سېمىزلەرنىڭ «بازىرى يوق» دەپ كىم شۇنداق دەيدۇ
0
2019-05-13 16:23:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئېلېكتىرونلۇق سودا، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق يېقىنقى ئىككى يىلدا چوڭ رەزمىرلىك كىيىم-كېچەك بازىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىكى چوڭ رەزمىرلىك ئايالچە كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئون مىليارد يۈەندىن ئاشتى. چوڭ رەزمىرلىك كىيىملا ئەمەس، چوڭ نومۇرلۇق گىرىم بۇيۇملىرى، مەززىلىك تائاملار، ھەتتا مەدەنىيەت ئىجادىيەت بويۇملىرى قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپ زەنجىرلىرىمۇ تەدرىجىي ياخشىلاندى. خاڭجۇ شەھىرىدە بۇ يىل مەخسۇس چوڭ رەزمىرلىك كىيىم تىكىدىغان دۇكانلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.

خاڭجۇدىكى مەلۇم بىر چوڭ رەزمىرلىك كىيىم مەدەنىيەت-ئىجادىيەت بازىسىدا كىيىم لايىھەلىگۈچى سۇ روڭدۇڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن يېڭى مەھسۇلاتقا تەييارلىق قىلىۋاتاتقان بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشىمايدىغىنى، بۇ يىل چوڭ رەزمىرلىك كىيىم-كېچەك سېتىشنى ئاساس قىلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپىيىپ قالغانىدى.

چوڭ رەزمىرلىك كىيىم-كېچەك لايىھەلىگۈچى گورۇڭدۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «2013-يىل بىز چوڭ رەزمىرلىك كىيىم-كېچەك لايىھەلەشنى باشلىغاندا،مەملىكىتىمىزدە مەخسۇس مۇشۇنداق كىيىملەرنى ساتىدىغان دۇكانلار ناھايىتى ئاز ئىدى. ھازىر، بىز كۆرۈۋاتقان سان سىپىرلار ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپىيىپ، چوڭ رەزمىرلىك كىيىم-كېچەكنى ساتىدىغانلارنىڭ يېشى بارغانسېرى كىچىكلەۋاتىدۇ.

10 يىل ئىلگىرى، گو روڭدۇڭ تاشقا سودا بىلەن شوغىللىنىۋاتقاندا، چەتئەل كىيىملىرىنىڭ نومىرلىرى ناھايىتى ئۆلچەملىك بولۇپ، ئېگىزرەك، سېمىزرەك، پاكارراق كىشىلەر كىيەلەيدىغان ئۆلچەملىك كىيىملەر بار ئىدى، بىراق جۇڭگودىكى كىيىم-كېچەك بازىرىدا كىيىم-كېچەكلەرنىڭ رەزمىرلىرى بۇنداق ئىنچىكە ئايرىلمايتتى. 2018-يىلىغا كەلگەندە، تاۋباۋ سۇپىسىدىكى چوڭ رەزمىرلىك كىيىم-كېچەك دۇكانلىرىنىڭ سانى 10مىڭدىن ئېشىپ، يىللىق سېتىش سوممىسى يۈز مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن دۇكانلار 10دىن ئاشقان.

گو روڭدۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «3يىل ئىلگىرى چوڭ رەزمىرلىك كىيىم كىيىدىغانلارنىڭ تەلىپى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، كىيىم چوڭ بولسىلا، پاتسىلا بولاتتى. بىراق ھازىر ئۇلارنىڭ تەلىپى يوقىرلاپ، كىچىك رەزمىردىكى كىيىملەرنىڭ پاسونىغا ئوخشاش بولۇشىنى، تېخىمۇ يارىشىملىق، ئوماق كۆرسىتىدىغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

نۆۋەتتە، يېمەك-ئىچمەك، گىرىم بۇيۇملىرى، چوڭ نومۇرلۇق چاپان، چوڭ نومۇرلۇق ئورۇندۇق، چوڭ نومۇرلۇق سۇ ئۈزۈش چەمبىرىكى قاتارلىق چوڭ نومۇرنى تەلەپ قىلىدىغان بويۇملار 10 مىلياردلىق ئۆزگىچە بازارنى شەكىللەندۈرۈپ ھەر يىلى %20 لىك ئۆسۈش سۈرئىتى بىلەن پۇختا ئىلگىرىلىمەكتە. خاڭجۇدا ھەتتا چوڭ نومۇرلۇق بويۇملار مەدەنىيەت ئىجادىيەت بازاسىمۇ بارلىققا كەلدى.

چوڭ نومۇرلۇق بويۇملار مەدەنىيىتىنى تەشەببۇس قىلغۇچى لى جىگې مۇنداق دەيدۇ: «چوڭ نومۇرلۇق بويۇملار بازىرىدا بەزى زىننەت بويۇملىرىدىن باشقا يەنە ئاياغ ھەتتا ئۆي جاھازلىرى تۈرىدىكى بويۇملارمۇ بار بولۇپ، بىز چوڭ نومۇرنى چۆرىدىگەن ھالدا تېخىمۇ كۆپ لازىمەتلىكلەرنى ئىشلىسەك بولىدۇ.»

ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىكى بىۋاسىتە سېتىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق، نۇرغۇن چوڭ نومۇرلۇق بويۇملار سودىگەرلىرى مەيدانغا كەلدى. ئىلگىرى يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسى بىلەن شوغىللىنىدىغان سىچۈەنلىك قىزچاق شيۇشيۇ ئوماق تاشقى قىياپىتى بىلەن چوڭ نومۇرلۇق يېمەكلىك سودىسىنىڭ چولپىنىغا ئايلاندى.

چوڭ نومۇرلۇق بويۇم سېتىش رىياسەتچىسى شيۇشيۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇششاق يېمەكلىك بىلەن تۇرمۇش بويۇملىرىنى ياخشى ساتالايمەن، ئىلگىرى يېمەكلىك ئېزىش ماشىنىسى ساتقاندا بىر كۈندە 100 نەچچە مىڭ يۈەنلىك سودا قىلالايتتىم.»

چوڭ نومۇرلۇق بويۇملار بازىرىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چىقىشىدا، ئېلېكتىرونلۇق سۇپا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. نۆۋەتتە، ئىستېمالچىلار مەھسۇلاتنىڭ سۈرىتى ۋە قىسقا ۋىيدىيو كۆرۈش ئارقىلىق مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلىشىگە ئىگە بولۇشقا قانائەت قىلماي بەلكى بەدەن شەكلى ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشاش مال ساتقۇچىلارنىڭ بىۋاستە تارقىتىشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ. بۇمۇ چوڭ نومۇرلۇق بويۇملارنى سېتىپ چىقىرىش چولپانلىرىنى باشقۇرىدىغان شىركەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

خاڭجۇ چوڭ نومۇرلۇق بويۇملارنى سېتىش ۋاسىتىچىلىك شېركىتىنىڭ مەسئۇلى فاڭ جيەن مۇنداق دەيدۇ:« بىزنىڭ بۇ جاي 400كۋدرات مېتىر، جەمئىي بەش بىۋاسىتە تارقىتىش ئۆيى بار، بۇ ئۆيلەردە چوڭ نومۇرلۇق بويۇملارنى بىۋاسىتە تارقىتىش ئارقىلىق ساتىمىز.»

فاڭ جيەننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئىككى يىل ئىلگىرى، بۇ يەر ئادەتتىكى بىر كىيىم-كېچەك شىركىتى بولۇپ، سودا ئانچە قىززىپمۇ كەتمەيتتى. چوڭ نومۇرلۇق بويۇملار بازىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئالدىن كۆرگەن فاڭ جيەن ھەمكارلاشقۇچىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، مەخسۇس چوڭ نومۇرلۇق بويۇملارنى سېتىپ چىقارغۇچى تور چولپانلىرىنىڭ ۋاسىتىچىلىك شىركىتىنى قۇرغان. ئويلىمىغان يەردىن، شىركەت ئېچىلىپ بىر ئايدىن كېيىنلا، شىركەت بىلەن توختام تۈزىگەن سېتىش يېتەكچىسىنىڭ كۈندىلىك تالون چىقىرىش مىقدارى ئىككى ئۈچ يۈزگە يېتىپ، شىركەت بىلەن توختام تۈزىگۈچىلەرنىڭ سانى دەسلەپكى ئىككى،ئۈچتىن بۈگۈنكى 30 نەچچىگە يەتكەن.

90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان لىلى ئەمدىلا توردا بىۋاسىتە سېتىش ساھەسىگە قەدەم قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، گەرچە بازار ناھايىتى قىزىق بولسىمۇ، سېمىزلىككە تايىنىپ پۇل تېپىش ئىلگىرىكىدەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« مەن ھازىر كۈندە 8سائەت ئىشلەيمەن، بىراق ھازىرچە مېنىڭ ئايلىق كىرىمىم ئاران مىڭ نەچچە يۈز يۈەن بولۇۋاتىدۇ».

گەرچە ھەپتە ئاخىرى لى لىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىشىنى كۆرىدىغان ئادەم 5000مىڭدىن ئاشسىمۇ بىراق مەھسۇلاتنى سېتىۋالىدىغان ئادەم ئاز ئىكەن. چۈنكى سېتىلماقچى بولغان كىيىم خېرىدارنى رازى قىلالمىسا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋالمايدىكەن.

چوڭ نومۇرلۇق مەھسۇلاتلار بازىرىدا، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بارا-بارا شۇنى ھېس قىلدىكى، ئىستېمالچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى ۋە باھاسىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىلا ئاندىن بازارنىڭ ئالدىدا ماڭغىلى بولىدىكەن. ھازىر جۇڭگو سېمىزلار سانى جەھەتتە ياۋروپانى بېسىپ چۈشۈپ، دۇنيادىكى سېمىزلار ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى. چوڭ نومۇرلۇق بويۇملار بازىرىغا ئوخشاش مۇشۇنداق ئىنچىكە تۈرلەرگە بۆلۈنگەن ساھەدە، يېمەك-ئىچمەك، گىرىم بۇيۇملىرى، ئائىلە سايمانلىرىدەك ئالاھىدە شەكىلدىكى مودا بويۇملارلا ئەمەس بازارنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان چوڭ رەزمىرلىك كىيىم ساھەسىمۇ ئېچىلىشقا موھتاج.

چوڭ نومۇرلۇق بويۇملار مەدەنىيىتىنى تەشەببۇس قىلغۇچى لى جىگې مۇنداق دەيدۇ: چوڭ رەزمىرلىك كىيىملەر كىچىك رەزمىرلىك كىيىملەرنىڭ چوڭايتىلغىنىلا ئەمەس، بەزى كىشىلەرنىڭ پاچىقى توم، بەزىلىرىنىڭ قورسىقى يوغان، بەزىلىرىنىڭ مۈرىسى كەڭ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ كىيىم كىيىشتىكى تەلىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، مەخسۇس لايىھەلەشكە توغرا كېلىدۇ.

جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسى يېڭى تاراتقۇ تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جاۋزىجۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «زامانىۋىي تاۋار بىلەن تەمىنلەشتە، خاسلىق ۋە كۆپ مەنبەلىك بولۇش ئىنتايىن مۇھىم، بۇنداق ئالاھىدە كوللېكتىپقا قارىتا ئۆزگىچە مەھسۇلات ئىشلەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. مېنىڭچە، ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىك ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنىڭ بازار كۆلىمىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويغان گەپ.»

 

未标题-1.jpg