دۇنيا بويىچە مال باھاسى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت، ئۆينىڭ ھەر كۋادرات مېتىرى 410 مىڭ يۈەن
0
2019-05-08 17:22:00
|
مەنبەسى:nur
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ھازىرقى دەۋردە ئۆي باھاسى كىشىلەر دائىم مۇلاھىزە قىلىدىغان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى، كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئۆي باھاسىغا نىسبەتەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆي سېتىۋالالماسلىق قىيىن ئەھۋالىغا دۇچ كەلمەكتە. بۈگۈن دۇنيا بويىچە مال باھاسى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز، بۇ جايدا ئۆينىڭ ھەر كۋادرات مېتىرى 410 مىڭ يۈەن، بىر قۇتا كولا 29 يۈەن، بۇ جاينىڭ قايسى دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

بۇ جاي دەل ۋاتىكان، ۋاتىكان ئىتالىيەنىڭ پايتەختى بولغان رىمنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق شەھەر دۆلىتى. شۇنداقلا دۇنيا بويىچە يەر كۆلىمى ئەڭ كىچىك، نوپۇس سانى ئەڭ ئاز بولغان دۆلەت، بۇ دۆلەتنىڭ يەر كۆلىمى ئاران 0.44 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يەر كۆلىمى ھەقىقەتەن نىسبەتەن كىچىك، دۆلىتىمىزنىڭ بەزى يېزا-قىشلاقلىرىنىڭ يەر كۆلىمىگىمۇ يەتمەيدۇ.

ۋاتىكان ئادەتتە دۇنيادىكى مال باھاسى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ جايدىكى مال باھاسى زادى قايسى دەرىجىدە يۇقىرى؟ ئىگىلىنىشىچە بىر قۇتا 300 مىللىلىتېرلىق كولانىڭ باھاسى 29 يۈەن ئىكەن، كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئۆينىڭ ھەر كۋادرات مېتىرى 410 مىڭ يۈەن، گەرچە بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە GDP قىممىتى يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق بۇ دەرىجىدىكى مال باھاسى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

 

گەرچە بۇ جاينىڭ مال باھاسى يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا بولىدۇ، چۈنكى بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل، ھەقىقەتەن ساياھەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.