دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خوتۇن ئېلىش دەسمايىسى
0
2019-03-20 10:33:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگودا مۇھەببەتنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئۆي باھاسى، شۇڭا نۇرغۇنلىغان بويتاق ئەرلەر ئۆي ۋە ماشىنا ئېلىش تەلىپىنى قويمايلا تېگىشىنى خالايدىغان قىزلارنى ئىزدەيدۇ. لېكىن دۆلىتىمىزدە بۇنداق قىزلار بەلكىم ناھايىتى ئاز بولسا كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بۇنداق ئەرلەر نەزىرىنى چەتئەللەردىكى ئاياللارغا تىكىدىكەن. بۇ خىل ئەرلەرنىڭ مەقسىتى بولسا ئەرزانلا بەخىتكە ئېرىشىش ئىكەن.

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشىيەندىكى ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى شەھەرلەردە ياشلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىدىغان توي تەكلىپى قويۇش سوۋغىسى يانفون بولۇپ، ئۈزۈك ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. چاۋشىيەندە تېلفۇننىڭ باھاسى 200~400 ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولۇپ، تورغا چىققىلى، خەلقئارالىق تېلېفون ئۇرغىلى بولمايدىكەن. 


1.گوندۇراس جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ خوتۇن ئالماشتۇرۇش 

تويلىشىش دەسمايىسى: سىزنىڭ ئاللىقاچان بىر گوندۇراس جۇمھۇرىيىتىدىن بولغان ئايالىڭىز بولۇشى كېرەك، شۇندىلا خوتۇن ئالماشتۇرسىڭىز ھەقسىز بولىدىكەن.  

گوندۇراس جۇمھۇرىيىتىدە ئاياللار خۇددى تاۋارغا ئوخشاش ئالماشتۇرۇلىدىكەن. بۇنداق قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ-ئادەتكە نىسبەتەن، ھۆكۈمەتمۇ ئامالسىز قالغان. مەسىلە شۇكى گوندۇراس جۇمھۇرىيىتىدىكى كىشىلەر خوتۇن ئالماشتۇرۇشقا ناھايىتى ئامراق ئىكەن، مۇشۇنداق ئالماشتۇرىۋېرىپ ھەتتا بالىلارمۇ زادى كىم ئۆزىنىڭ ئاپىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت قانۇن چىقىرىپ خوتۇن ئالماشتۇرۇشتا مەخپىي ئالماشتۇرۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت ۋە پەقەت بەلگىلەنگەن بازاردا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. يەنە كېلىپ ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم بازار ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ خىل سودا ئادەتتە ئەرلەر ئارىسىدا بولىدىغان بولۇپ، خوتۇنلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرىدىكەن، ھېچقانداق پۇل خەجلىمەيدىكەن.  

111111111111.jpg
1111111111111111.jpg