تور گۇپپاڭچىلىرى قانداق پۇل تاپىدۇ؟
0
2019-02-11 14:55:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

توردا مەلۇم يازمىنى ئىزدىمەكچى بولۇپ، نۇقتىلىق سۆزنى كىرگۈزگەندە يازمىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى كۆرەمسىز؟ ياكى يازمىنىڭ تېمىسى بىلەن مەزمۇننىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىدىڭىزمۇ؟ جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغان شەخسلەرنىڭ تۇيۇقسىز نۇرغۇن ئىجابىي خەۋەرلىرىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقىنى دەل تور گۇپپاڭچىلىرى!

يېقىندا خۇبېي، فۇجيەن قاتارلىق جايلاردىكى ساقچىلار "تور گۇپپاڭچىلىرى"دىن تەشكىللەنگەن جىنايەت گۇرۇھىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىق ھىيلىسىنى ئاشكارىلىغان. بۇ تور گۇپپاڭچىلىرى ئوچۇق باھا قويۇش، يازمىلارنى ئۆچۈرۈش، يازما ئېلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەتتا بەزەنلىرى نەچچە يۈز مىڭ يۈەن بىلەنلا جامائەت پىكرىگە تەسىر پەيدا قىلغان.

خۇبېي ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى يېقىندا سەككىز ئۆلكە، شەھەردىن ئاتلىغان "تور گۇپپاڭچىلىرى"نىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش دېلوسىنى پاش قىلغان. ساقچىلار دېلوغا چېتىشلىق 13 ئادەمنى قولغا ئالغان، دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا بۇ دېلوغا چېتىشلىق سومما 30مىليون يۈەنگە يەتكەن. فۇجيەن ساقچىلىرى قولغا چۈشۈرگەن "تور گۇپپاڭچىلىرى" جىنايەت شايكىلىرى توردا جامائەت پىكرىگە تەسىر پەيدا قىلغان ۋەقەدىن 215نى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭغا چېتىشلىق 100 قانۇنسىز تور بېكەتلىرى تاقالغان.

ساقچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تور گۇپپاڭچىلىرى ھەقلىق يازمىلارنى ئۆچۈرۈش ياكى قەستەن يازما ئېلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن پايدا ئالىدىكەن. ئۇلار ئالدى بىلەن خېرىدارغا پايدىسىز قانچىلىك يازمىنى ئۆچۈرىدىغانلىقى، قانچىلىك تور بېكەتلىرىنىڭ بۇ مەزمۇنلارنى ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدە خېرىدار بىلەن پاراڭلىشىدىكەن. ئاندىن ئۆزلىرى بىلىدىغان يوللار بىلەن بۇ يازمىلارنى ئۆچۈرىدىكەن ياكى يېڭى يازما ئېلان قىلىدىكەن.

مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈشىچە، تور گۇپپاڭچىلىرى نۇرغۇن ئۇسۇللار بىلەن يازمىنى ئۆچۈرىدىكەن. بىرى يازمىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈش، بۇنداق قىلغاندا يازمىلارنى نۇقتىلىق سۆزلەرنى ئىزدەش ئارقىلىق تاپقىلى بولمايدىكەن، تور ئۇلانمىسى ئارقىلىقمۇ تاپقىلى بولمايدىكەن. ئىككىنچىسى، يازمىنى دالدىلاش، گەرچە بۇ ئۇسۇلدا ئەسلى يازمىنىڭ مەزمۇنى يەنىلا بولسىمۇ ئەمما بۇنى توردا ئىزدەش ئارقىلىق تاپقىلى بولمايدىكەن، ئەمما تور ئۇلانمىسى ئارقىلىق يەنىلا تاپقىلى بولىدىكەن. ئۈچىنچىسى يازمىنى ئالماشتۇرۇش، بۇنىڭدا ئەسلى يازمىنىڭ تېمىسى بىلەن مەزمۇنى پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان مەزمۇنغا ئالماشتۇرۇلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن تورداشلارنىڭ بۇ يازمىنى كۆرۈش قىزغىنلىقى سۇسلىشىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا تور گۇپپاڭچىلىرى يەنە ھاۋالە قىلغۇچىغا ئائىت ئىجابىي خەۋەرلەرنى كۆپتۈرۈپ تارقىتىپ، بۇنىڭ چېكىلىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، بۇ مەزمۇننى قىزىق تېمىلىق مەزمۇنلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ، بۇنىڭ بىلەن سەلبىي مەزمۇنلارنىڭ تەسىرى تۆۋەنلىتىدىكەن.

تور گۇپپاڭچىلىرى توردا يازما ئېلان قىلىشنى بىر خىل پۇل تېپىش ئۇسۇلى قىلىۋالغان. ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە، بىر قىسىم شىركەتلەر سودىدا رىقابەتلىشىش ئۈچۈن تور گۇپپاڭچىلىرىنى ياللاپ رىقابەتچىسىنىڭ سەلبىي خەۋەرلىرىنى تۈركۈملەپ ئېلان قىلىدىكەن.

مۇخبىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق تور گۇپپاڭچىلىرىنى كارخانىلارنىڭ كۆپرەك ياللايدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ شىركەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى يەنىلا رىقابەتچىگە زەربە بېرىپ، سودىدا كۆپرەك پايدا ئېلىش ئىكەن. مەسىلەن مەلۇم بىر شىركەت تۈرگە خىرىدار چاقىرىش جەريانىدا، تور گۇپپاڭچىلىرىدىن پايدىلىنىپ، رىقابەتچىسىنىڭ كۆپلىگەن سەلبىي خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ رىقابەتچىسى خىرىدار چاقىرىشتا مەغلۇپ بولۇپ، نەچچە مىليون يۈەن زىيان تارتقان.

بۇ شىركەتلەر ئاممىۋىي مۇناسىۋەت شىركىتى ئارقىلىق تور گۇپپاڭچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىدىكەن، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە جىنجوۋ ساقچىلىرى دېلوغا چېتىشلىق ئاممىۋىي مۇناسىۋەت شىركىتىدىن تۆتنى بىر تەرەپ قىلغان بولۇپ، جىنايەت گۇماندارىدىن 11ى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ تۆت شىركەت توردىكى جامائەت پىكرىنى ياخشىلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز دەپ خېرىدار جەلپ قىلغان. ئۇلار كۆپلەپ تور گۇپپاڭچىلىرىنى ياللاپ، خېرىدارلىرىنىڭ پايدىسىز تور ئۇچۇرلىرىنى تۈركۈملەپ ئۆچۈرۈپ تۇرىدىكەن. ئىگىلىنشىىچە، تور گۇپپاڭچىلىرىنىڭ مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە جامائەت پىكرىنى كونترول قىلىش ھەققى نەچچە 100مىڭ يۈەن بولۇپ، جىڭجۇ ساقچىلىرى بۇ قېتىم تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان دېلولار ئىچىدە، بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ ھەق ئالغىلى نەچچە مىليون يۈەنگە يەتكەن.

تور گۇپپاڭچىلىرى يەنە تور بېكەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا پارا بىرىدىكەن. مەسىلەن مەلۇم دوختۇرخانىغا ئائىت سەلبىي خەۋەر "100يۈەنگە كۆرگىلى بولىدىغان كېسەلنى بۇ دوختۇرخانا نەچچە مىڭ يۈەن بىلەنمۇ ساقايتالمىدى" دېگەن يازما توردا پەيدا بولغان بولسا، تور گۇپپاڭچىلىرى پۇلنى ئالغاندىن كىيىن، بۇ يازمىنى ئېلان قىلغان تورنىڭ باشقۇرغۇچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا ئازراق پايدا بېرىپ، بۇ مەزمۇننى يۇيغۇزۇۋېتىدىكەن. پايدىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىر قىسىم تور گۇپپاڭچىلىرى يەنە تور بېكىتى قۇرۇپ، يازما ئېلان قىلىش، ئۆچۈرۈش ھوقوقىنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىگەن. مەسىلەن بۇ قېتىم تەكشۈرۈلگەن لىيۇۋ فامىلىلىك جىنايەت گۇماندارى ئۆزى تور بېكىتى قۇرۇش ياكى باشقىلارغا ياردەملىشىپ تور بېكىتى قۇرۇش شەكلى بىلەن پايدا ئالغان.

بۇ قېتىم دېلو ئېنىقلاشقا قاتناشقان ساقچىلارنىڭ قارىشىچە، تور گۇپپاڭچىلىرىغا زەربە بىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۇلارنى ياللاپ ئىشلىتىۋاتقان كارخانا ۋە شەخسلەر، شۇنداقلا تور گۇپپاڭچىلىرىنىڭ ئاتالمىش ئىجتىمائىي ئالاقە شىركىتىنىڭ قانۇنسىز تىجارەت تۈرىگە قاتناشقۇچىلار، تەڭ پايدا ئېلىۋاتقان تور باشقۇرغۇچىلىرىغا قارىتىلغان زەربە بېرىش ۋە جازالاش سالمىقىنىمۇ كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

 

企业微信截图_20190204133129.png
1413624012.jpg