پىراۋا ھەققىدە خۇشخەۋەر! كېلەر ئايدا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ
0
2019-05-22 16:57:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

يېقىندا، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئون تۈرلۈك جامائەت خەۋپسىزلىك قاتناش باشقۇرۇشتىكى «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان، تۆۋەندە قايسى خىل پايدىلىق تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:

ئون تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى


1. كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ پىراۋىسىغا قارىتا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە «بىر كىنىشكە بىلەن ئىمتىھان بېرىش» يولغا قويۇلىدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچىلار كىملىكنى ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى ھەر قانداق بىر جايدا كىچىك ئاپتوموبىل پىراۋىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ، ئولتۇراقلىشىشنى تىزىملىتىش ئىسپاتىنى تاپشۇرۇش ھاجەتسىز، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئاھالىلىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئاھالىلەر ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى ھەر قانداق بىر جايدا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ.

2. كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل پىراۋىسىغا قارىتا باشقا جايلاردا تۈر ئىمتىھانى بېرىشكە يول قويۇلىدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچى كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل پىراۋىسىغا ئىلتىماس قىلغان مەزگىلدە، بىر قىسىم تۈر ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن ئولتۇراقلىشىش ئورنىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىرىدە، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسى ئىچىدە بىر قېتىم ئىمتىھان مەيدانىنى ئۆزگەرتىشكە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچى، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ باشقا تۈردىكى ئىمتىھانلارغا داۋاملىق قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئۆتۈپ بولغان تۈر ئىمتىھان نەتىجىلىرى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

3. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار، يۈك ئاپتوموبىلى پىراۋىسىغا قارىتا ئۆلكە ئىچىدىكى باشقا جايلاردا ئىلتىماس قىلىشقا يول قويۇش سىناق يۈرگۈزۈلىدۇ.

ئۆلكە (رايون) ئىچىدىكى باشقا جايلاردا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار، يۈك ئاپتوموبىلى پىراۋىسىغا ئىلتىماس قىلغانلاردا، ئىلتىماس قىلغۇچى كىملىكنى ئېلىپ بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئولتۇراقلىشىشنى تىزىملىتىش ئىسپاتىنى تاپشۇرۇش ھاجەتسىز.

ئۆلكە (رايون) ئاتلاپ باشقا جايدا ئىلتىماس قىلغانلاردا، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئۆلكىدىكى ھەر قانداق بىر جايدا ئولتۇراقلىشىش ئىسپاتى بېجىرگەندىن كېيىن، ئاندىن پۈتۈن ئۆلكە دائىرىسى ئىچىدە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار، يۈك ئاپتوموبىلى پىراۋىسىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

4. ئاپتوموبىللارنىڭ نوپۇس ئۇچۇرىنى يۆتكەش، توردا يەتكۈزۈش سىناق نۇقتىلىرى كېڭەيتىلىدۇ.

ئەسلىدىكى 15 سىناق نۇقتا شەھەر ئاساسىدا، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانمايدىغان كىچىك، مىكرو تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئارخىپىنى ئېلېكترونلاشتۇرۇش، توردا يوللاش سىناق نۇقتىلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيتىلىپ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى شەھىرى، پىلان تىزىملىكىدىكى شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە يولغا قويۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆلكە (رايون) لار ئىچىدە ئاز بولغاندىمۇ يەنە بىردىن ئىككىگىچە شەھەردە يولغا قويۇلىدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نوپۇسىنى سىناق نۇقتا شەھەرلەر ئارا يۆتكىگەنلەردە، ئىلتىماس قىلغۇچى بىۋاسىتە ئاپتوموبىلنى يۆتكەپ كىرمەكچى بولغان ئورۇندىكى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا كىرىپ ئىلتىماس قىلىپ بېجىرسە بولىدۇ، ئاپتوموبىل يۆتكەپ چىقماقچى بولغان ئورۇنغا قايتىپ ئاپتوموبىل تەكشۈرتۈش، قەغەز ئارخىپ ئېلىش ھاجەتسىز.

5. موتوسېكلىتنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش تەكشۈرۈش ۋە ئالتە يىل تەكشۈرۈشتىن كەچۈرۈم قىلىش يولغا قويۇلىدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچى مەملىكەت دائىرىسى ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر جايدا موتوسېكلىتنى بىۋاسىتە تەكشۈرتسە، تەكشۈرۈش لاياقەتلىك بەلگىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ھاۋالىلىك تەكشۈرۈش رەسمىيىتى بېجىرىش ھاجەتسىز.

تىزىملىتىلغان ۋاقتى ئالتە يىل ئىچىدىكى موتوسېكلىتلارنى تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، قەرەللىك تەكشۈرۈش ۋاقتى توشقاندا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى، بىۋاسىتە ج خ قاتناش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا بېرىپ، تەكشۈرۈش لاياقەتلىك بەلگىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

6. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملاش رەسمىيەتلىرى ئاددىيلاشتۇرۇلىدۇ.

ئالاقىدار كىشى ج خ قاتناش باشقۇرۇش ئورنىغا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملاشقا ئىلتىماس قىلغاندا، سودا بانكىسى، ئاپتوموبىل پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرىنى رەنە ئالغۇچى قىلغانلىرىدا، تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز، تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ تامغا بېسىلغان كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشقا ئۆزگەرتىلىدۇ، تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ياكى رەنىگە قويۇش توختامىدا ئېلېكترونلۇق تامغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

بانكا، ئاپتوموبىل پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا قاتناش باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتلىرى تەسىس قىلىش يولغا قويۇلۇپ، ئاممىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملاش ئىشلىرى قولايلىقلاشتۇرۇلىدۇ. بانكا، سۇغۇرتا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى، بانكا قاتارلىق پۇل-مۇئامىلە ئورۇنلىرى بىلەن تور بىرلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلاردا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رەنىگە قويۇش ئۇچۇرلىرىنى توردا يوللاش، ج خ قاتناش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى توردا سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش يۈرگۈزۈلىدۇ.

7. ئەسلى نومۇر تاختىسىدىكى نومۇر ئىشلىتىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ.

ئوخشاش بىر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى نامىغا تىزىملىتىلغان ئوخشاش تۈردىكى تىجارەت بىلەن شۇغۇللانمايدىغان ئاپتوموبىللارغا قارىتا، ئاپتوموبىللار ئارا نومۇر تاختىسىدىكى نومۇرنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ، خەلق ئاممىسى ۋە ئورۇنلارنىڭ ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلىدۇ؛ ئوخشاش بىر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىغا قارىتا، بىر يىلدا نومۇر تاختىسىدىكى نومۇرنى بىر قېتىم ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلىدۇ.

ئەسلىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى نومۇر تاختىسىدىكى نومۇرنى ئىشلىتىش چېكى قويۇپ بېرىلىدۇ، ئەسلى ئاپتوموبىل رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن، يۆتكەپ چىقىلغان ياكى يۆتكەپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئەسلى نومۇرنى ساقلاش ۋاقىت چېكى بىر يىلدىن ئىككى يىلغا ئۇزارتىلىدۇ.

8. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى تارقىتىشى يولغا قويۇلىدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىش كارخانىلىرىغا قاتناش باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇش، ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى تارقىتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ، ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ئېلىپلا يولغا چىقىپ ھەيدىسە بولىدۇ.

9. ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تورى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ.

ئەسلىدە بار بولغان تۆت ئۆلكە (شەھەر) سىناق نۇقتىسى ئاساسىدا، باج ئىشلىرى ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى ئۇچۇرىنى بىرلەشمە توردا ئۇدۇللاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، ج خ قاتناش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاشنى بېجىرگەندە، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۇچۇرىنى توردا تەكشۈرىدۇ، ئاممىنىڭ ج خ قاتناش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا قەغەز باج تاپشۇرۇش ئىسپاتى ياكى باج كەچۈرۈم قىلىش ئىسپاتى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز.

10. 12123 قاتناش باشقۇرۇش ئاۋازلىق مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ.

«ئىنتېرنېت تورى + قاتناش باشقۇرۇش مۇلازىمىتى» چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ، 12123 ئاۋازلىق مۇلازىمەت سۇپىسى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بولغان قاتناش باشقۇرۇش مۇلازىمەت تېلېفون نومۇرى «12123» قوزغىتىلىپ، ئاممىنى قاتناش باشقۇرۇش كەسپىدىن مەسىلىھەت سوراش، ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈش، كەسىپ بېجىرىشنى ئالدىن كېلىشىش / قوبۇل قىلىش، ئىنتېرنېت تورى سۇپىسى ئابونېتلار ئۇچۇرىنى تىزىملىتىش \ ئۆزگەرتىش قاتارلىق مۇلازىمەت ئىقتىدارلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

يۇقىرىقى ئاممىغا قولايلىق، ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمەت تەدبىرلىرى ئىچىدە، 10-تۈردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلىدۇ؛ 10-تۈرلۈك تەدبىرگە قارىتا، ھەر قايسى جايلار شارائىتنى ئاكتىپ ھازىرلاپ، مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلۇشنى تېزلىتىشى كېرەك.

 

1124527502_15584940687661n.jpg
1124520212_15583654665571n.jpg
1124519911_1558350846626_title0h.jpg
1124518927_15583394678921n.jpg