يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدىغان شۇ مىنۇتلار ئېسىڭىزدىمۇ؟
0
2019-03-20 10:47:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

 

1. بىر كۈنى ئەتتىگەن سائەت ئۈچلەردىلا دادام تېلېفون قىپتۇ، چۆچۈپ تېلېفوننى ئېلىپلا، سورىدىم:  

- نېمىش بولدى؟  

- ھە، ھېچ ئىش يوق...  

- زادى نېمىش بولدى؟ (مەن بۇنچە كەچتە ئۇخلاۋاتقانلىقىمنى دادام بىلىپ تۇرۇپ تېلېفون قىلغاندىكىن بىرەر ئىش بولدىمىكىن دەپ ئەنسىرىگەن.)
- ھېچ، ھېچ ئىش يوق، شۇ سېنى تۇيۇقسىز سېغىنىپ، بولدى ئۇخلاۋەرگىن...  

....  

بىردەمدىن كېيىن، دادامدىن ئۇچۇر كەلدى، «شۇ چۈشۈمدە سېنى يولدىن ئېزىپ قاپتۇ دەپ كۆرۈپتىكەنمەن، قوقۇپ كېتىپ تېلېفون قىلىشىم...» ئۇ كۈنى ماڭا ئۇيقۇ يوق، كېچىچە يىغلاپ چىققانىدىم.   

 

 

2. توي كۈنۈم، كۆزۈمنى ئانام بىلەن ئۇچرىشىپ قالمىسۇن دەپ، بەكلا ئېھتىيات قىلدىم، چۈنكى ئۇچرىشىپلا قالسا، كۆز ياشلىرىمنى تۇتالماسلىقىم ئېنىق. تۇيۇقسىز بىر دوستۇم ئانامغا:«سىز ھەقىقەتەن بەك قەيسەركەنسىز!» دېگەنىدى، ئانام ئۇ دوستۇمغا ئېسىلىپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. مەن ئانامنى قۇچاقلاپ يىغلىدىم:«پەقەت بىر قېتىملا يىغلايمەن، مۇشۇ بىر قېتىملا يىغلىۋالاي!»، بۇ سۆزۈمنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن مېھمانلار ئۆزلىرىنى تۇتالماي يىغلاپ تاشلىدى. قارىسام دادام بىچارە، بىر ئورۇندۇقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ، ئېسەدىگىلى تۇرۇپتۇ. مۇشۇ ۋاقىتنى ئويلىساملا كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كېلىدۇ. 
  

 

 

3. توي قىلىپ بولۇپ، ئۆينىڭ مەسىلىسى بىلەن، نوپۇسۇمنى يولدىشىمنىڭ نوپۇسىغا يۆتكىدىم، بۇ چاغدا دادام ئىككىگە ئايرىلغان نوپۇسىمىزنى تۇتۇپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئەمدى راستىنلا باشقىلارنىڭ ئادىمى بولۇپ قالدىڭ... ھەي... ». خۇددى مەن ئەمدى ھەرگىزمۇ ئاتا-ئانامنىڭ بالىسى بولالمايدىغاندەك ھېس قىلىپ، بەك يىغلاپ كەتكەنىدىم.  

 

4. تويدىن بىر كۈن بۇرۇن، دادام يولدىشىمغا :«بىز قىزىمىزنى ساڭا تاپشۇردۇق، بۇندىن كېيىن ياخشى قارا!» دېگەنىدى. كەچتە ئۇخلاپ ياتسام، ياتاق ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىنى بىرى چەكتى، قارىسام دادامكەن، ئۇ :«مېنىڭ ئۇنداق دېگىنىم، سېنى ھەرگىزمۇ ئەمدى بالام ئەمەس دېگىنىم ئەمەس، ئۇنى ساڭا ياخشى قارىسۇن دەپ شۇنداق دېگەن. سەن مەڭگۈ مېنىڭ بالام.». دادام شۇ گېپىگە مېنى كېچىچە بىئارام بولمىسۇن، دەپ، يېرىم كېچىدە كىرىپ، كۆڭلۈمنى ياساپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.  

5. توي كۈنۈم، ئەتتىگەندە زالغا ماڭايلى دەپ تۇرساق، دادام ھاجەتخانىغا كىرىۋېلىپ، ئۆزى يالغۇز يىغلاۋېتىپتۇ.... 

 

111111111111.jpg
1111111111111111.jpg