2019-يىللىق دۇنيا نوپۇسى رەت-تەرتىپىگە نەزەر
0
2019-04-16 10:40:00
|
مەنبەسى:nur
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

10. مېكسىكا (نوپۇس سانى: 130 مىليون 759 مىڭ 74 ئېشىش نىسبىتى: %1.24 نوپۇس زىچلىقى: 66.57/كۋادرات كىلومېتىر)

مېكسىكىنىڭ نوپۇس سانى تەخمىنەن 130 مىليون بولۇپ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئىسپان تىلى دۆلىتى، يەنە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نوپۇسى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت، پەقەت بىرازىلىيەدىن كېيىنلا تۇرىدۇ. مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن %60 نوپۇس ھىندى-ياۋروپا قان سېستىمىسىدا، %30 بولسا ھىندىئانلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى، %9 ى ياۋروپالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى.

9. رۇسىيە (نوپۇس سانى: 143 مىليون 964 مىڭ 709؛ ئېشىش نىسبىتى: %0؛ نوپۇس زىچلىقى: 8.42/كۋادرات كىلومېتىر)

رۇسىيە جەمئىيىتىدە ئەر-ئايال نىسبىتى تەڭپۇڭسىز. 1989-يىلى، 2002-يىلى ۋە 2010-يىلىدىكى ئۈچ قېتىملىق رۇسىيە مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەدىكى ئەر-ئاياللار نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1000:1140، 1000:1147 ۋە 1000:1163 بولغان.

رۇسىيە دۇنيادىكى نوپۇس ئازىيىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. نوپۇس تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشىچە، 2002-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە رۇسىيە نوپۇسى 142 مىليون 900 مىڭغا چۈشۈپ قالغان. 2002-يىلىدىكى 145 مىليون 200 مىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى مىليون 300 مىڭ ئادەم ئازلاپ كەتكەن، تۆۋەنلەش نىسبىتى %1.6 گە يەتكەن. 1991-يىلىدىن بۇيان، رۇسىيە نوپۇس ۋەزىيىتىدە ئىزچىل يامانلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، 1993-يىلىدىن باشلاپ 148 مىليون 600 مىڭ نوپۇستىن ئازلاپ 1996-يىلىغا بارغاندا 142 مىليون 500 مىڭ ئادەمگە چۈشۈپ قالغان، ھەر يىلى 700 مىڭ ئادەملىك سۈرئەت بىلەن ئازلىسا، 2030-يىلىغا بارغاندا رۇسىيە نوپۇسى 139 مىليونغا چۈشۈپ قالىدۇ.

8. بېنگال دۆلىتى (نوپۇس سانى: 166 مىليون 368 مىڭ 149؛ ئېشىش نىسبىتى: %1.03؛ نوپۇس زىچلىقى: 1127.38/كۋادرات كىلومېتىر)

بېنگال دۆلىتىنىڭ نوپۇس زىچلىقى ھەر كىلومېتىرغا 1100 دىن كۆپرەك ئادەم توغرا كېلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى نوپۇسى چوڭ دۆلەتلەر (نوپۇسى 50 مىليوندىن ئاشىدىغان دۆلەتلەر) ئىچىدە نوپۇس زىچلىقى ئەڭ چوڭ دۆلەت. 2013-يىلىغىچە بېنگال دۆلىتىدە بار مىللەتلەر سانى 20 دىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە بېنگال مىللىتى پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ %98 تىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، جەنۇبىي ئاسىيادىكى قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

7. نىگېرىيە (نوپۇس سانى: 195 مىليون 875 مىڭ 237؛ ئېشىش نىسبىتى: %2.61؛ نوپۇس زىچلىقى: 212.04/كۋادرات كىلومېتىر)

6. پاكىستان (نوپۇس سانى: 200 مىليون 813 مىڭ 818؛ ئېشىش نىسبىتى: %1.93؛ نوپۇس زىچلىقى: 227.70/كۋادرات كىلومېتىر)

پاكىستان نوپۇسى دۇنيا بويىچە ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەت. يېزا نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %63 گە يېقىننى ئىگىلەيدۇ، ئاياللار نوپۇسى %48.5. پاكىستان نوپۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نىسبەتەن تېز، 2014-يىلى 9-ئايغىچە دۇنيا بويىچە 75-ئورۇندا تۇراتتى.

5. بىرازىلىيە (نوپۇس سانى: 210 مىليون 867 مىڭ 954؛ ئېشىش نىسبىتى: %0.75؛ نوپۇس زىچلىقى: 24.76/كۋادرات كىلومېتىر)

ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىكى نوپۇس زىچ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىدا نىسبەتەن شالاڭ. شەرقىي جەنۇب رايونلىرى بولسا بىرازىلىيەدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ رايون، IBGE نىڭ 2004-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا مەزكۇر رايوندىكى نوپۇس تەخمىنەن 78 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، بىرازىلىيە نوپۇسى ئومۇمىي سانىنىڭ %42 نى ئىگىلەيدىكەن. بۇ رايوندا بىرازىلىيەنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۈچ ئىشتاتى (سان پاۋلو، نوپۇسى 70 مىليون. مىناس گىراس، نوپۇسى 19 مىليون. رىئودى ژانىرو، نوپۇسى 15 مىليون) ۋە ئەڭ چوڭ ئىككى شەھىرى (رىئودى ژانىرو ۋە سان پاۋلو) جايلاشقان. سان پاۋلو ۋە رىئودى ژانىرونىڭ كېسىشكەن جايىدا سان پاۋلو ۋە رىئودى ژانىرونى تايانچ قىلغان سودا بەلبىغى ھاسىل بولغان، بۇ رايون %23 بىرازىلىيە نوپۇسىنى مۇجەسسەم قىلغان بولۇپ، بۇ دۆلەتتىكى نوپۇس زىچلىقى ئەڭ چوڭ رايونغا ئايلانغان.

4. ھىندونېزىيە (نوپۇس سانى: 266 مىليون 794 مىڭ 980؛ ئېشىش نىسبىتى: %1.06؛ نوپۇس زىچلىقى: 140.08/كۋادرات كىلومېتىر)

ھىندونېزىيە نوپۇسى دۇنيا بويىچە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەت. نەچچە يۈز مىللەت ياشايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋا مىللىتى نوپۇسى %45 تىنى، سۇندالىقلار %14 تىنى، مادۇرا مىللىتى %7.5 تىنى، مالاي مىللىتى %7.5 تىنى، باشقا مىللەتلەر %26 تىنى تەشكىل قىلىدۇ. مىللەتلەر تىلى جەمئىي 200 خىلدىن ئارتۇق، دۆلەت تىلى ھىندونېزىيە تىلى.

3. ئامېرىكا (نوپۇس سانى: 326 مىليون 766 مىڭ 748؛ ئېشىش نىسبىتى: %0.71؛ نوپۇس زىچلىقى: 34.86/كۋادرات كىلومېتىر)

لاتىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەۋلادى بولمىغان ئاق تەنلىكلەر %62.1 تىنى ئىگىلەيدۇ، لاتىن ئامېرىكىلىقلار %17.4 تىنى، ئافرىقىلىقلار %13.2 تىنى، ئاسىيالىقلار %5.4 تىنى، ئارىلاش قانلىقلار تەخمىنەن %2.5 تىنى ئىگىلەيدۇ، ھىندىئانلار ۋە ئالياسكىدا ئەسلىدە بار بولغان خەلق تەخمىنەن %1.2 تىنى ئىگىلەيدۇ، ھاۋايدىكى ئەسلىدە ئولتۇرۇشلۇق خەلق ۋە باشقا تېنچ ئوكيان ئارال خەلقلىرى %0.2 تىنى ئىگىلەيدۇ.

2. ھىندىستان (نوپۇس سانى: بىر مىليارد 354 مىليون 51 مىڭ 854] ئېشىش نىسبىتى: %1.11] نوپۇس زىچلىقى: 411.87/كۋادرات كىلومېتىر)

ھىندىستان نوپۇسى دۇنيا بويىچە جۇڭگودىن قالسىلا ئىككى چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر نوپۇسى 623 مىليون 700 نەپەر، ئاياللار نوپۇسى 586 مىليون 500 مىڭ نەپەر. نوپۇس تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ئون يىلدا ھىندىستان نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %1.764 بولۇپ، 2001-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرگەن ۋاقىتتىكى %2.115 گە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئازلىغان. نوپۇس تەكشۈرۈشتىن كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان نۆۋەتتە بالىلار جىنىس نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، قىز-ئوغۇل نىسبىتى 1000:914 بولغان.

1. جۇڭگو (نوپۇس سانى: بىر مىليارد 395 مىليون 380 مىڭ؛ ئېشىش نىسبىتى: %0.39؛ نوپۇس زىچلىقى: 139.6/كۋادرات كىلومېتىر)

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى نوپۇسى 104 مىليون 300 مىڭ 300 ئادەم بولۇپ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۆلكە ھېسابلىنىدۇ. 2017-يىلى شەھەر-يېزا قۇرۇلمىسى بويىچە قارىغاندا، شەھەر نوپۇسى 813 مىليون 470 مىڭ ئادەم بولۇپ، شەھەر نوپۇسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى %58.52 بولغان، 2016-يىلى يىل ئاخىرىغا سېلىشتۇرغاندا %1.17 ئاشقان. يېزا نوپۇسى 576 مىليون 610 مىڭ ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى %41.48 بولغان.

1124370926_1555344840349_title0h.jpg
1124358556_15550411802601n.jpg
1124350392_15549026896991n.jpg
1124350806_15549164939331n.jpg