ئۇ بۇ ئىش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى
0
2019-05-22 16:33:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىەۈل

5-ئاينىڭ 16-كۈنى، قەھرىمان چا شيەنۋېينىڭ جەسەت كۈلى يۇرتى ئەنخۇي ئەنچىڭگە يۆتكەپ كېلىندى. ئۇ مەخسۇس تۈردىكى ئۇچۇش مەشقى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، تىك ئۇچار ئايروپىلاندا تۇيۇقسىز مېخانىكىلىق كاشىلا كۆرۈلۈپ، ئايروپىلاننى ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتارلىق خەۋپلىك رايونلاردىن قاچۇرۇش ئۈچۈن، بەختكە قارشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

تىك ئۇچار ئايروپىلاندا تۇيۇقسىز كاشىلا كۆرۈلدى، ئۇچقۇچى مەجبۇرىي قونۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن قۇربان بولدى.

2019-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، مەلۇم قۇرۇقلۇق ئاۋىئاتسىيە لۈسىنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك ئۇچقۇچىسى يولداش چا شيەنۋېي، مەخسۇس تۈردىكى ئۇچۇش مەشقى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، تىك ئۇچار ئايروپىلاندا تۇيۇقسىز مېخانىكىلىق كاشىلا كۆرۈلگەن، ئۇ مەجبۇرىي قونۇش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ پۇختا تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى ۋە كەنت قاتارلىق رايونلاردىن ئايروپىلاننى ئوڭۇشلۇق قاچۇرۇپ، بەختكە قارشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

جەسەت كۈلى يۇرتىغا يۆتكەپ كېلىندى، قەھرىمان ئۆيىگە قايتتى

5-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەر سائەت 6 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، يىراقتىن يېقىنلىشىۋاتقان گۈدۈك ئاۋازى بىلەن، L1071 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى ئەنچىڭ پويىز ئىستانسىسىغا كىردى، قەھرىمان چا شيەنۋېينىڭ جەسەت كۈلى، يۇرتى ئەنچىڭغا يۆتكەپ كېلىندى.

يۇرتتىكى نەچچە يۈز ئامما ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بۇ قەھرىماننىڭ «ئۆيىگە قايتقانلىقى»نى كۈتۈۋالغىلى چىقتى.

قەھرىمان چا شيەنۋېينىڭ دادىسى چا جېڭبىڭ ئازاب ئىچىدە، ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شيەنۋېي قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، ۋەتىنىمىز ئۈچۈن قۇربان بولدى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئازابلانساممۇ، لېكىن ئوغلۇمنىڭ قەھرىمانلارچە ھەرىكىتىدىن ئىپتىخارلىنىمەن.»

16-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈچ نەپەر مۇراسىم ئەسكىرى قەھرىمان چا شيەنۋېينىڭ جەسەت كۈلى، رەسىمىنى ئەنچىڭ شەھەرلىك قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى مەيدانىغا يەتكۈزدى، ھەمدە دەپنە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

چا شيەنۋېي ئەنخۇي ئەنچىڭدىن، شاڭشياۋ ھەربىي ئۇنۋانىغا ئىگە، ئالاھىدە دەرىجىلىك ئۇچقۇچى (تېرىنېر)، تۆت خىل ھاۋارايى ئايروپىلان باشلىقى، ئىلگىرى ئۇچقۇچىلار ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى، مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى، چوڭ ئەترەت باشلىقى، مۇئاۋىن لۈيجاڭ بولغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئىككى قېتىملىق دۆلەت بايرىمىلىق ھەربىي پارات ۋە جۇرى ۋە شاچاڭدىكى ھەربىي پاراتقا قاتناشقان، شۇنداقلا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، «تىنچلىق ئەلچىسى» بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەشكە قاتناشقان، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، مەركەز ھەربىي پارات مەشقىدىكى تەلىم-تەربىيە ئۈلگىسى، پۈتۈن ئارمىيە بويىچە مۇنەۋۋەر قوماندان بولۇپ تەقدىرلەنگەن، ئىككى قېتىم ئىككىنچى دەرىجىلىك تۆھپە، ئۈچ قېتىم ئۈچىنچى دەرىجىلىك تۆھپە كۆرسەتكەن.

چا شيەنۋېي مۇنەۋۋەر ئۇچقۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە سەپداشلىرىنىڭ ئاغزىدىكى ياخشى رەھبەر، ياخشى ئاكا، ئايالىنىڭ قەلبىدىكى ياخشى ئەر، ياخشى دادا ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى چا يۈياڭ، ئۇنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئىككىلەنمەي ئۇچۇش كەسپىنى تاللاپ، يۇقىرى نومۇر بىلەن جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە داشۆسىگە ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇچۇش تېخنىكىسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، دادامغا ئوخشاش مۇنەۋۋەر ئۇچقۇچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن.»

1124520212_15583654665571n.jpg
1124519911_1558350846626_title0h.jpg
1124518927_15583394678921n.jpg