ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا كىم قارايدۇ؟ گوۋۇيۈەن يېتەكچى پىكرى
0
2019-05-13 17:20:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغانلىقىغا ئۈچ يىل بولدى، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجمۇ بارغانسېرى كۈچەيدى. يېقىندا گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى «ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قانۇن-بەلگىلىمە سىستېمىسى، ئۆلچەم-قائىدە سىستېمىسى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى قۇرۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنى كۆپ خىل شەكىلدە قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجىنى تەدرىجىي قانائەتلەندۈرۈشنى ئېنىق بېكىتتى.

2025-يىلى، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش سىستېمىسى مۇكەممەللىشىدۇ

5-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەت خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار، ئۈچ ياشتىن تۆۋن بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

«پىكىر»دە، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنىڭ ئىككى باسقۇچلۇق تەرەققىيات نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 2025-يىلىغا بارغاندا، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنىڭ سىياسەت، قانۇن-بەلگىلىمە سىستېمىسى ۋە ئۆلچەم-قائىدە سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، كۆپ مەنبەلىك، كۆپ خىللىق، شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرىلىدۇ.

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ شۆجۈن مۇنداق دېگەن: ئائىلە، مەھەللە، ئاپپاراتلار بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن ئورتاق تەمىنلەيدۇ. بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئورۇنلىرىنى تىزىملاپ ئارخىپ تۇرغۇزۇش تۈزۈمى، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى ۋە سۈپەت باھالاش تۈزۈمى تۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش ئۆلچىمى تۈزۈپ چىقىلىپ، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كەسپىيلىكى ۋە ئۆلچەملىكى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ.

ئورۇن بىلەن تەمىنلەش، مالىيە تولۇقلىمىسى، باج ئېتىبارى، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، قۇرۇلۇش يېرىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق سىياسەت، تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشى قوللىنىدۇ.

يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىدىكى ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ

بۇ قېتىملىق «پىكىر»دە، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا تىزىملىتىپ ئارخىپ قالدۇرۇش تۈزۈمى قوللىنىلىدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسىلىسىگە قارىتا، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مۇنداق بىلدۈرگەن: يەرلىك ھۆكۈمەت بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىكى ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ مۇناسىپ مەسئۇلىيەتلىرىمۇ ئېنىق بېكىتىلگەن.

يۈ شۆجۈن: مەمۇرى ئىجازەتنى يۈرگۈزمەسلىك، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بوشىتىپ قويۇش دېگەنلىك ئەمەس. ئەڭ ئاۋۋال يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلىدۇ، مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئادا قىلماي، بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بېرىشكە قارىتا، ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، ئىككىنچىدىن ئورۇنلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلىدۇ، ھەر قايسى ئورۇنلار ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسى ئىچىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

بالىلارنى خورلاش قىلمىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ

نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك ئەمەس. ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن، «بالا بېقىپ بېرىدىغان ئادەم يوق بولۇش» ئائىلىلەرنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشىنى چەكلەشتىكى كۆرۈنەرلىك ئامىل بولۇپ قالغان، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت ئېھتىياجى ئاشقان.

ئىستاتېستىكا قىلىنىشىچە، 2014-يىلى، دۇنيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى 33 دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە يەسلىگە كىرىش نىسبىتى %33.77 پىرسەنتكە يەتكەن. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھەر خىل تۈردىكى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئورۇنلىرىغا كىرىش نىسبىتى ئارانلا %4.1 بولغان. %80 كە يېقىن بوۋاقلارنىڭ ھالىدىن بوۋا-مومىلىرى خەۋەر ئالغان، جەمئىيەتتە ئائىلىلەردە بوۋاقلار ۋە بالىلاردىن خەۋەر ئېلىش يۈكىنىڭ بىر قەدەر ئېغىر ئىكەنلىكى ئىنكاس قىلىنغان.

مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇرلارنى بىلدۈرگەن: يېقىندا بېسىپ تارقىتىلماقچى بولغان يېڭى نۇسخىدىكى ئوتتۇرا، كەسپىي تېخنىكوم كەسىپلىرى مۇندەرىجىسىگە، بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەر قوشۇلغان. شارائىتى بار بولغان كەسپىي مەكتەپلەرنى پەرۋىش، دەسلەپكى مەزگىللىك مائارىپقا دائىر كەسىپلەرنى تەسىس قىلىشقا يېتەكلەش، شارائىتى بار بولغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىگە دائىر كەسىپلەرنى تەسىس قىلىشنى قوللاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئانا-بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ساھەسىدە ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى سىناق نۇسخا خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان.

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: كەسپىي مائارىپ تەربىيەسى كۈچەيتىلىپ، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت خادىملىرى، جىددىي ئېھتىياجلىق خادىملار قاتارىدا تەربىيەلەش پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ، قانۇن بويىچە خىزمەتچى خادىملارنىڭ كەسپىي سالاھىيەت ئىجازەت تۈزۈمى تەدرىجىي يولغا قويۇلىدۇ، بالىلارنى خورلاش قاتارلىق قىلمىشلارغا قىلچىمۇ يول قويماي، ئالاقىدار خادىملار ۋە بىۋاسىتە باشقۇرغۇچى خادىملارغا كىرىشنى ئۆمۈرۋايەت مەنئىي قىلىش تۈزۈمى يۈرگۈزۈلىدۇ.

 

未标题-1.jpg