چاغاندا ئەندىشە قىلغان ئىش يەنىلا يۈز بەردى
0
2019-02-11 14:49:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

چاغاندا كۆپ قىسىم كىشىلەر پوجاڭزا ئېتىپ، بايرام كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرىدۇ؛ بىراق بىخەتەرلىككە چوقۇم دېققەت قىلىش كېرەك، چاغاننىڭ ھارپىسىدىن باشلاپ، شەنشى ۋە گۇاڭدۇڭدا پوجاڭزا ئېتىپ يارىلىنىشتەك كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر يۈز بەردى.

مۇخبىرنىڭ شەنشى ئۆكىسى شىئەن شەھەرلىك 1-دوختۇرخانىدىن ئىگىلىشىچە، چاغاننىڭ 1-كۈنىدىن 2-كۈنىگىچە بولغان ئىككى كۈن جەريانىدا، بۇ دوختۇرخانىغا پوجاڭزا ئېتىش تۈپەيلى يارىلانغانلاردىن سەككىزى كەلگەن.

يارىلانغۇچى شياۋلى: پوجاڭزا تېخى تولۇق ئېتىلىپ تۈگىمىگەنىدى، مەن ياندا قاراپ تۇرغانىدىم، پىلتىسى بەك تېز كۆيۈپ، تۇيۇقسىز ئېتىلىپ چىقىپ كەتتى.

ۋەقەدىن كېيىن، شياۋلىنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇنى شىئەن شەھەرلىك 1-دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق شياۋلىنىڭ سول كۆزىنىڭ پۈتۈنلەي يېرىلىپ كەتكەنلىكى، كىرستال تەنىچە ۋە كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ چىقىپ قالغانلىقى، ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى بايقالغان.

شىئەن شەھەرلىك 1-دوختۇرخانا كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ياڭ شياۋگاڭ: ئاغرىقنىڭ قىسمەن كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن يەنە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

چاغاننىڭ 3-كۈنى ئەتىگەندە مۇخبىر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭجۇ شەھىرى جۇڭسەن كۆز كېسەللىكلىرى مەركىزىدە بىر نەچچە ئاغرىقنىڭ ئوپېراتسىيەگە كىرىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. يەتتە ياشلىق سېن سېن چاغاننىڭ 2-كۈنى كەچتە دوستلىرىنىڭ پوجاڭزا ئېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتقاندا، ئۇچۇپ چىققان پوجاڭزا ئۇنىڭ كۆزىگە تەگكەن. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى كېچىدە ئاپتوموبىل بىلەن خېيۈەندىن گۇاڭجۇغا ئېلىپ كېلىپ داۋالاتقان. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، سېن سېننىڭ مۈڭگۈز پەردىسى ۋە كىرىستال تەنىچىسى يارىلانغان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

كىچىك بالىلاردىن باشقا يەنە چوڭلارمۇ پوجاڭزا ئېتىش تۈپەيلى يارىلانغان. يۈ ئەپەندى دوستى بىلەن پوجاڭزا ئېتىۋاتقاندا، ئۇ پوجاڭزىنى تاشلاشقا ئۈلگۈرمەيلا قولىدا پارتلاپ كەتكەن. يۈ ئەپەندىنىڭ سول كۆزى ۋە قولى يارىلانغان.

يۈ ئەپەندى: باشتا بەشنى ئېتىپ ھېچ ئىش بولمىغانىدى، بىراق ئاخىرقىسىنىڭ پىلىكىگە ئوت تۇتاشتۇرۇشىمغىلا پارتلاپ كەتتى. تاشلاشقا ئۈلگۈرەلمىدىم.

گۇاڭجۇڭ جۇڭسەن كۆز كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ ۋىراچى جۇڭليۇ شۆيىڭ: ھازىرغا قەدەر بۇنىڭغا ئالاقىدار ئاغرىقتىن 10نى قوبۇل قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پوجاڭزا ئېتىش تۈپەيلى ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ. ئوپېراتسىيە قىلىنمايدىغان يەنە نەچچىسى بار، ئۇلارنىڭ يارىسىنى ئامبۇلاتورىيەدە بىر تەرەپ قىلدۇق، پوجاڭزىدىن زەخمىلەنگەنلەرنىڭ %80 ى بالىلار.

دوختۇرلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، پوجاڭزا پارتلاپ كۆز زەخمىلەنگەن ھامان، ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. سۇدا يۇماسلىق ياكى كۆز دورىسى ئىشلەتمەسلىك، كۆزدىن چىقىپ قالغان ئىچكى توقۇلمىلارنى خالىغانچە كېسىپ ئېلىۋەتمەسلىك، چوقۇم پاكىز نەرسىلەر بىلەن كۆزنى چىڭ ئېتىپ، كەسپىي دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

 

企业微信截图_20190204133129.png
1413624012.jpg