ياش-ئۆسمۈرلەر ئەمدى دوۋيىندىن «زەھەرلەنمەيدۇ»
0
2019-03-29 17:12:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جڄۇڭگو تور ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تور بېكىتىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 28-كۈنى دۆلەتلىك تور ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى يېتەكچىلىك قىلىپ «دوۋيىن»، «كۇەيشوۋ»، «خوشەن كىچىك فىلىم» قاتارلىق فىلىم سۇپىلىرىدا ياش-ئۆسمۈرلەر بېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا تەشكىللىگەن. بۇ تور قىسقا فىلىم ساھەسىدە تۇنڄى قېتىم ياش-ئۆسمۈرلەر بېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بولۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداپ، كەسىپنىڭ ئىڄتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ياخشى بولغان تور مۇھىتى بەرپا قىلىشتا ئىڄادىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ قېتىم سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «ياش-ئۆسمۈرلەر بېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى» قىسقا فىلىم ئەپ دېتالى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئابۇنتلار ھەر كۈنى ئەپنى تۇنڄى قېتىم قوزغاتقاندا سىستېما كۆزنەك ئېچىپ ئەسكەرتىش بېرىپ، ئائىلە باشلىقى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر «ياش-ئۆسمۈرلەر ھالىتى»نى تاللاشقا يېتەكلىنىدۇ، ئىشلىتىش قولاي.

«ياش-ئۆسمۈرلەر ھالىتى»گە كىرگەندىن كېيىن ئابۇنتنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى، مۇلازىمەت ئىقتىدارى، توردا تۇرۇش ۋاقتى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، پەقەت ياش-ئۆسمۈرلەرگىلا خاس مەزمۇنلارنىلا كۆرگىلى بولىدۇ. سىستېما يەنە سىناق نۇقتىنى ڄۇغراپىيەلىك ئورۇن ئارقىلىق بېكىتىش، ئابۇنتلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئانالىز قىلىش قاتارلىق تېخنىكا ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ يېزا رايونىدىكى بالىلارغا قارايدىغان ئابۇنتلارنى ئايرىپ چىقىدۇ ھەمدە «ياش-ئۆسمۈرلەر ھالىتى»گە ئاپتوماتىك ئالماشتۇرىدۇ.

يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدا تور قىسقا فىلىملىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى قىسقا فىلىم سۇپىلىرى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ئىڄتىمائىي مەسئۇلىيەتكە ئايلاندى. CNNIC ئېلان قىلغان 43-قېتىملىق «ڄۇڭگو ئىنتېرنېتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ئىستاتىستىكا دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى 12-ئايغا قەدەر ئېلىمىزدىكى قىسقا فىلىم ئابۇنتلىرىنىڭ كۆلىمى 648 مىليونغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى زور كۆپ قىسىم ئابۇنت ياش-ئۆسمۈرلەر ئىكەن. تور قىسقا فىلىمى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش بىلەن بىرگە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوخشىمىغان دەرىڄىىكى بېرىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، ئائىلە باشلىقى ۋە ڄەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەردە مەسىلە بار بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار قىسقا فىلىم سۇپىلىرىدا بېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش بارغانسېرى زۆرۈر بولماقتا.

دۆلەتلىك تور ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى سىناق نۇقتا تەڄرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىدا بۇ يىل 6-ئايدا مەملىكەتتىكى ئاساسلىق تور قىسقا فىلىم سۇپىلىرىدا «ياش-ئۆسمۈرلەر بېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى» ئورنىتىدۇ ھەمدە بىرلىككە كەلگەن كەسىپ ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا بېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەم ئىنتېرنېت كارخانىلىرى ئىڄتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك، ھەم ڄەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك، بولۇپمۇ مەكتەپ بىلەن ئائىلە باشلىقلىرى زىچ ماسلىشىپ تېخنىكىدا ئىلگىرىلەشنى قوللاپ، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرگەندىلا ئاندىن تورغا بېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

未标题-1.jpg
1124275911_15534497154291n.jpg
1124274012_15533587057731n.jpg
1111111.jpg
1111111111111.jpg