ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى غەيرىي ئۆرپ-ئادەتلەر
0
2019-03-20 10:39:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

 

دۇنيادا بىز ئاڭلاپ باقمىغان ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار ناھايىتى كۆپ، تۆۋەندە بىز ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى غەيرىي ئۆرپ-ئادىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.   

 

1. پاكىستاندا كېلىنچەك كۈلسە بولمايدۇ 

پاكىستاننىڭ توي مۇراسىمى ئادەتتە كېلىنچەكنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزىلىدۇ، ئەمما ھازىرقى توي مۇراسىملىرى ئۇنداق قاتتىق ئەمەس، تادىمنىڭ توي مۇراسىمى ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلدى. باشقا بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئوخشاش، پاكىستاندا كېلىنچەك توي مۇراسىمىدىن بەش كۈن ئىلگىرى بىر قېتىم رەسمىي يۇيۇنىدۇ. يۇيۇنغاندىن كېيىن قىزنىڭ يېقىن دوستى چاچلىرىنى تاراپ، قول ۋە پۇتى تىرناقلىرىنى بويايدۇ، ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى تەبئىي، گۈلنى يۇيۇپ چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ.  

توي مۇراسىمىدا كېلىنچە ئۆزىنىڭ ھەدە-سىڭىللىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا يېڭى ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى ئۈچ قېتىم چۆرگىلەيدۇ، بۇ بۇندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ ئائىلىنىڭ ئەزاسىغا ئايلىنىدىغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.  

پاكسىتاننىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە، كېلىنچەك پۈتۈن توي مۇراسىمىدا قەلبى خۇشال بولىدۇ، يۈزىدە چوقۇم پەرىشان بولغانلىق ئىپادىسى كۆرۈلىشى كېرەك، ئەكسىچە پەرىشانلىق قانچە ئېغىر بولسا كىشىلەرنىڭ شۇنچە ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.   

  

2. تايلاند توي سىرتىدا ئاشنا ئويناشنىڭ نەتىجىسىنى قوغدايدۇ 

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تايلاندتا بىر قانچە خوتۇن ئالسا بولىدىكەن، ئادەتتە ئۈچ-تۆت خوتۇن ئېلىش ناھايىتى نورمال ئىش ھېسابلىنىدىكەن، ئەمما قانۇندا پەقەت بىرلا خوتۇننى ئېتىراپ قىلىدىكەن، توي قىلمىغان ئايالى تۇغقان بالىنىڭ ئاتىسىنىڭ فامىلىسىنى ئىشلىتىشىگە ھەمدە ۋارىسلىق ھوقۇقى بولۇشىغا يول قويۇلىدىكەن. يەنى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى قانۇنلۇق توي سىرتىدىكى ئاشنا ئويناشنىڭ نەتىجىسىنى قوغدايدۇ.  

  

 

  

3. ھىندىستان ئاياللىرى زىبۇ-زىننەت تاقىماي سىرتقا چىقمايدۇ 

 

ھىندىستاندا ئاياللارنىڭ زىننەت بۇيۇمى تاقىماي سىرتقا چىقىشى ئەدەبسىزلىك دەپ قارىلىدۇ. ھەرخىل زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ئىچىدە ھىندىستانلىقلار ئەڭ ياقتۇرىدىغىنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت. ھىندىستانلىقلارنىڭ تېرىسى قارامتۇل، ئالتۇن زىبۇ-زىننەت ئاسقاندا ناھايىتى ئاسانلا بۇ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىنىدۇ. ھىندىستان كوچىلىرىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت تاقايدۇ، ھەتتا يول ياقىسىدىكى تىلەمچى كىچىك قىزمۇ گەرچە مەينەت كىيىنسىمۇ، بۇرنىغا كىچىك ھالقا ئېسىۋالىدۇ.   

  

4. كامېرون ئانىلىرى ئۆز ئوغلىغا ياتلىق بولسا بولىدۇ 

گەرچە كامېروندا قانۇندا بەلگىلەنگەن توي قىلىش يېشى قىزلارنىڭ 15 ياشتىن يۇقىرى، ئوغۇللارنىڭ 18 ياشتىن يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما يېزىلاردا ئەنئەنىۋى بالدۇر توي قىلىش ئادىتى ساقلىنىپ قالغان، بەزى قىزلارغا ئىككى يېشىدا چاي ئىچۈرۈلۈپ، توققۇز يېشىدا توي قىلىدۇ.  

گەرچە شەھەردە ياشلارنىڭ توي قىلىش يېشى ئادەتتە 20 ياش ئەتراپىدا بولسىمۇ، ئەمما كامېروندا غەيرىي تويلىشىش ئەھۋالى مەۋجۇت، يەنى ئوغلى ئاتىسىنىڭ ئايالىغا ۋارىسلىق قىلسا، ئىنىسى ئاكىسىنىڭ ئايالىغا ۋارىسلىق قىلسا بولىدۇ، ھەتتا بالىلىرىمۇ بىرلىكتە ۋارىسلىق قىلىدۇ، مەقسەت بولسا ئاتىسىنىڭ ئايالى ياكى ئاكىسىنىڭ ئايالىنىڭ باشقىلارغا ياتلىق بولۇپ، ئائىلە بايلىقىنى ئېلىپ كېتىشتىن مۇداپىئەلىنىش. ئەلۋەتتە بۇ خىل ۋارىسلىق ھەرگىزمۇ مەجبۇرىي ئەمەس، ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلىشى بىلەن بولىدۇ. ئەمما قەبىلە باشلىق بۇنىڭ سىرتىدا، ئەنئەنە بويىچە، قەبىلە باشلىقى ئۆلگەندىن كېيىن، ئوغلى قەبىلە ئاقساقاللىقى، ھوقۇق، بايلىق ھەتتا بارلىق ئايال ۋە بالىلارغا ئوخشاشلا ۋارىسلىق قىلىدۇ.  

 

 

5. ئىراننىڭ ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش كۆلىدە مەخپىيەتلىك بار 

ئاياللارنىڭ ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ دېڭىز ساھىلىدا سۇ ئۈزىشى ناھايىتى ئاز كۆرىلىدىغان ئىش، پايتەخت تېھراندىكى بۇنداق ئاۋات مەركىزى شەھەردىكى مۇنارسىمان بىنادىمۇ كۆپ ئۇچرىمايدۇ، ئەكىسچە ئۆزىگە خاس قورولار ئوخشىمايدۇ. 

ئادەتتىكى كىشلەرنىڭ ئۆيىدىكى سۇ ئۈزۈش كۆلى ئادەتتە ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا سېلىنىدۇ، كۆپىنچە ھالدا تۆت تەرەپلىك شەكىلدە ھەم رومانتىك ئەگمىسى بار. سۇ ئۈزۈش كۆلىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ھويلىنىڭ كۆلىمى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئىقتىسادى شارائىتى ياخشى كىشلەرنىڭ سۇ ئۈزۈش كۆلىگە چىنە خىش ياتقۇزۇلغان، يېنىدا يەنە بەدەن ئۇۋىلاش ئۆيى ۋە ھور مۇنچىسى بار. سۇ ئۈزۈش كۆلىنى رېمونت قىلىش ھەققى ئانچە قىممەت ئەمەس، ئادەتتىكىلىرىنىڭ 2000 دوللار، ئىراندا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بار كىشلەر ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن، جەمئىيەتتە مەخسۇس سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى رېمونت قىلىپ جان باقىدىغان ئىشچىلار پەيدا بولغان.   

 

 

6.  ماراكەشتە «كېلىنچەك بازىرى»دا جۆرە ئىزدەيدۇ 

ماراكەشنىڭ ئاتراش تاغلىق رايونىدىكى بەربەرلەر ئولتۇراقلاشقان جايدا «كېلىنچەك بازىرى»بار. ھەريىلى 9-ئايدا، ئۇ يەردە بايرام ئۆتكۈزۈلىدۇ، يەنى جورا ئىزدەش بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ياشلار بۇ يەردىن ئۆزىنىڭ جورىسىنى ئىزدەيدۇ.  

جۆرە تاپقان ئوغۇل تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىزغا گەپ باشلىسا بولىدۇ، ناۋادا قىز ئۇنىڭغا قوشۇلسا ئۆزىنىڭ قولىنى تۇتۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ. كېيىن مەسئۇل خادىم كەپىدە ئۆزئارا يارىشىپ قالغان ئوغۇل-قىزغا تويلىشىش ئىلتىماس جەدىۋىلىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ماراكەش ھۆكۈمىتى ھوقۇق بەرگەن ۋەكىل ئىمزا قويغاندىن كېيىن تويلىشىش رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.   

 

7. ۋېيتنامدا «ئاشىقلار-مەشۇقلار بازىرى»دا كېلىنچەك تاللايدۇ 

ۋېيتنامدىكى ئاز سانلىق مىللەت دائولار ۋېيتنامنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 1500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جايدا ياشايدۇ. دائۇلار ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى «ئاشىقلار-مەشۇقلار بازىرى» ھەرقايسى كەنىتلەردىن كەلگەن كۆپلىگەن توي قىلمىغان ياش ئوغۇل-قىزلارنى جەلپ قىلىدۇ. دائولارنىڭ ئۆرپ ئادىتى بويىچە، قىز بالا 15 ياشقا كىرگەندە ياتلىق بولىدۇ. ناۋادا قىز بالا بۇ يېشىدا جۆرىسىنى تاپالمىسا ئۇنىڭ قابىلىيىتى يوقلىقى ياكى چىرايلىق ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ھەتتا قىز تەرەپنىڭ ئائىلىسىنىڭمۇ يۈزى چۈشۈپ كېتىدۇ. شۇڭا دائۇ قىزلىرى ئۆزىنىڭ 15 ياش ۋاقتىدا جۆرىسىنى تېپىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.  

  

8. ياپونىيەدە ئاتىلار بايرىمىدا قىزى ئاتىسى بىلەن بىر گە يۇيىنىدۇ 

ئاتىلار بايرىمى ياپونىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدە بىر خىل ئالاھىدە ئىش ھېسابلىنىدۇ، ھەتتا ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىدىنمۇ مۇھىم. ياپونىيە پەرزەنىتلىرى ئاتىلار بايرىمى كۈنى كۆپ قىسىمى ئاتىسى بىلەن بىرگە جەم بولىدۇ، ئاتىسىنىڭ جان جىگەر قىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، توي قىلغان بولسۇن ياكى توي قىلمىغان بولسۇن ھەممىسى ئاتىسى ئۈچۈن ئۈچ تۈرلۈك ئىشنى ياخشى قىلىدۇ، ئاۋال بىر پارچە مىننەتدارلىق خېتى يېزىپ ئاتىسى ئالدىدا ئوقۇپ، ئاتىسىنىڭ بىر ئۆمۈر تارتقان جاپاسىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.   

  

ئىككىنچى ئىش بولسا بىز قوبۇل قىلالمايدىغان ئىش، يەنى ئاتىسىغا ھەمراھ بولۇپ بىرلىكتە يۇيىنىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن تۇيغۇمۇ ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. ياپونىيە قىزلىرى ئاتىلار بايرىمى كۈنى ئاتىسىنى يۇيۇپ قويۇشنى ئاتىسىغا ئەڭ چوڭ ئىللىق بېرىدىغان بىر خىل شەكىل دەپ ھېس قىلىشى مۇمكىن.   

111111111111.jpg
1111111111111111.jpg