يوقاپ كەتكەن بوۋاق تېپىلدى، ئەمما...
0
2019-05-21 20:09:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

5-ئاينىڭ 16-كۈنى، خېنەن چوۋكوۋدا يۈز بەرگەن ئوغۇل بوۋاقنىڭ يۈتۈپ كېتىش دېلوسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. بۇ ئوغۇل بوۋاقنىڭ ئانىسىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ شۇ كۈنى كوچىدا مېڭىۋىتىپ تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتكەن، ھوشىغا كەلگەندە قارىسا ھارۋىدىكى بوۋاق يوقاپ كەتكەن. بوۋاق يوقاپ كەتكەندىن كىيىن بوۋاقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بوۋاقنىڭ ئۇچۇرىنى بەرگۈچىلەرگە 150مىڭ يۈەن بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئارقىدىكى نەچچە كۈن ئىچىدە بوۋاقنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان.


5-ئاينىڭ 19-كۈنى خېنەن چوۋكوۋ ساقچى تەرەپ بوۋاقنىڭ جىڭجۇدا تېپىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما ساقچى تەرەپ بوۋاقنىڭ بۇلاپ كېتىلگەنلىك دېلوسىنى تىلغا ئالمىغان، بەلكى بوۋاقنى يۈتۈپ كەتكەن دەپ چۈشەندۈرگەن. شۇنداقلا بوۋاقنى ئىلىپ كەتكەن جىنايەت گۇماندارىغا ئائىت ھېچقانداق ئەھۋالنى تىلغا ئالمىغان، بۇ ئىش نۇرغۇن تورداشنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان.

بالا يۈتۈپ كېتىش ۋەقەسى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بولۇپ، لىيۇۋ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بوۋاقلار ھارۋىسىدا تۆت ئايلىق بولغان ئوغلىنى ئىلىپ سىرتقا ئايلانغىلى چىققان. باغچىغا يېقىن كەلگەندە تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتكەن. ھوشىغا كەلگەندە بوۋاقنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.

39ياشلىق لىيۇۋ خانىم تاراتقۇلارغا ئۆزىدە قاندا كالىي تۆۋەنلەش كېسىلى بارلىقىنى، بۇرۇنمۇ ھوشىدىن كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان. بوۋاق ئۇنىڭ ئىككىنچى بالىسى بولۇپ، ئۇ ھوشىدىن كەتكەن يەر ئۆيىگە يېقىن ئىكەن، ئۇنىڭ كۆزىتىشىچە ئۇ كۈنى ئەتراپتا ئادەملەر ئاز بولۇپ، ئۇ ھوشىدىن كەتكەندە خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ، ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىنغان.

ساقچى تەرەپ شۇكۈنى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، بۇنى بوۋاقنى بۇلاش دېلوسى دەپ ئاتىغان. تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان سىن كۆرۈنۈشىدە پەقەت لىيۇۋ خانىمنىڭ بوۋاقلار ھارۋىسى ئىتتىرىپ ماڭغان كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئەمما بالىنىڭ قانداق ئىلىپ كېتىلگەنلىك كۆرۈنۈشى يوق ئىكەن. بۇ باغچا يېڭىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، كۆرۈنمە چاستوتا تېخى تولۇق قاپلانمىغان يەنە كىلىپ بۇ يەرگە كېلىدىغان ئادەملەرمۇ ئاز بولغاچقا، يىپ ئۇچى تېپىش تەسكە توختىغان. بوۋاقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئادەم ئېزدەش ئېلانى تارقاتقان، شۇنداقلا توردا بالا ئىزدەش ھەققىدە ئۇچۇر يوللىغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورنىدا ئىشلەيدىغان بوۋاقنىڭ دادىسى جۇ ئەپەندىمۇ تورداشلارنىڭ ئائىلىسىگە ياردەملىشىپ، بالىسىنى تېپىشىپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.

5-ئاينىڭ 19-كۈنى ساقچى تەرەپ بالىنىڭ تېپىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بالا جىڭجۇدا تېپىلغان بولۇپ، بىخەتەر ئىكەن، سالامەتلىك ئەھۋالىمۇ ياخشى ئىكەن. ئەمما مىكرو بىلوگىدا ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا بۇ ئىش بوۋاقنى بۇلاش دېلوسى دېيىلمىگەن شۇنداقلا جىنايەت گۇماندارىغا ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇر تىلغا ئېلىنمىغان. تورداشلار زادى بوۋاقنى كىم ئېلىپ كەتكەن؟ دەپ گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خېنەن داخى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بالا يوقاپ كەتكەن دېيىلگەن باغچا ئەمەلىيەتتە بالا يوقاپ كەتكەن يەر ئەمەسكەن، بۇ ئىش ئىلگىرى جېجياڭ لېچىندا يۈز بەرگەن 11ياشلىق ئوغۇل بالىنىڭ يوقاپ كېتىش دېلوسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. ئەمما پۈتۈنلەي ئوخشاپمۇ كەتمەيدىكەن.

ئۆتكەن 11-ئايدا، جېجياڭ لېجىڭدا بىر ئايال ساقچىغا ئوغلۇم يوقاپ كەتتى دەپ دېلو مەلۇم قىلغان، ساقچىلار ۋە جەمئىيەت كۈچى بىرلىكتە ئۇدا نەچچە كۈن بالىنى ئىزدىگەن. ئەمما ئاخىرىدا بۇنىڭ پەقەت دېلو مەلۇم قىلغان ئايالنىڭ يولدىشى بىلەن ئازارلىشىپ قىلىپ، قەستەن ئويدۇرۇپ چىقارغان ساختا ئىش ئىكەنلىكىنى ئاشكارلانغان.

خېنەن چوۋكوۋدا يۈز بەرگەن بوۋاقنىڭ يوقاپ كېتىش ۋەقەسىدە، بۇ بوۋاقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بوۋاقنى ئېلىپ كەتكەن كىشى بالىنى قايتۇرۇپ ئەكەپ بەرسە، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغانلىقىنى ۋە 150مىڭ يۈەن بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

شاڭخەي جەنۋىي ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى ۋاڭ شىڭلى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر بىرەرسى بالىنى قەستەن ئېلىپ كەتكەن بولسا، چوقۇم جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىن كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى يوق، جىنايى جاۋابكارلىقنى دۆلەت ئورگانلىرى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ، ئەگەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جىنايەت گۇماندارى ياكى جاۋابكارنى ئەپۇ قىلماقچى بولسا، بۇ يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدىغان قىلمىش قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ.

ئەگەر ساختا ئۇچۇر مەلۇم قىلىشقا چېتىلسا، قانون بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، مەسىلەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جېجياڭ لېچىڭدا يالغان دېلو مەلۇم قىلغان ئايالغا بۇ يىل 4-ئايدا ئېچىلغان بىرىنچى سوتتا بىر يىل ئۈچ ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.

ئۇنداقتا جوۋكاۋدا يوقاپ كەتكەن بوۋاققا زادى نىمە ئىش بولغاندۇ؟

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، بۇ ئىشتا يېڭى ئۆزگىرىش بولغان، جۇڭگو ئاۋازى مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىدىغان كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، بوۋاقنىڭ يوقاپ كېتىشى ئائىلە زىددىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، بۇ ئىشنى بوۋاقنىڭ ئانىسى ئۆزى پىلانلاپ قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ئىشنى پىلانلاشقا قاتناشقان بىر قانچە كىشى قولغا ئېلىنغان، بالىنىڭ ئانىسى بالا ئېمىتىشى مەزگىلىدە بولغاچقا، بىر تەرەپ قىلىنماي تۇرغان.

بۇ خەۋەر چىقىشى بىلەن ئىزچىل بالىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەت تۇرغان تورداشلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. كۆپچىلىك ئائىلە زىددىيىتىنى دەپ جەمئىيەت كۈچىنى ئىسراپ قىلىش، باشقىلارنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىدىن پايدىلىنىشتەك بۇنداق قىلمىشنى تەنقىد قىلغان. بۇ ئىشنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىمۇ داۋاملىق تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

 

1124520212_15583654665571n.jpg
1124519911_1558350846626_title0h.jpg
1124518927_15583394678921n.jpg