ئېلىمىزنىڭ ئاي شارى بازىسىدىكى ئىچىملىك سۇ قانداق ھەل قىلىنىدۇ؟
0
2019-02-11 15:01:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

2019-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، «چاڭئې 4-نومۇرلۇق» قونۇش ئاپپاراتى ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىكى ۋون كارمان سوقۇلما ئازگىلىغا ئوڭۇشلۇق قوندى ھەمدە «يۈتۇ 2-نومۇرلۇق» ئاي يۈزىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى سوقۇلما ئازگىلى ئىچى مۇھىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشكە قويۇپ بەردى.

2019-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 20 دىن 39 مىنۇت ئۆتكەندە، «چاڭئې 4-نومۇرلۇق» قونۇش ئۈسكۈنىسى نۇر چۈشۈرۈپ ئۆزلۈكىدىن ئويغىتىلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، «يۈتۇ 2-نومۇرلۇق» تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 20 لەردە ئۆزلۈكىدىن ئويغىنىشنى تاماملىغانىدى. ئىككى ئۈسكۈنە ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدە قونۇپ تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئاي شارىدىكى تۇنجى كېچىنى بىخەتەر ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، پىلان بويىچە ئاي شارىدىكى 2-كۈندۈز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

«چاڭئې 4-نومۇرلۇق»نىڭ ۋەزىپىسى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، ئەمما بۇ بىزنى ئويلاندۇرىدىغان بىر مەسىلە پەيدا قىلدى: كەلگۈسىدىكى چاڭئې ئاي قۇرۇلۇشى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ؟ ئاي شارى بازىسى قاچاندىن باشلاپ قۇرۇلىدۇ؟ جۇڭگولۇقلار تۇنجى بولۇپ ئاي شارى يۈزىنىڭ نەرىگە قونىدۇ؟

«چاڭئې 4-نومۇرلۇق»نىڭ ۋەزىپە مەزگىلىدە كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بەردى، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى «چاڭئې 4-نومۇرلۇق»نىڭ ئېنىق قونۇش ئورنىغا ئىگە بولۇشنى ئويلاپ، ئاي شارىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئوربىتا ئۇچقۇسى ئارقىلىق «چاڭئې 4-نومۇرلۇق» قونۇش ئۈسكۈنىسى كۆتۈرگەن ئاي توزانلىرىنى كۆزىتىشكە ئۇرۇندى.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئەلۋەتتە تەننەرخنى تېجەپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ۋون-كارمان سوقۇلما ئازگىلى يۈزىدىكى ئاي تۇپرىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت. يىراققا نەزەر سالغاندا، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ پۈتكۈل ئاي يۈزى سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلىشى قايسى جاينىڭ ئاي شارى يۈزى بازىسىنى قۇرۇشتىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك جاي ئىكەنلىكىنى باھالاش ئۈچۈندۇر.

ئاي شارى بازىسىنى قانداق قۇرۇش كېرەك؟

ئاي شارى بازىسى قۇرۇش يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن پەرەز قىلغاندا ئەڭ تېز بولغاندا 2040-يىلىدىن بۇرۇن بولىدۇ. ئاي شارى بازىسىنى قۇرۇشنىڭ ئىككى خىل يولى بار، 1-يولى ماسىكنىڭكىدەك كۆپ بۆلۈمچىنى تۇتاشتۇرۇش ئەندىزىسى بولۇپ، نەچچە مەزمۇت بۆلمىنى ئاي يۈزىگە سىلىق قوندۇرۇش ئۇسۇلىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاندىن بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ ئاي يۈزى تۇرمۇش رايونى قۇرۇشتىن ئىبارەت.

2-خىلى ئۆز جايىدىن ماتېرىيال ئېلىش بولۇپ، 1-خىلدىكى ھەممە نەرسىسى تەل بولغان ئۇسۇلغا ئوخشمايدۇ، ئاي يۈزىدە كان تېشى قېزىشقا توغرا كېلىدۇ، چاڭ-توزانلار خام ماتېرىيال قىلىنىپ، بەلگىلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق بىز ئىشلىتەلەيدىغان قۇرۇلۇش خام ماتېرىيالىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا بازا توپىنى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇپ، چوڭ كۆلەملىك ئاي شارى يۈزى بازىسىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ، بۇ، تېخىمۇ كۆپ ئالەم ئۇچقۇچىسى، تەتقىقاتچىلارنى تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

ئاپوللو ئايغا چىقىش پىلانى مەزگىلدە، ئايغا چىقىش بۆلمىسىنىڭ ئومۇمىي ماسسىسى 14.69 توننا بولۇپ، خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئىقتىدار بۆلمىسىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ماسسىسى 10 نەچچە توننا كېلەتتى. تېخنىكا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بىز ئاي شارى يۈزىدە بىر ئاي شارى بازىسى قۇرۇشنىڭ ئاساسىي شەرتىنى ھازىرلىدۇق، ھازىر كەم بولۇۋاتقىنى «ساتۇرىن 5-نومۇر» غا ئوخشاش چوڭ تىپتىكى راكېتا.

ئايدا قانداق ئولتۇراقلىشىمىز؟

ئاي شارى بازىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ، ھازىرقى خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ يۈرۈشۈش ئەندىزىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئاي شارى بازىسىنىڭ يۈرۈشۈش ھالىتىنى ساقلاشتىن باشقا، يەنە ئالىملار تۈرلۈك تەجرىبىلەرنى ئىشلىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئاي شارى بازىسىنىڭ ئىشلىنىش رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

ئادەم بولغانىكەن، يىيىش، ئىچىشتىن ئىبارەت نورمال مېتابولىزم جەريانى بولىدۇ، ھازىر ئاي شارى بازىسىنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش، كېرەكسىز چىقىرىندىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھەل قىلىندى، خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ تەييار تېخنىكا ۋە ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەك ئېلىشقا بولىدۇ. بىردىنبىر پەرق شۇكى، ئاي شارى بازىسىنىڭ كۆلىمى زورىيىپلا قالسا، ئايدا تۇرىدىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ۋە ئالىملار كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەر ۋاقىت ھەممە نەرسىنى تەل قىلىۋالغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئاي شارى يۈزىدە ئۆز ئۆزىنى قامداشقا توغرا كېلىدۇ.

كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە، ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئاي شارى بازىسى بەلكىم كۆپ مەزمۇت بۆلمە تۇتاشتۇرۇلغان بازا بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق بازىنىڭ كۆلىمى چوڭ ئەمەس، 3 تىن 6 گىچە ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ئايدا قىسقا مەزگىللىك تۇرۇشىغا ماس كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاي شارى ئوربىتىسى ئالەم بوشلۇقى پونكىتى سەپلەنگەن بولۇپ، خادىملارنى ئالماشتۇرۇش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. سۇ ۋە يېمەكلىكنى ئەلۋەتتە يەر شارى يۈزىنىڭ تەمىنلىشىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئۇچقۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىچىك تەرىتى ۋە تەرىنى ئايلاندۇرۇپ قايتا ئىچەلەيدۇ، بۇ تېخنىكا ئاي شارى بازىسىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

«چاڭئې 4-نومۇر» بىزگە يېڭى ئىلھام ئاتا قىلدى

«چاڭئې 4-نومۇر»نىڭ مۇۋەپپەقىيىتى جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش، ئايغا چىقىشىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى ئاي شارى بازىسىنى ئاي شارى ئارقا يۈزىگە قۇرغىلى بولىدۇ، ئادەملىك ئايغا چىقىش ئۈسكۈنىسىمۇ ئاينىڭ ئارقا يۈزىگە قونۇپ، جۇڭگو بايرىقىنى ئاينىڭ ئارقا يۈزىگە قادايدۇ، بۇنىڭ ئەھمىيىتىدىمۇ زور پەرق بولىدۇ.

 

企业微信截图_20190204133129.png
1413624012.jpg