ڦiphone تارىخىدىكى تالاش-تارتىشقا تولغان توققۇز چوڭ ۋەقە
0
2019-05-08 16:25:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئالما بولسا دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ iphone نىمۇ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئۇلار زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ سەۋىيەگە يېتىش مۇساپىسىدە يەنە نۇرغۇن تالاش-تارتىشقا بەرداشلىق بېرىپ كەلگەن. بۇ ماقالىدە iphone تارىخىدىكى ئەڭ بۇرۇندىن ئەڭ يېقىنغىچە بولغان توققۇز چوڭ تالاش-تارتىش ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

iphone نىڭ باھاسى چۈشۈپ بۇرۇن سېتىۋالغۇچىلارنى «جازالىدى»

ئەسلى نۇسخىدىكى iphone ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ باھاسى 599 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ئىدى. گەرچە ھازىرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئەرزان بولسىمۇ لېكىن ئەينى ۋاقىتتا بۇ ھەرگىزمۇ ئاز پۇل ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆچرەتتە تۇرۇشۇپ دېگۈدەك بۇ قىممەت يانفوننى بەس-بەستە سېتىۋالغان. لېكىن ئالما شىركىتى ئۈچ ئاي ئۆتمەيلا بۇ يانفوننىڭ باھاسىنى 399 دوللارغا چۈشۈرۈۋەتكەن.
بۇ ئىش سەۋەبلىك ستىۋ جوبىسنىڭ خەت ساندۇقى ئىستېمالچىلارنىڭ نۇرغۇن ئەرز-شىكايەتلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن. ئاخىرىدا ئالما شىركىتى دەسلەپتە يانفون سېتىۋالغان خېرىدالارغا ئالما يانفونى سېتىۋېلىشتا ئىشلىنىدىغان يۈز دوللارلىق ئېتىبار كارتىسى تارقىتىپ بەرگەن.

 

Flash ئىقتىدارى يوق

ئالمىنىڭ دەسلەپتە كۆپ تەنقىدكە ئۇچراپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى دەل ئۇنىڭدا Flash ئىقتىدارى يوق ئىكەنلىكىدە ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا Adobe نىڭ Flash تېخنىكىسى ئالاقە تورىدا ئەڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تېخنىكىلارنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن ئالما باتارېيەنىڭ ئۆمرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ دېگەن سەۋەب بىلەن بۇ ئىقتىدارنى يانفونىغا قاتمىغان بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك كۆپلىگەن ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان.

ئەمما كېيىن ئەمەلىيەت ئالمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. چۈنكى ھازىر Flash نىڭ بۇرۇنقى دەۋرى ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى HTML5، H.264 ۋە باشقا فىلىم قويغۇچى دېتاللارنىڭ سەۋىيەسى Flash تىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى. ئاخىرىدا Adobe مۇ ئامالسىز كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە قارىتىلغان Flash نى تەتقىق قىلىشنى توختاتتى.

iOS 6 سىستېمىسىدىكى خەرىتە خاتالىقى

ئالما بىلەن گۇگول ئارىسىدىكى رىقابەت 2012ـ يىلى ئەتراپىدا «تەلۋىلىشىش» دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇپ، شۇ يىلى iOS 6 سىستېمىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئالما iphoneغا بىر قىسىم گۇگول ئەپ دېتاللىرىنى ئالدىن قاچىلاشنى توختىتىشىنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ گۇگولنىڭ خەرىتىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. لېكىن iOS 6 سىستېمىسىدىكى خەرىتىدە خاتالىق مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ۋاقتى ئۆتكەن ئۇچۇر، يۆنىلىش خاتالىقى شۇنداقلا گۇگول خەرىتىسىدىنمۇ كىچىك بولغان ئىقتىدار توپلىمى كىشىلەرنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا ئۇچرىدى. كېيىن ئالما بۇ ئىش سەۋەبلىك ئاشكارا كەچۈرۈم سورىدى.

يانفوندا سىگنال يوقاپ كېتىش

ئەينى ۋاقىتتا 4 iphone يانفونىدىكى سىمسىز تور ئۇلىنىشى ئاجىزلاپ كېتەتتى ياكى ئۇلىنىش مەغلۇپ بولاتتى. بۇ ئۇنىڭ ئانتېننا لايىھەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، لېكىن ئالما تەرەپ ئەينى ۋاقىتتا مەسىلە يوق دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرغان. كېيىن ئۇلار باشقا نۇرغۇنلىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلاردىمۇ بۇ مەسىلىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاخىرىدا ئانتېننا لايىھەسىنى ئۆزگەرتكەن ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان.

قان تەر زاۋۇتى

2010ـ يىلىدىن باشلاپ iphone توغرىسىدا تۈرلۈك سەلبىي خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، فۇشىكاڭنىڭ زاۋۇت شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، بۇ دەل ئالما شىركىتىنىڭى نۇرغۇن مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتكەن شىركىتى ئىدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ زاۋۇتتىكى ئىشچىلارنىڭ مائاشى ئىنتايىن تۆۋەن، ئىشلەش ۋاقتى ئىنتايىن ئۇزۇن، ھەتتا يەنە ئون نەچچە ئىشچىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسىمۇ بار ئىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنداق خەۋەرلەر ئالمىنىڭ بىر ئىلغار شىركەت بولۇشتەك ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان. كېيىن بۇ ئەيىبلەشلەرگە قارىتا، ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ تەمىنلەش سودىگەرلىرىنىڭ كەسپىي ئەمەلىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە ئىسلاھ قىلغان. بۇ يېڭى سىياسەتلەر پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئاشكارە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئالما كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بەرگەن ھەمدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان.

يۈتۈپ كەتكەن 4 iphone نىڭ سىرى iphone

4 iphone يانفونى 2010ـ يىلى ئېلان قىلىنىشتىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن، پەن-تېخنىكا تور بېكىتى Gizmodo تېخى ئېلان قىلىنمىغان يانفوننى ئاشكارىلىۋەتكەن. ئالما دەسلەپتە Gizmodo ئىگە بولغان يانفوننىڭ 4 iphone يانفونى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغان.

ئەسلىدە بىرەيلەن قاۋاقخانىدا بىر ئالما خىزمەتچىسى چۈشۈرۈپ قويغان iphone نى تېپىۋالغان بولۇپ، بۇ يانفوننى Gizmodo سېتىۋالغان ۋە ئۇنى ئاشكارىلىۋەتكەن.

ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، Gizmodo نىڭ خىزمەتچى خادىملىرى جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەنگەن. بۇ دېلو 2011ـ يىلى 10ـ ئايدا ھەل قىلىنغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم خىزمەتچىلەر ئاز سوممىلىق جەرىمانە ۋە مۇلازىمەت ھەققى تاپشۇرغان.
لازىم بولمايدىغان U2 پىلاستىنكىسى
ھەممە ئادەم ھەقسىز نەرسىگە ئىگە بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. 6 iphone يۈرۈشلۈكىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئالما U2 بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، بارلىق iTunes ئابۇنتلىرىغا ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى پىلاستىنكىسى «ساپ ناخشا» نى ھەقسىز سوۋغات قىلغان. بۇنداق قىلغاندا ئالما ئالبومىنى ھەر بىر ئابۇنتنىڭ سېتىۋېلىش تارىخى خاتىرىسىگە قوشۇپ قويىدىكەن. بۇ ئاڭلىماققا ناھايىتى قالتىستەك قىلسىمۇ، لېكىن بەزى ئابۇنتلار بۇ پىلاستىنكىنىڭ ئۇلارنىڭ iphone ياكى كومپيۇتېرىغا ئاپتوماتىك چۈشىدىغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەيدىكەن ياكى ئابۇنتلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايدىكەن.
ئالمىنىڭ ياخشى كۆڭلى ئۇلارنى ئەڭ ئاخىرىدا ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. كېيىن ئالما بىر دېتالنى ئېلان قىلىپ، ئابۇنتلارنىڭ پىلاستىنكىنى ئۆچۈرۈپ ئۆزىنىڭ مۇزىكا ئامبىرىدىن چىقىرىۋېتىشىگە ياردەم قىلغان. 

   1 .iOS 8.0 نىڭ يېڭىلىنىشى

 

ئالما 2014-يىلى 9-ئايدا iOS 8 نى ئېلان قىلىپ بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، كىچىك تىپتىكى يېڭىلانغان iOS 8.0.1 لايىھەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بەزى خاتالىقلارنى ئوڭشىغان ھەمدە بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلارنى كىرگۈزگەن. لېكىن iOS 8.0.1 سىستېمىسىنى قاچىلىغان ئابۇنتلار پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىرەر نەرسىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ يېڭىلاش ئۇلارنىڭ يانفونىدا تېخىمۇ ئېغىر مەسىلە پەيدا قىلغان. يەنى ئۇلارنىڭ ھەرە كۆنىكىسىمان تور (يەنى تېلېفون ياكى سىمسىز سانلىق مەلۇماتلار يوق) نى زىيارەت قىلىشىنى توسقان ۋە بارماق ئىزى تونۇش ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتكەن.

كېيىن ئالما بۇ مەسىلىنى دەرھاللا تونۇپ يەتكەن ھەمدە ئالاقە تورىدىن يېڭىلاش سىستېمىسىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا تەخمىنەن 40 مىڭ كىشى بۇ سىستېمىنى يانفونىغا قاچىلىغان ئىكەن. كېيىن ئۇلار يېڭى سىستېما ئەۋەتىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان.

ئالما شىركىتى كونا يانفوندىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى كىشىلەر «ئالما شىركىتى يېڭى تىپتىكى يانفون ئېلان قىلغاندا كونا نۇسخىدىكى iphone نىڭ سۈرىتىنى ئاستىلىتىپ، يېڭى تىپتىكى يانفونلارنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى»، دېيىشكە باشلىغان. كېيىن ئالما تەرەپمۇ بۇنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

2017ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئالما iOS سىستېمىسىنى يېڭىلاشنىڭ كونا نۇسخىدىكى يانفونلارنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ شىركەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت تېخىمۇ كۆپ يانفون سېتىش بولماستىن، بەلكى ئابۇنتلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئىكەن. ئۇلار بۇنىڭ باتارېيەنى قوغداش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان تەدبىر ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان. بۇ ھېكايە يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئالما نۆۋەتتە نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تەلەپ قىلىدىغان كوللېكتىپ دەۋاغا دۇچ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ شىركەت يەنە كونا تىپتىكى باتارېيەنى ئالماشتۇرۇشنى زور دەرىجىدە ئېتىبار بىلەن تەمىنلەشكە مەجبۇر بولغان.