10 مىڭ يۈەنلىك سومكا جۇڭگونىڭ مۇھىت بۇلغىشى سەۋەبلىك ئ‍ۆڭدى؟
0
2019-02-11 14:43:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

خاڭجۇلۇق ۋاڭ ئەپەندى خەلقئارالىق ھەشەمەت ماركىسى لۈ ۋىتتوڭنىڭ قول سومكىسىدىن ئىككىنى سېتىۋېلىپ، كۆڭلىدە: جىق پۇل خەجلىگەندىكىن شۇنىڭغا لايىق سۈپەتلىك سومكىغا ئېرىشتىمغۇ دەپ ئويلىغان. بىراق «ئون مىڭ يۈەنلىك سومكا»سىدا ئوخشاش رەڭ ئۆڭۈش، سىرى چۈشۈش دېگەندەك مەسىلىلەر كۆرۈلگەن. ئۇنىڭ تېخىمۇ ئەقلى يەتمىگىنى، سومكىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىنمۇ يۇقارقى ئالامەتلەر يەنە كۆرۈلگەن. ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، قول سومكىسىدا كەينى كەينىدىن ئۆڭۈش، سىرى چۈشۈش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەن. بۇ ئەھۋالغا قارىتا لۈ ۋىتتوڭ مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىكىلەر سۇ تۇپراق، ھاۋا سۈپىتى مەسىلىسى سەۋەبىدىن دەپ ئېنىقلىما بەرگەن. بۇ خەۋەر توردا تارقالغاندىن كېيىن تورداشلار قايناپلا كەتكەن: خاتالىقنى ئارتىپ قوياي دېسە مۇشۇمۇ باھانە بولالىغۇدەك...

ۋاڭ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ سومكىلارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن كۆپمۇ ئىشلەتمىگەن، ئىككى قېتىم ئىشلەتكەندىن كېيىنلا بىر سومكىنىڭ تۇتقۇچىنىڭ سىرى بىر ئاز چۈشكەن، يەنە بىر قولتۇقىغا قىستۇرۇۋالىدىغان سومكىنىڭ كىيىمگە رېڭى يۇققان. دۇكان تەرەپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر ئايدەك ۋاقىت سەرپ قىلغان، ئاندىن كېيىن ۋاڭ ئەپەندىگە تۇتقۇچنى ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىگىلىنىشچە، ۋاڭ ئەپەندىنىڭ قول سومكىسى 2017-يىلى 1-ئايدا خاڭجۇدىڭى ۋەنشىياڭ شەھىرىدىن ئون نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپ سېتىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا سىرى چۈشۈشكە باشلىغان، شۇ يىلىنىڭ 5-ئېيىدا، ۋەنشىياڭ شەھىرىدىكى لۈ ۋىتتوڭ مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىكىلەر بىر تەرەپ قىلىشنى مەسلىھەتلەشكەن ھەم ۋاڭ ئەپەندىگە ئالماشتۇرۇپ بەرگەن. بىراق يېڭىلا ئالماشتۇرۇلغان قول سومكىسىدا، تەخمىنەن ئۈچ، تۆت ئاي ئىشلىتىلگەندىن كېيىن يەنە ئوخشاش ئالامەت كۆرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ۋاڭ ئەپەندىنىڭ لۈ ۋىتتوڭ ماركىسىدىكى يەنە بىر قول سومكىسىدىمۇ سىرى چۈشۈش مەسىلىسى كۆرۈلگەن. بۇ سومكىنى ۋاڭ ئەپەندى ئاۋمېندا سەككىز مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان ئىكەن. مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىكىلەر ئەمدى ھەقسىز بىر تەرەپ قىلىپ بەرمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى مەھسۇلاتنىڭ ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ۋاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئىككىلا سومكىنىڭ ئوخشاش قىسمىدا ئۆڭۈش كۆرۈلگەچكە، بۇ سۈپەت مەسىلىسى ئىكەن. ئۇ قىممەت بولغاندىكىن باھاسىغا چۇشلۇق سۈپەتتە بولىدۇ دەپ قارىغان، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن قىممەت سومكىنىڭ سۈپىتى يايمىلاردىكى سومكىلاردىن قېلىشمىغان.

لۈ ۋىتتوڭ سومكىلىرىدا دائىم ئۆڭۈش مەسىلىسى كۆرۈلۈشكە نىسبەتەن لۈ ۋىتتوڭنىڭ شاڭخەيدىكى باش ئىشتابتىكى بىرەيلەن ۋاڭ ئەپەندىگە، ئاق كۆينەك كىيمىسىڭىزلار رەڭ يۇقمايدۇ، تۇتقۇچنىڭ سىرى سۈرۈش مەسىلىسى جۇڭگونىڭ سۇ تۇپرىقىنىڭ مەسىلىسى، مۇھىت بۇلغىنىش سەۋەبىدىن مۇشۇنداق بولغان دەپ چۈشەنچە بەرگەن. بۇ چۈشەندۈرۈش ۋاڭ ئەپەندىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. ئۇزاق ئۆتمەي لۈ ۋىتتوڭنىڭ شاڭخەيدىكى باش ئىشتاب خىزمەتچىلىرى تاراتقۇچلارغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن:

بىزنىڭ ھەربىر مەھسۇلاتىمىزغا ئۆسۈملۈكلەردىن ياسالغان بوياق ئىشلىتىلىدۇ، شۇڭا بەزى ئەھۋاللاردا رەڭ ئۆڭۈش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ، بىز بۇ ھەقتە ئەسكەرتىشمۇ بەرگەن. بىز پەقەت بەزى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىشلىتىش ئادىتى ياكى تېمپېراتۇرا پەرقى دېگەندەكلەرمۇ تەسىر قىلىدۇ دېيەلەيمىز.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىر لۈ ۋىتتوڭ شاڭخەي باش ئىشتابى ۋاڭ ئەپەندىگە سومكىنىڭ زاپچاسلىرىنى ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ بەرمەكچى بولغان، بىراق يەنە بىر قول سومكىسىنىڭ ئۆڭۈش مەسىلسىدە، سومكىنى شاڭخەيدىكى باش ئىشتابقا ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاندىن جاۋاب قايتۇرىدىكەن.

 

 

企业微信截图_20190204133129.png
1413624012.jpg