بۇماقالىنى راستىنلا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى چىقارغان
0
2019-05-22 17:13:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

5-ئاينىڭ 18-كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە «ھۆججەتكە ئىشلىتىلگەن بۇ خىل ساختىلىق قانداق قىلغاندا بايقالمايدۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان. تورداشلار بۇنى ئوقۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بۇنداق «يۇمۇرىستىك» ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

ئالدىنقى ئىككى كۈندە، مەركەزنىڭ 2-تۈركۈمدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە «قايتا تەكشۈرۈش» قايتما ئىنكاس خىزمىتى تاماملاندى، بىر تۈركۈم ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ تۈزىتىش لايىھەسىنى كۆچۈرگەنلىكى، يۈزەكى تۈزىتىش قىلغانلىقىدەك قىلمىشلىرى بايقالدى.

ئەمدى بىز بۇنى تېخنىكىلىق تەھلىل قىلىپ باقايلى:

تۈزىتىش لايىھەسىنى كۆچۈرۈپ ساختىلىق قىلسا، نېمە ئۈچۈن ئاسانلا بايقىلىپ قالىدۇ؟

بىۋاستە سەۋەب شۇكى، بۇنداقلارنىڭ ماقالە يۇيۇش سەۋىيىسى بەك ناچار. ياسالغان ھۆججەتنىڭ «جىلتىسى» نېپىز، «قىيمىسى» كۆپ بولغاچقا، قازانغا سالغان ھامان «قىيمىسى» چىقىپ كەتكەن. ماقالە يۇيۇشنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ، يۇقىرىنى قانداق ئالدىغىلى بولسۇن؟ تۆۋەندە بىزھۆججەتنى كۆچۈرۈش جەريانىدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى سۆزلەپ ئۆتەيلى.

بىر ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ھۆججەت نومۇرىنى ئۆزگەرتىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. ھۆججەت نومۇرى بىر قىزىل باشلىق ھۆججەتنىڭ «يۈزى»، ئىككى خىل ھۆججەتنى زورلاپ بىرنومۇرلۇق قىلىپ قويسىڭىز، ئاۋۇ «ھۆججەت»نىڭ قانداق ھېسياتتا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭىزما؟

لياۋنىڭ ئۆلكىسى سۈيجۇڭ ناھىيەسى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ [2017] 49-نومۇرلۇق ھۈججىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى ھۆججەت سەپلەنگەن. بۇنىڭ بىرى ۋاقىتلىق ئويدۇرۇپ چىقىرىلىپ، مۇھىت ئاسراش تەكشۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن ساختا ھۆججەتتۇر. بۇ ساختا ھۆججەت ئارقىلىق، بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىنغان دېڭىزنى قورشاپ تىندۇرۇش تۈر قۇرۇلۇشى قوغداپ قېلىنغان.

ھۆججەت نومۇرى «يۈزى» بولسا، تامغا ھۆججەتنىڭ «ئىززەت-ھۆرمەت»ى. گەرچە ساختا ھۆججەت بولسىمۇ، ھەقىقىي تامغا بېسىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەكتە. خۇنەن ئۆلكىسى يۈەنجياڭ شەھەرلىك چارۋىچىلىق، سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ مۇھىت ئاسراشنى تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغاندا، ساختا ھۆججەتتىكى تامغىنى سىكاننېرلاش ئۇسۇلى بىلەن باسقان، ئەجىبا بۇنىڭدا تامغا سۇرۇخىنىڭ ئىسراپ بولىشىدىن ئەنسىرىگەنمىدۇ؟

ئەڭ ياخشىسى ئۇلاپ-ئۇلاپ كۆچۈرمەڭ. فۇشۈن شەھىرى ئۆلكىنىڭ مۇھىت تۈزەش لايىھەسىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كەلگەن، ئۇنىڭغا قاراشلىق دۇڭجوۋ رايونى، شىنفۇ رايونى شەھەرنىڭ ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كەلگەن.

بۇنداق قولنىڭ ئۇچىدا ئويناپ قويغان بىلەن، ھەش-پەش دېگۈچە چېنىپ قېلىشى ئېنىقلا گەپ دە...

ئۆلكە ئاتلاپ كۆچۈرۈشمۇ بىخەتەر ئەمەس. لياۋيۈەن شەھىرى دۇڭفېڭ ناھىيەسى، دۇڭلياۋ ناھىيەسى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ مائەنشەن شەھىرى بوۋاڭ رايونىنىڭ خىزمەت لايىھەسىنى مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىن شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرىشىدە بايقىلىپ قالغان.

توردىن كۆچۈرمەڭ. سىز تاپالايدىغان خام ماتېرىيالنى، باشقىلارمۇ تاپالايدۇ، ئوخشاش كۆچۈرۋېلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ. ئالايلۇق، ۋۇشىنىڭ مەلۇم بازىرىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ سىياسىي ئۆگىنىش تەسىراتلىرى توردىن كۆچۈرۈلگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 6 كىشى كۆچۈرگەن مەزمۇنلار ئوخشاش بولۇپ قالغان، ئەسلىي تېكىستتىكى «مەركەزدىكى مەلۇم ئورگاننىڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلىرى» دېگەن سۆزلەرمۇ ئۆزگەرتىلمىگەن.

كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن كوررېكتورلۇق قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، كۈلكىلىك خاتالىق چىقىپ قالمىسۇن. تەييۇەن شەھىرىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇھىت مەسىلىسىنى تۈزەش لايىھەسىدە، «شوجۇ، يۈنچېڭ شەھەرلىرىگە ئۆلكە دەرىجىلىك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇش» تەلەپ قىلىنغان، بىر ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرنىڭ باشقا بىر ۋىلايەتنىڭ ئۆزگەرتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى باشقا بۇرادەرلەرقانداق ئويلاپ قالىدۇ؟ يەنە لىنفېن شەھىرى چۈۋۇ ناھىيەسىنىڭ تۈزىتىش تەدبىرى تىزىملىكىدە «تەييۈەن، ياڭچۈەن، چاڭجى، جىنچېڭ، لىنفېن، جىنجۇڭ قاتارلىق شەھەرلەردە كۆمۈر چەكلەش رايونى تەسىس قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بىر ناھىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋىلايەت، شەھەرگە ۋەزىپە چۈشۈرگەنلىكى تولىمۇ قىزىقارلىق ئىش دە. ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ تۈزىتىش لايىھەسىنى ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ كەلگەن چاغدا، بەزى گەپلەرنى ئۆز ئەھۋالىمىزغا قاراپ تۈزەتمىسەك بولماس ھەقاچان ھە؟

AI غا (سۈنئىي ئىدراك) قارىغۇلارچە ئىشەنمەڭ. جىنچېڭ شەھىرى چىنشۈي ناھىيەلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا خىزمەتچىلىرى ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆججەتلەرنى كۆچۈرۈپ، بۇنى ئۆز ئورنىنىڭ يولغا قويۇش لايىھەسىگە ئايلاندۇرغان، ئۇنىڭ مەزمۇنى باغلاشمىغان، يېزىقلىرىدا كۆپ خاتالىق بولۇپ، ئادەم يازغانغا قەتئىي ئوخشىمىغان.

قول ئاستىڭىزدىكىلەرگە تايىنىۋالماڭ. خۇنەن ئۆلكىسى شياڭتەن شەھىرى يۆتاڭ رايونى يۆتاڭ مەھەللە باشقارمىسىدىكى مەلۇم كادىر تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىشخانا خىزمەتچىلىرىنى ۋاقىتلىق ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان. خىزمەتچى خادىملار تۈنەپ ئىشلىگەن بولغاچكىمىكىن، ماتېرىيالدا «شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى XX شەھەرلىك پارتكومنىڭ ھۆججىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش» دېگەن سۆزلەر پەيدا بولۇپ قالغان.

بىز كۆچۈرمىكەشلىككە قارشى تۇرىمىز، ئەسلى ئىجادىيەتنى قوللايمىز،ئەلۋەتتە. لېكىن ئەسلى ئىجادىيىتىنىمۇ بەك مۇبالىغە قىلىۋەتمەسلىك كېرەك، قارىغۇلارچە توقۇپ قالايمىقان ياسىغاندىمۇ چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىككە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئالدى بىلەن مەشغۇلاتچانلىقى بولۇشى كېرەك. شۇاڭلياۋ شەھىرى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇھىت مەسىلىسىنى تۈزەش خىزمەت لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتقان، ئەمما ھەر قايسى يېزا بازارلاردىن 8-ئاينىڭ 31-كۈنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاش تەلەپ قىلىنغان، بىر كۈننى ئۈچ كۈن ئورنىدا ئىشلەت دېگەنلىكقۇ بۇ.

يازغان ھۆججەت بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ پەرقى بەك چوڭ بولۇپ كەتمىسۇن.

جىلىن ئۆلكىلىك چارۋىچىلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىغا تاپشۇرغان ماتېرىيالىدا، ئوتلاقلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسى پۈتۈنلەي مەمۇرىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىندى دەپ يالغان ئېيتىلغان، نازارەت قىلىش ئارقىلىق 18 دېلونىڭ ئەسلا بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىقى، يەنە ئىككى دېلونىڭ «قايتا كۆزىتىش» گۇرۇپپىسى ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن ۋاقىتلىق ياسالغان جازا ھۆججىتى ئىكەنلىكى بايقالغان.

يەنە تېخى ۋاقىت جەھەتتىكى لوگىكىلىققا دىققەت قىلىش كېرەك.

چاڭجى شەھەرلىك كۆمۈرچىلىك سانائىتى ئىدارىسى 2017- يىلى 8- ئاينىڭ 4- كۈنى تارقاتقان تۈزىتىش لايىھىسىدە، 9- ئايدا بېسىپ تارقىتىلغان ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆججەت نەقىل كەلتۈرۈلگەن. جىلىن شەھىرى 2018- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى بېسىپ تارقاتقان يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت لايىھىسىدە ھەر قايسى ناھىيە، رايونلارنىڭ 7- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن مۇناسىپ خىزمەتلەرنى تاماملىشى تەلەپ قىلىنغان. ۋاقىتنى ئارقىغا قايتۇرۇشتىن باشقا، يەنە قانداق ئۇسۇل بىلەن بۇ ئىشلارنى تاماملىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتكىلى بولمايدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا، ئازراق بولسىمۇ تۆۋەن چەكنى ساقلاڭ. دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ مۇھىم نۇقتىلار خاتىرىسى ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇشقا تېگىشلىك تېما، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇنىڭغا بولسىمۇ يالغانچىلىق قىلمىسڭىز. زۇنيى شەھىرى بوجۇ رايونلۇق پارتكوم ئىشلەشكە ناھايىتى جۈرئەت قىلغان، ئۇلارنىڭ مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىغا بەرگەن رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 نۇسخا يىغىن خاتىرىسى ۋاقىتلىق ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان. ئۇلار سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى زادى چۈشىنەمدۇ – يوق؟

ئەگەر بۇلاردىن ئارقا-ئارقىدىن قېچىپ قۇتۇلالىغان بولسىڭىز، مۇبارەك بولسۇن، يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتىدىغان تۈزىتىش ماتېرىيالىنى تاۋلاپ چىقىپسىز، كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتىپسىز

دېسە، ئىشىنىپ قالماڭ !

مەركەزنىڭ كۆرىدىغىنى ئەمەلىي نەتىجە، ماتېرىيال ئەمەس، قۇرۇق گەپ-سۆزگە تېخىمۇ قۇلاق سالمايدۇ. مەسىلەن، مۇھىت مەسىلىسىنى ئالساق، تۈزىتىش زادى قانداق بولدى؟ نەق مەيدانغا بارغان ھامان ھەممىسى ئېنىق بولىدۇ، سىزنىڭ ئاجايىپ قەلەمكەشلىك ھۆنىرىڭىز بولسىمۇ ھەقىقىي يېشىل دەل-دەرەخ، گۈل-چېچەكلەرنى ئۈندۈرەلمەيسىز، ماتېرىيالدا بۇلۇتلاردىن ھالقىپ ۋە ئېقىنلاردىن مىڭنى كەزسىڭىزمۇ ھەقىقىي ئاق بۇلۇت، سۈزۈك سۇنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيسىز.

يەنە كېلىپ پۇقرالارنىڭ سان-ساناقسىز كۆزلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، ھەر قانداق يالغان گەپلەر ھامىنى ئاشكارلىنىدۇ.

ساختىلىق ئىشلىتىلگەن ھۆججەتلەرنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىقنىڭ تولۇق يوقىتىلمىغانلىقدىندۇر.

بەزى كىشىلەرنىڭ خىزمەت نەتىجە قارىشى تېخى كېسەللىك ھالىتىدە.

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئالاھىدە تەلەپ قىلىنىۋاتقان بۇ مەزگىلدە، مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى باشلاندى. بۇ باش تېما تەربىيەسىدە شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش مۇھىم مەزمۇن قىلىنىپ، پارتىيە ئەزلىرى، كادىرلار پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىدىيەۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇشقا، توغرا خىزمەت نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىستىلنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلىنىدۇ.

ئاخىرىدا، ئىقتىدارىڭىزنىڭ ئۇرغۇپ تېشىپ تۇرۇشىنى، كۆچۈرمىكەشلىك بىلەن «ماقالە يۇيىدىغان» قىلىق قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

سىزنىڭ ئىشلىگەندە، ئىگىلىك تىكلىگەندە، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىڭىزگە ئېلىپ ، خەلق ئۈچۈن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىڭىزنى تېخىمۇ بەك ئۈمىد قىلىمىز.

ماقالە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدىن ئېلىندى

1124527502_15584940687661n.jpg
1124520212_15583654665571n.jpg
1124519911_1558350846626_title0h.jpg
1124518927_15583394678921n.jpg