جاۋ ۋېي قاتارلىقلار 796 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىندى
0
2019-05-22 16:53:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

5-ئاينىڭ 17-كۈنى، شياڭيۈەن مەدەنىيەت پاي چەكلىك شىركىتى، ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ دەۋا تەرەققىياتىنى ئاشكارىلىدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: شىركەت، لۇڭۋېي تاراتقۇسى، كوڭ دېيوڭ، جاۋ ۋېي قاتارلىقلانىڭ ئاكسىيە ساختا بايان جاۋابكارلىقى ماجراسى دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، شىركەت قاتارلىقلارنى دەۋاگەرگە 796 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم چىقاردى.

سوت ھۆكۈمى: 1. جاۋابكار مەزكۇر ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە، دەۋاگەرگە جەمئىي 796011.53 يۈەن تۆلەم تۆلەيدۇ؛ 2. ئورتاق جاۋابكار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەرز دېلوسىنىڭ كېسىمىگە قارىتا قەرزنى ئۈستىگە ئېلىش چاتما مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ؛ 3. دەۋاگەرنىڭ باشقا دەۋا تەلەپلىرى رەت قىلىنسۇن؛ 4. مەزكۇر دېلونىڭ دەۋا ھەققىدىن جەمئىي 7346 يۈەننى دەۋاگەر ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، جەمئىي 15843 يۈەننى جاۋابكار ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

مۇخبىرلارنىڭ دىققەت قىلىشىچە، ئۇقتۇرۇش چىققان كۈنىگە قەدەر، شياڭيۈەن مەدەنىيەت پاي چەكلىك شىركىتى جەمئىي 544 پارچە ئاكسىيە ساختا بايان جاۋابكارلىقى ماجراسى دېلوسىنى تاپشۇرىۋالغان (قايتۇرىۋېلىنغان 55 پارچە ئەرزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، دەۋا سوممىسى جەمئىي 57 مىليون 662 مىڭ 200 يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 506 پارچە دېلوغا سوت باشلىنىپ بولغان، 48 پارچىنىڭ بىرىنچى سوت ھۆكۈمنامىسىنى تاپشۇرىۋالغان، قالغانلىرىغا تېخى سوت ئېچىلمىغان ياكى ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغان. ھۆكۈمنامە تاپشۇرىۋالغان 48 پارچە دەۋا دېلوسىنىڭ ئىچىدە، سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن دەۋا تەلىپى رەت قىلىنغان ئالتە دېلودىن باشقا، شىركەت قالغان دېلولارنىڭ ھەممىسىگە قارىتا قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە جېجياڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى بەرگەن (ھازىرغىچە تاپشۇرۇلغان نارازىلىق ئەرزى 34 پارچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغىنى 16 پارچە).

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىركەتنىڭ ئەسلىدىكى ئەمەلىي كونتىرول قىلغۇچىسى كوڭ دېيوڭ ۋە ھازىرقى ۋاسىتىلىك كونتىرول پايچېكى شياڭيۈەن پاي كونتىرول گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قىلغان ئالاقىدار ۋەدىلەر ئاساسىدا، يۇقىرىقى ئەرز-دەۋا ئىشلىرى، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت باشقۇرۇشىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

1124527502_15584940687661n.jpg
1124520212_15583654665571n.jpg
1124519911_1558350846626_title0h.jpg
1124518927_15583394678921n.jpg