، ھەتتا تىرامپنىڭ ئىۋانا بىلەن بولغان تويدىن بۇرۇنقى كېلىشىمىنى بىر تەرەپ قىلىپ بەرگەن. كون ئىش قىلىشتا قاتتىق قول بولۇپ، ئەزەلدىن زىيان تارتمىغان، ھەتتا تىرامپنىڭ ئىجارە بېرىش ئىرقىي كەمسىتىش دېلوسىدا قارشى ئەرز قىلىپ ھۆكۈمەتتىن 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تەلەپ قىلغان، تىرامپ ئۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغان. تىرامپنىڭ ئىش قىلىش ئۇسلۇبىدىن كوننىڭ قويۇق سايىسىنى كۆرۈشكە بولىدۇ، 1986-يىلى كون ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ شۇنداق.

خوتۇن ئېلىشتا تىرامپ جەمەتىدىكى ئۈچ ئەۋلاد مەلۇم ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ھەممىسى 30 ياشلار ئەتراپىدا، كەسپىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا توي قىلغان. ئاياللىرىنىڭ ھەممىسى ياۋروپالىق، نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، چىرايلىق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، قەيسەر ئاق تەنلىك ئايال. لېكىن تىرامپنىڭ تۇنجى ئايالى ئىۋانانىڭ تىرامپنىڭ ئانىسى ۋە مومىسىغا ئوخشىمايدىغان بىر يېرى شۇكى، ئۇ تىرامپقا ئوخشاش كەسىپتە ناھايىتى تىرىشچان. ئىۋانا ئائىلىگە قارايدىغانلا ئايال بولۇشنى خالىمىغان، ئۇ جەمەت ئىشلىرىدا ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلغان. بۇمۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا يوشۇرۇن خەتەر پەيدا قىلغان، توغرىسىنى ئېيتقاندا، تىرامپنىڭ توي تۇرمۇشىغا ئاسىيلىق قىلىشىغا ئۇل سالغان.

تۇنجى ئايالى ئىۋانا

تىرامپ چىخوسلوۋاكىيەلىك ساھىبجامال قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى ئىۋانا بىلەن قاۋاقخانىدا تونۇشقان. 9 ئايدىن كېيىن يەنى 1976-يىلى ئۇلار توي قىلغان. بۇ دەل تىرامپ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۇچقاندەك كېڭىيىۋاتقان مەزگىلى بولۇپ، ئىۋانا كەسىپتە تىرامپقا زور ياردەم قىلغان. ئىۋانا تىرامپ بىلەن تۈرلۈك ئالاقە سورۇنلىرىغا كىرىپ چىققان، بىر قىسىم جەمەت كارخانىلىرىدا باشقۇرغۇچى بولغان. ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تالانتى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زور قىزغىنلىق بىلەن كىرىشكەنىدى، شۇڭا ھەر بىر خىزمەتنى ناھايىتى قالتىس تاماملىغان. ئىۋانا تىرامپ بىلەن 14 يىل تۇرمۇش كەچۈرۈپ 3 بالا تۇغقان، بۇ ئارىلىقتا تىرامپ كەسپىنى تەنتەربىيە، سودا يەر-مۈلۈكچىلىكى، مېھمانخانا، ئاۋىياتسىيە، قىمار، تاراتقۇ ساھەلىرىگە كېڭەيتكەن. ئىۋانامۇ بۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشقان، خىزمەتتىكى تىرىشچانلىقى تىرامپتىن قېلىشمىغان، ھەتتا بالا تۇغۇپ 3 كۈندىن كېيىنلا خىزمەت ئورنىغا قايتقان.

80~70-يىللاردىكى ئامېرىكىدا يېڭىچە قاۋاقخانا مەدەنىيىتى گۈللەنگەن، زەھەر ئەۋج ئالغان. لېكىن تىرامپ ئائىلىسى يەنىلا كونىچە تۇرمۇش ئۇسلۇبىنى ساقلىغان، ئۇلار كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئاساسەن سىرتقا چىقمىغان. ئەر-ئايال ئىككىسى كۈندۈزدە خىزمەتنىڭ پارىڭىنى قىلسا، كەچتە ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن بالىدىن باشقا يەنىلا خىزمەتنى مۇنازىرە قىلغان. 1989-يىلى 43 ياشلىق تىرامپنىڭ كۆز ئالدىدا گۈزەللەرنى تاللاش چېمپىيونى، 26 ياشلىق ئارتىس مارا پەيدا بولغاندا تىرامپ ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالغان، ئۇ بۇ گۈزەل ئايالدىن ھېسسىيات جەھەتتە مەلۇم تەسەللىي تېپىشنى ئۈمىد قىلغان. باشتا تىرامپ مارانى «تىرامپ شاھزادە» نومۇرلۇق ساياھەت پاراخوتىغا ئورۇنلاشتۇرغان، كېيىن مارانى كۆپ قېتىم بىر «بىخەتە ئۆي»دىن باشقا جايغا كۆچۈرگەن، ئىۋاناغا بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن تىرامپ ئىۋانا باشقۇرىدىغان تۈرنى دائىم ئالماشتۇرۇۋەتكەن. تاراتقۇلاردىمۇ بىر قىسىم مىش-مىش گەپلەر تارقالغان، لېكىن ھېچقايسىسى ئىسپاتلانمىغان. بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئايال بىلەن مۇناسىۋەتنى ساقلاش ھەم يەنە بىرسىگە بىلىندۈرمەسلىك ئاسان ئىش ئەمەس. ئىۋانا ئاز-تولا سېزىپ قالغانمۇ قانداق تىرامپ بىلەن بىللە قار تېيىلغىلى بېرىشنى ئېيتىپ، بۇرۇنقى گۈزەل ۋاقىتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان، بۇ چاغدا مارامۇ ھەمراھ بولۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇ چاغدىكى تىرامپنىڭ كەسپى تازا گۈللىنىۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىدىنلا ئۆزىنى چوڭ بىلىدىغان بولغاچقا، ئۇ ئوت بىلەن ئويناشقان، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئايالنى ئوخشاش بىر قار تېيىلىش مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرغان. تىرامپ ھەممىنى ياخشى كونترول قىلالايمەن دەپ ئويلىغان، لېكىن ئىشلار ئۇنىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىققان، قەستەنمۇ ياكى تاسادىپىيلىقمۇ، ئىشقىلىپ ئىككى ئايال ئۇچرىشىپ قالغان.

ئاخىرى ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرگەن ئىۋانا ھاقارەتلەنگەندەك ھېس قىلىپ تېزلا ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم نۇرغۇن ئاجرىشىش ھەققى تەلەپ قىلغان. تويدىن بۇرۇن ئىمزالىغان كېلىشىم ئىنتايىن قاتتىق بولغانلىقتىن ئىۋانانىڭ تەلىپى ئاسان ئىشقا ئاشمىغان، تىرامپ ئەكسچە ئۇنىڭدىن ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان بارلىق قىممەت سوۋغىلارنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار 14 ئاي ئەرز-شىكايەت جېڭى قىلغان، ئاخىرى ئىۋانا 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ھەقكە ئېرىشكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئىۋانامۇ ئۆزىگە مەنسۇپ رەڭدار ھاياتنى باشلىغان.

تىرامپنىڭ ئاجراشقانلىقى جامائەت پىكرى قوزغىغان، ياشانغان ئاتا-ئانىسىنىڭ دىلىغىمۇ ئازار بەرگەن، شۇڭا ئۇ ئۈچ يىلدىن كېيىن (1993-يىلى) ئاندىن مارا بىلەن رەسمىي توي قىلغان ھەم بىر قىز تۇغقان. ئۇنىڭدىن كېيىن تىرامپ مانخاتتون بانكىسى بىناسىنى سېتىۋېلىپ، 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ قايتا قۇرغان، چوڭ ئىشىككە يوغان قىلىپ «TRUMP» دەپ نۇر چېچىپ تۇرغان ئىسىمنى ئاسقان. تىرامپ مۇرادىغا يەتكەن. لېكىن ھەقىقىي مەسىلە مۇشۇ چاغدا پەيدا بولغان، بەك كۆپ ناتونۇش ساھەگە كېڭەيگەنلىكتىن نۇرغۇن كەسىپتە زىيان تارتقان، زەيتۇن توپ كوماندىسى، ئاۋىياتسىيە شىركىتى، قىمارخانا ئەڭ ئېغىر زىيان تارتقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ باشقۇرۇشقا ماھىر بولمىغانلىقتىن قەرز بارغانسېرى كۆپەيگەن، مەبلەغ ئايلاندۇرۇش قىيىن بولغان، ۋەيران بولايلا دەپ قالغان. بانكىمۇ ئۇنىڭغا قەرز بېرىشنى خالىمىغان. ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ئازلا قالغان.

بۇ چاغدا تىرامپنىڭ تۇرمۇشىدىن يەنە چاتاق چىققان. مارا ئېرىنىڭ دائىم ھەمراھ بولۇشىنى، ھەپتە ئاخىرىدا بالىنى ئېلىپ بىرلىكتە دىسنېيغا بېرىپ ئويناشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئايال. لېكىن تىرامپ مەڭگۈ شۇنداق ئالدىراش، شۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ زىددىيىتى ھەل قىلغۇسىز دەرىجىگە بارغان، 1997-يىلى ئايرىلىپ تۇرغان. بىر قاتار مەسىلىلەر تىرامپنىڭ رايىنى ياندۇرغان، لېكىن تىرامپ جەمەتى مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدىغان بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى تېزلا مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى تاپقان. ئۇلار ئاۋۋال «كۆلەم ئىففىكتى»دىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتنى قايىل قىلىپ، پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشتىن ساقلانغان. ئاندىن ھۆكۈمەتنىڭ كېپىللىكىدە بانكىدىن تۆۋەن ئۆسۈملىك قەرز ئالغان، بىر قىسىم ناچار كاپىتالنى سېتىپ، ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە قايتقان. بۇ بىر قاتار سىرلىق مەشغۇلاتلاردا غەلىبە قىلىشنى بەزىلەر تىرامپ جەمەتىنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئادىمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى. لېكىن قانداقلا بولسۇن بۇ قېتىمقى كىرزىس تىرامپ جەمەتىنى ۋەيران قىلىۋەتمىدى. 1999-يىلى تىرامپنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندە تىرامپ جەمەتىنىڭ بايلىقى 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپەيگەن.

1999-يىلى تىرامپقا نىسبەتەن يېڭى دەۋر بولۇپ، مارا بىلەن رەسمىي ئاجراشقان. شۇ يىلى 53 ياشلىق تىرامپ سلوۋېنىيەلىك 29 ياشلىق مودىل مېلانىيا بىلەن تونۇشقان. نۇرغۇن ئادەم تىرامپ ئانىسى ۋە مومىسىدەك ئاياللارغا ئىنتىلىدۇ دەپ قارىغان. ئېنىقكى، مېلانىيا ئۇنداق ئايال ئەمەس، لېكىن ئۇلار يەنىلا 2005-يىلى توي قىلىپ ھازىرغىچە بىللە ياشىغان.

سودا ئېڭىغا ماھىر تىرامپ 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان.

a06.jpg
s13.jpg