بۇ خىل «پەرۋانە» ئېلىمىزدىكى 13 ئۆلكىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى!
0
2019-05-22 17:03:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئوتلاق تۈن پەرۋانىسى ب د ت ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى يەر شارى بويىچە ئالدىن سىگنال بەرگەن زور يېزا ئىگىلىك زىيانداش ھاشارىتى، قىسقىغىنا نەچچە كۈندە ئون مىڭ مو يەردىكى زىرائەتنى نابۇت قىلالايدۇ، زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەتتا ھېچنېمىسى قالمايدۇ...

سۈرەتنى فۇجيەن ئۆلكىلىك يېزا، يېزا-ئىگىلىكى نازارىتى ھۆكۈمەت تورى تەمىنلىگەن

ئوتلاق تۈن پەرۋانىسى كۆممىقوناق، شېكەر قومۇشى، كېۋەز، ئاققوناق، شال، ئوت-چۆپ قاتارلىقلارنى زور دەرىجىدە ۋەيران قىلىدۇ. زىرائەتلەر زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئادەتتە مەھسۇلات مىقدارى %20 تىن %30 كېچە كېمىيىپ كېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھوسۇل ئالغىلى بولمايدۇ.

5-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بازاردا مۇنداق بىر خەۋەر تېز تارقالدى:

مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمەت مەركىزى يېقىندا ئۆسۈملۈكلەردىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلدى، 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ئوتلاق تۈن پەرۋانىسىنىڭ تارقىلىش، يامراش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى.

5-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، 13 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)، 61 شەھەر (ئوبلاست)، 261 ناھىيە (شەھەر، رايون) دىكى لېچىنكىلار زىيان سالغان كۆممىقوناقلىقىنى تەكشۈرگەندە، دەسلەپكى ئىستاتىستىكىدا يۈز بەرگەن كۆلەم 1 مىليون 80 مىڭ موغا يەتكەن.

نۆۋەتتە ئوتلاق تۈن پەرۋانىسىنىڭ كۆرۈلگەن دائىرىسى كەڭ، كېڭىيىش سۈرئىتى تېز، زىيان سېلىش دەرىجىسى ئېغىر، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، بۇ پەرۋانىلار ئېلىمىزدە يىللىق كۆپىيىش رايونى قۇرىۋالغان ھەمدە ياز پەسللىك رايون شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، خۇاڭخې، خۇەيخې، خەيخې دەريالىرىنىڭ يازلىق كۆممىقونىقى ۋە شىمالدىكى ئەتىيازلىق كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت پەيدا قىلغان.

شۇ كۈنىدىكى پاي بازىرىدا، جۇڭنۇڭلىخۇا تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئەنداۋمەيA، خۇيفېڭ پېيى، چاڭچىڭ پېيى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆرلەپ توختىدى.

رەسىم مەنبەسى: Wind

چۈشتىكى پاي بازىرى داۋاملىق داۋالغۇپ، چۈشتىن كېيىن تىجارەت باشلانغاندىن كېيىن، نوپۇشىن، خېيلىئېر، جياڭشەن پېيى «ئوتلاق تۈن پەرۋانىسى» ئۇقۇمى تۈپەيلى كوللېكتىپ ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن شامالغا ئەگەشكەن پايلارنىڭ باھاسى چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئوتلاق تۈن پەرۋانىسىغا ئالاقىدار پاي چېكىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى يەنىلا %6 تىن ئېشىپ كەتتى.

«كۈندىلىك ئىقتىساد خەۋەرلىرى»دە مۇخبىر، كۈندە %3.36 ئۆرلەۋاتقان لىئېر خىمىيەسىنىڭ بىر ئازدىن كېيىن تەسىر كۆرسىتىش سۇپىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەنلىكىنى كۆردى: يېزا، يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ «2019-يىللىق ئوتلاق تۈن پەرۋانىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېخنىكا لايىھەسى(سىناق نۇسخىسى)»غا ئاساسەن، ئوتلاق تۈن پەرۋانىسىنىڭ ئالدىنى ئالدىنى ئالىدىغان، تىزگىنلەيدىغان خىمىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن خلوروبېنزوئات، فلۇرالىن، سىئانىتىرانىلىزامىد قاتارلىقلار بار. شىركەتنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرى ئوتلاق تۈن پەرۋانىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چېتىلمايدۇ.

ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتلاق تۈن پەرۋانىسى يەنە كۈزلۈك يېپىشقاق قۇرت دەپمۇ ئاتىلىدۇ، لاتىنچە ئىلمىي نامى «Spodopterafrugiperd (Smith)» بولۇپ، تەڭگە قاناتلىقلار تۈرى تۈن پەرۋانىسى ئائىلىسى كۈل رەڭ قاناتلىق پەرۋانە ئۇرۇقدىشىدىكى بىر خىل ھاشاراتقا تەۋە. ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل پەرۋانىنىڭ ئەسلىي ماكانى ئامېرىكا قىتئەسى بولۇپ، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئافرىقا ۋە ئاسىياغا يامراپ كەتكەن، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا پۈتۈن دۇنيادا ئۇنىڭ ئىزى بار ئىكەن، 2018-يىلى ب د ت ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن دۇنياغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

نېمە ئۈچۈن ئوتلاق تۈن پەرۋانىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ؟ ماتېرىياللاردا ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئالاھىدىلىكى بارلىقى كۆرسىتىلگەن:

1.نەپسى بالا

ئوتلاق تۈن پەرۋانىسىنىڭ پارازىت ئىگىسى 300 خىلدىن ئاشىدۇ، ھەرقانداق ئۆسۈملۈكنى يېيەلەيدۇ، باشاقلىقلار ئائىلىسىگە زىيادە ئامراق، ئۇ ئاساسلىقى كۆممىقوناق، شال، ھەتتا شېكەر قومۇشىنىمۇ بوش قويۇۋەتمەي يەيدۇ.

2.ئىنتايىن تېز كۆپىيىدۇ

بىر چىشى پەرۋانە ھەر قېتىمدا 100-200 تال، بىر ئۆمرىدە 900 -1000 تال تۇخۇم تۇغىدۇ، بۇ ئادەتتىكى كۆكتات پەرۋانىسىنىڭ 10 ھەسسىسىگە باراۋەر، ھەر بىر تۇخۇم 2-3 ھەپتىدىلا چوڭ بولۇپ يەنە تۇخۇم تۇغالايدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: فۇجيەن ئۆلكىلىك يېزا، يېزا-ئىگىلىك نازارىتى ھۆكۈمەت تورى

3.ئۇچۇشقا ماھىر

ئوتلاق تۈن پەرۋانىسى بىر كەچتە 100 كىلومېتىر ئۇچالايدۇ، ئانا پەرۋانە تۇخۇم تۇغۇشتىن بۇرۇن 500 كىلومېتىر ئۇچالايدۇ.

جۇڭگوغا قانداق كەلگەن؟

دېھقانلار گېزىتىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋاڭ جېنيىڭ مۇنداق دېگەن: ئوتلاق تۈن پەرۋانىسى ناھايىتى كۈچلۈك كۆچۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا، ھاۋا ئېقىمىنىڭ ياردىمىدە، شامال ئارقىلىق يىراق ئارىلىقتىن ئۇچۇپ كەلگەن، بۇلتۇر 8-ئايدا ھىندىستانغا، 11-ئايدا بېنگالغا ئۇچۇپ بېرىپ، 12-ئايدا داۋاملىق شەرققە يۈرۈش قىلىپ، تايلاند، بېرمىغا يېتىپ بارغان.

ئۇلارنىڭ كۆچۈش ئارىلىقى ناھايىتى يىراق، سۈرئىتى ناھايىتى تېز. ھىندىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، غەربى ئەرەب دېڭىزىغا يېقىن بولغان كاناتاك ئىشتاتىدا 2018- يىلى 8- ئايدا ئەڭ بۇرۇن ئوتلاق تۈن پەرۋانىسى بايقالغان. ئۇلار شۇ يەردىن يولغا چىقىپ، ھىندىستاننى كېسىپ ئۆتۈپ، بېرما، تايلاندلارغا بارغان. بۇ «شەرققە يۈرۈش قىلىش يولى»نى ماشىنا ھەيدەپ بەش كۈندە، پىيادە 38 كۈندە بېسىپ بولغىلى بولىدۇ، ئەمما ئوتلاق تۈن پەرۋانىسى ئاجىز غەربىي جەنۇب پەسىل شامىلىدىن پايدىلىنىپ، بىر تەرەپتىن يەپ، بىر تەرەپتىن ئۇچۇپ، تۆت ئايدىلا مۇساپىنى بېسىپ بولغان.

سۈرەت مەنبەسى: فۇجيەن ئۆلكىلىك يېزا، يېزا-ئىگىلىك نازارىتى ئورگان تورى

ئوتلاق تۈن پەرۋانىسى ئۇچۇپ كېلىپ، ھەر قايسى دۆلەت، ھەر قايسى رايونلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيان پەيدا قىلدى:

تايلاندتا، زىيان يۈز بەرگەن 50 ئۆلكىنىڭ ئىچدە، زىيان بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئالتە ئۆلكىدىكى كۆممىقوناقنىڭ زىيانغا ئۇچراش نىسبىتى %100 كە يەتتى؛

سىرىلانكىدا، يېرىمدىن كۆپرەك كۆممىقوناق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى؛

ئافرىقىدىكى كۆممىقوناق تېرىيدىغان 12 دۆلەت 2017-يىلى تاجاۋۇزغا ئۇچراپ يىللىق ھوسۇلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 مىليون 600 مىڭ توننا كېمىيپ كەتتى، مۇناسىپ ئىقتىسادىي زىيان 6 مىليارد 190 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

بۇ يىل 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئوتلاق تۈن پەرۋانىسى بېرمىدىن يۈننەندىكى پۇئېرغا بېسىپ كىردى، ئارقىدىن دېخوڭ ۋە باۋشەندىمۇ ئۇلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ زىيان پەيدا قىلغانلىقى بايقالدى. ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى تىروپىك بەلباغ ۋە سۇبتروپىك بەلباغ رايونلىرىنىڭ كىلىماتى نەم ئىسسىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىشلىق كۆممىقوناق تېرىلىدىغان بولۇپ، ئوتلاق تۈن پەرۋانىسىنىڭ ياشىشى ۋە كۆپىيىشىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئوتلاق تۈن پەرۋانىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىشتا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە مۇداپىئە قىلىشى ئارقىلىق بىرلىكتە كونترول قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر.

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ كوڭمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ خىل پەرۋانە ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئاسىيا ئىسسىق بەلباغ رايونىدا يىللىق كۆپىيىش رايونى شەكىللەندۈرىۋالغان، شۇڭا دۆلىتىمىزدىكى پەرۋانىلەرنى ياخشى كونترول قىلىپلا قالماي، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋۇ كۇڭمىڭنىڭ ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 5-ئايدىن باشلاپ، پەرۋانە مەنبەسى گۇاڭدۇڭ، خەينەن، گۇيجۇ، خۇنەن قاتارلىق جەنۇبى قىسىمدىكى ئۆلكىلەرگە يىراق ئارىلىقتىن كۆچۈپ كىرگەن، شۇنداقلا سىچۈەن، چۇڭچىڭ، جياڭشى، فۇجيەن قاتارلىق جايلارغىمۇ تارقالغان.

يازدا ئوتلاق تۈن پەرۋانىسى شەرقىي شىمال تەرەپكە مەركەزلىك يۆتكىلىدۇ، ئاساسلىقى يۈننەن ۋە گۇاڭشىغا كىرىدۇ، يەنە گۇيجۇ، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، خۇنەنگە ياكى ئۇدا كۆچۈش ئارقىلىق سىچۈەن، جياڭشى ۋە فۇجيەن قاتارلىق رايونلارغا تاجاۋۇز قىلىشى مۇمكىن.

لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇنىڭ يامراش سۈرئىتى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن. 5-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، جۇڭگودىكى 13 ئۆلكە (شەھەر، رايون) ھاشارات ئاپىتىگە ئۇچرىغان. شۇڭا يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆزىتىش، ئاگاھلاندۇرۇشنى مەخپىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش، تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، «زىيانداش ھاشاراتتىن ئاشلىقنى قايتۇرۋېلىپ» مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

سۈرەت مەنبەسى فۇجيەن ئۆلكىلىك يېزا، يېزا-ئىگىلىكى نازارىتى ھۆكۈمەت تورى

1-مالىيە-ئىقتىساد تورىغا ئاساسلانغاندا، بۇررىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ سېتىۋېلىش تورىنىڭ تەتقىقات باش نازارەتچىسى لىن گو مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئوتلاق تۈن پەرۋانىسى يېڭى جانلىقلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى بولۇپ، ھازىر غەربىي جەنۇب رايونىدا زىيانداش ھاشارەت پەيدا بولغان، ئاخىرىدا باقمىچىلىقتا كۆرۈلگەن ئافرىقا چوشقا ۋاباسى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئوخشاش ئاپەتكە ئايلىنىپ، ساھەگە زور تەسىر كۆرسىتەمدۇ-يوق، يەنە داۋاملىق ئىز قوغلاشقا توغرا كېلىدىكەن.

دېھقانلار گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋاڭ جېنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئوتلاق تۈن پەرۋانىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىشتا ھازىر خىمىيەلىك ئالدىنى ئېلىش ئاساس قىلىنغان. ھازىر ئوتلاق تۈن پەرۋانىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ تۈرى تىزىمغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاكادېمىك ۋۇ كۇڭمىڭنىڭ ئۆمىكى يۈننەندە دائىم ئىشلىتىلىدىغان 21 خىل دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىنى باھالاشنى تاماملىغان. 3-ئايدا، مەملىكەتلىك دېھقانچىلىق تېخنىكا مەركىزى «2019-يىلى ئوتلاق تۈن پەرۋانىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېخنىكا لايىھەسى (سىناق نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلغان، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىمىيىلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى سىناق قىلىشمۇ باشلانغان.

ھازىر ب د ت ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ ئوتلاق تۈن پەرۋانىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش يېتەكچىلىك قوللانمىسىدىن پايدىلىنىپ، دېھقانچىلىق دورىسى تۈرىنى تەۋسىيە قىلىشقا بولىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە Bt ۋە ئاق قاتۇرغۇچى زەمبۇرۇغ قاتارلىق بىئو دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئاپەت ئېغىر بولغان جايلاردا مېتىل ۋېي تۇزى، خىلور قۇرت بېنزوئات، ئېتىل باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ماددىسى قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىپ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئوتلاق تۈن پەرۋانىسىنىڭ دورىغا تاقابىلچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، شۇڭا دېھقانلارنىڭ دورا ئىشلەتكەندە ئالماشتۇرۇپ دورا ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىپ، دورىغا تاقابىلچانلىق ئىقتىدارى پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، چەت ئەللەرنىڭ تەجرىبىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىزىل كۆز ھەرىسى قاتارلىق كۈشەندە ھاشاراتلارنى قويۇپ بېرىشىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان. ئالىملىرىمىز ھازىر دۆلىتىمىزدىكى كۈشەندە ھاشاراتلارنى تاللاشنى باشلاپ بولدى. چەتئەلدە يەنە باشقا بىر قىسىم سىناقلار ئېلىپ بېرىلغان، يەنى، كىرىشتۈرۈپ تېرىش ياكى تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى كۆممقوناق سورتىنى تاللاش ئۇسۇلى قوللىنىلغان.

ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئوتلاق تۈن پەرۋانىسى سىرتتىن كىرگەن بىر خىل زىيىنى ناھايىتى كۈچلۈك زىيانداش ھاشارات، لېكىن ئېلىمىزنىڭ زىيانلىق جانلىقلارنى كۆزىتىدىغان مۇكەممەل سىستېمىسى، بىر تۇتاش مۇداپىئە كۆرۈش، بىر تۇتاش تىزگىنلەش قوشۇنى، كۆپ خىل ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئۈسكۈنىلىرى، شۇنداقلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بار بولغاچقا، دەل جايىدا كۆزەتكىلى، دەل ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى ۋە تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، زىيانداشلار كۆرۈلسىمۇ ئاپەت كۆرۈلمەيدۇ. شۇڭا، ئاممىنىڭ تاماق قاچىسىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئامما چوقۇم «زىيانداش ھاشارەتتىن ئاشلىقنى قايتۇرۇۋېلىش»قا ئىشەنچ باغلىشى كېرەك.

1124527502_15584940687661n.jpg
1124520212_15583654665571n.jpg
1124519911_1558350846626_title0h.jpg
1124518927_15583394678921n.jpg