«ئائىلە قەيەردە»: مېنى دۇنياغا ئەكەلگەن مەسئۇلىيەتسىز ئاتا-ئانامنى ئەرز قىلىمەن!
0
2019-05-09 10:02:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

لىۋان كىنوسى «ئائىلە قەيەردە»(何以为家) ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان كىنو. بۇ كىنو ھۆججەتلىك كىنوغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇسلۇبتا كۆچمەن زەيننىڭ ئېچىنىشلىق، تىراگېدىيەلىك ھاياتىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن.

زەين سىڭلىسىنىڭ «يولدىشى»نى يارىلاندۇرغاچقا تۈرمىگە كىرىپ قالىدۇ، ئەسلى ئۇنىڭ ئەمدى 11 ياشقا كىرگەن سىڭلىسى ھامىلىدار بولۇپ، بويىدىن ئاجراپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن، ئەمما بۇ تىراگېدىيەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغۇچى دەل زەيننىڭ ئاتا-ئانىسى. ئۇلار ئۆزىنىڭ كىچىككىنە قىزىنى خوجايىنىغا سېتىپ بەرگەن ئاساستا ياتلىق قىلىدۇ. كىنونىڭ بېشى سوت مەھكىمىسىدىن باشلىنىدۇ. كىنو بىر تەرەپتىن زەينگە قانداق ھۆكۈم قىلىنىشىنى سۆزلىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن زەيننىڭ نېمىشقا ئاتا-ئانىسىنى ئەرز قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېچىپ بېرىدۇ.

زەيننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق، ناھايىتى نامرات تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۆيدە بىر كارىۋاتمۇ يوق، پەقەت يەردە قىستىلىپلا ياتىدۇ. ئۇلار جان ساقلاش ئۈچۈن بارلىق ئامال-چارىلەرنى قوللىنىپ باقىدۇ، چەكلەنگەن ناركوز دورىلىرىنى جىنايەتچىلەرگە سېتىپ بېرىدۇ، كىچىك بالىلىرىغا قانۇنلۇق سالاھىيەتمۇ بېكىتىپ بەرمەيدۇ، يەنە ئۇلارنى ھەر خىل ئەمگەككە زورلايدۇ. زەين سىڭلىسىنىڭ «توي» ئىشىغا قوشۇلمايدۇ، سىڭلىسىنى ئېلىپ قېچىشى نەتىجىسىز بولغاچقا ئاخىرىدا ئۆيىدىن چىقىپ كېتىدۇ. كېيىن زەين بىر بالىسى بار ئېفىئوپىيەلىك يالغۇز ئانا راھىل بىلەن تونۇشۇپ بۇ ئائىلىگە ئورۇنلىشىدۇ. بۇ جەرياندا زەين ئىنىسىغا ياخشى قارايدۇ. راھىل تىرىشىپ خىزمەت قىلىش ئارقىلىق يالغان كىملىككە ئېرىشىدۇ، ئۇلار قىسقا مەزگىللىك مۇقىم ھەم بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. لېكىن ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمايدۇ، راھىلنى ساقچىلار ئېلىپ كېتىدۇ. زەين ئىنىسىنى شۇنچە ياخشى باقماقچى بولسىمۇ لېكىن تەقدىر يول قويمايدۇ، ئاخىرىدا قارا نىيەت سودىگەر بالىنى ئالداپ كېتىدۇ.

 

بۇ كىنودا قەستەن ئادەمنى ھاياجانغا سېلىپ يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىدىغان جايلار يوق. لېكىن قەدەمدە بىر ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدۇ، نۇرغۇن جايلىرىنى ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ، مەسىلەن راھىل تۈرمىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئوغلىنى ئويلاپ كېچىلىرى ئۇخلىيالمايدۇ، بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان بولغاچقا بىر قولىدا سۈتىنى سېغىپ، بىر تەرەپتىن يىغلايدۇ؛ زەين جاپادا تاپقان پۇللىرى بىلەن ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق ئىنىسىنى باقىدۇ، ئەمما ئۆي ئىگىسى ئۇلارنى ھەيدەپ چىقىرىۋېتىدۇ، ئۆيدە قويۇپ قويغان پۇللىرىنى ئېلىۋېلىشقىمۇ ئامال قىلالمايدۇ. تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ئامالسىزلىقلار مۇشۇ كىچىك نۇقتىلار ئارقىلىق نامايەن قىلىنىدۇ، بۇ ئىشلار بىزگە لىۋاننى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ، ھەمدە بىزنى تېگىدىكى سەۋەبى ھەققىدە ئويلانغىلى سالىدۇ. بۇ ئىشلار رېژىسسورنىڭ جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە بىز ھازىر يەرشارىلىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن بەش بارماق تەڭ ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن كىنودىكىدەك ئىشلار سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق يەتكۈزۈلمىسە، تىنچ دۇنيادا ياشاۋاتقان كىشىلەر باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى قانداقمۇ چۈشىنەلىسۇن؟ بۇ كىنو بالىلارنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ، كۆرۈرمەننى نۇرغۇن ئادەم ھېس قىلىپ باقمىغان دۇنياغا باشلاپ بارىدۇ.

بۇ كىنونىڭ رېژىسسورى نادىين لەبەكى بىر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن كىنودا ئاياللار ۋە بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش تېمىسىنى چۆرىدەيدۇ. ئۇ بۇ كىنونى ئالدى-كەينى بولۇپ بەش يىل پىلانلىغان. لەبەكى ناھايىتى كۆپ ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلغان، جەمئىيەت تەكشۈرگەن، شۇڭا بىز بۇ كىنو گەرچە زەيننىلا چۆرىدەپ داۋام قىلسىمۇ لېكىن جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشاۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئومۇمەن ھېس قىلالايمىز.

زەين كىنودا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەمدى بالىلىق بولماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ، كىچىك زەيننىڭ قارىشىچە، بۇنداق مەسئۇل بولماي تۇغۇپ قويۇش، بالىلارغا زور ئاپەت بولىدىكەن. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئانىسى تۇرمۇشنىڭ قىيىن-قىستاقلىرىدا ئىنسانىيلىقىمۇ قالمىغان، ئەمما ئۇ ئۆزىنى پەقەت جاپا بىلەن بالا بېقىۋاتىمەن دەپلا قارايدۇ. بۇ كىنو كۆرۈنۈشتە بىر بالىنىڭ مەسئۇلىيەتسىز ئاتا-ئانىسىنى ئەرز قىلغانلىقىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە بىر پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئادالەتسىزلىكىنى شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. نامراتلىق ۋە قىيىنچىلىقنىڭ يىلتىزى زادى قەيەردە؟ كىنو بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمەيدۇ، لېكىن ئادەمنى ئويغا سالىدۇ.

ئەڭ زوقلىنىشقا تېگىشلىك يېرى، بۇ كىنو پەقەتلا زۇلمەت ۋە ئۈمىدسىزلىكنى ئىپادىلىمىگەن، ئەڭ قىيىنچىلىق ۋاقىتلاردا يەنىلا ئىنسانىيلىقنىڭ نۇرىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن. مەيلى تۆۋەن تۇرمۇش قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى يۆلىشى بولسۇن، زەيننىڭ سىڭلىسى ۋە قانداشلىقى يوق ئىنىسىگە بولغان مۇھەببىتى بولسۇن، ۋە ياكى ئۆزىگە ئۇچرىغان ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقى بولسۇن ھەممىسى ئادەمگە سەل ئۈمىد بېرىدۇ.

بۇ كىنو راست ئىشتىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتىكى زەيننىڭ ئىسمىمۇ زەين، ئۇ دەل سۇرىيەلىك كۆچمەن. كىنونى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن ئۇ نورۋېگىيەدە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، تەلىم-تەربىيە ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. بىز ئاخىرىدا شۇنداق بىر نەرسىنى ھېس قىلىمىز، كىنو تۇرمۇشىمىزنى كۆزەتكەندىن كېين، تۇرمۇشنى قايتا نامايەن قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە تۇرمۇشىمىزغىمۇ سىڭىپ كىرىدۇ، ئاندىن ئويلاپ باقمىغان ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ، بۇ دەل «ئائىلە قەيەردە»نىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا كېرەك، بۇ تەرىپى تولىمۇ قىممەتلىك.