دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ كىشىلەرگە تەسەللىي بېرىدىغان «مېھرىبان مايمۇن»
0
2019-05-10 10:02:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان نارگانىدتا بىر «مېھرىبان مايمۇن» دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەمدە ئازابلانغان ئايالغا تەسەللىي بەرمەكچى بولغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مايمۇن مەزكۇر ئىجتىمائىي رايوننىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقىلى بىر يىلدىن ئاشقان ئىكەن.

سۈرەتتە: «مېھرىبان مايمۇن» بىرىنچى رەتتە ئولتۇرغان ئايالغا تەسەللىي بەرمەكتە.

كۆرۈنمە سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «مېھرىبان مايمۇن» قاتار-قاتار ئولتۇرغان ئادەملەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ، بىرىنچى رەتتە ئولتۇرغان ئايالنىڭ قولىنى تۇتۇپ تەسەللىي بەرگەن. ئۇ ئوڭ قولىنى ھازىدارنىڭ بىلىكىگە قويۇپ، يەنە بىر قولى بىلەن ھازىدارنىڭ بېشىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلىغان. ئارقىدىن ئۇ جىمجىت ھالدا بىر تۈركۈم ھازىدار ئاياللار ئارىسىغا كېلىپ ئۇلار بىلەن بىرگە ئولتۇرغان.

شۇ يەرلىك ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مايمۇن ھەر قېتىم بىر توپ كىشىلەرنىڭ بىر ئۆيگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ھامان، ئۇ بۇ ئۆيگە كىرىپ ھازىدارغا تەسەللىي بېرىدىكەن. 80 ياشلىق دېۋدىراپپا كاممار (Devendrappa Kammar)نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل دەپنە مۇراسىمى بۇ شىمالىي قىسىمدىكى تۈزلەڭلىكتە ياشايدىغان كۈلرەڭ مايمۇننىڭ دىققىتىنى تارتقان. خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مايمۇن ھازىر شۇ جايدىكى بارلىق دەپنە مۇراسىمغا قاتنىشىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرگەن. ناۋادا مايمۇن ئۆزىنىڭ باشقا ئىجتىمائىي يىغىلىشلارغا قاتنىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلسا دەرھال بۇ جايدىن ئايرىلىدىكەن، ئەگەر بۇ مۇراسىم دەپنە مۇراسىمى بولۇپ قالسا، ئۇ چىقىپ كەتمەي ھازىدارغا تەسەللىي بېرىدىكەن.

ئۆتۈپ كەتكەن بۇ بىر نەچچە يىلدا، بۇ مايمۇن مەزكۇر جايدىكى ھەممە دەپنە مۇراسىملىرىغا دېگۈدەك تولۇق قاتناشقان.

69 ياشلىق خالاپپا (Halappa Chikkamani) بۇ يىل 1-ئايدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئوغلى شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنداق دېدى: «بۇ مايمۇن مېنىڭ پۇتۇمدا ئازراق ئولتۇردى، ئاندىن مېنى قۇچاقلىدى، مەن يېشىمنى توختاتقاندىن كېيىنلا ئاندىن مېنىڭ يېنىمدىن ئايرىلدى». خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مايمۇن قارىماققا ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغاندەك قىلاتتى، ھەمدە دائىم ئۇلارنىڭ يېنىدا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ كېتەتتى. ھازىر بۇ جايدىكى كىشىلەر بۇ مايمۇنغا كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئەگەر دەپنە مۇراسىمىدا بۇ مايمۇن بولمىسا، دەپنە مۇراسىمىنى مۇكەممەل بولمىغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قېلىشقان.

未标题-1.jpg
F201905081556338096702488.jpg