كىملىكنى تۇتۇپ چۈشكەن سۈرىتىڭىز توردا تۆكمە بوپ كەتتى
0
2019-05-23 10:56:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ھازىر نۇرغۇن تور سۇپىلىرىدا كەسىپ بېجىرگەندە، مەسىلەن تور دۇكىنىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، توردا مالىيە باشقۇرۇش، خىزمەت ئىزدەش قاتارلىقلاردا بىېجىرگۈچىلەردىن قولىدا كىملىك تۇتۇپ چۈشكەن سۈرەتنى يوللاشنى تەلەپ قىلىدۇ. سالاھىيەتنى ئىسپاتلاش زۆرۈر بولغاندا، بۇ ھەقىقەتەن تېز ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. لېكىن كەسىپلەرنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن بۇ رەسىمىڭىزنىڭ نەگە كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇنىڭ ئىچىدىن «سودا پۇرسىتى» تېپىپ چىققان، شۇنداقلا بىر تال قارا كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغان.

قولدا كىملىك تۇتۇپ چۈشكەن سۈرەتلەر تۈركۈملەپ بازارغا سېلىنغان،

سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىز يەنە بىخەتەرمىدۇ؟

نەنجىڭدىكى زوۋ ئەپەندىم بولسا، بىر تور دۇكىنى سودىگىرى بولۇپ، نۇرغۇن تور سودا سۇپىلىرىدا تور دۇكىنى ئاچقان. تور دۇكىنىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش جەريانىدا، ئۇ تەلەپ بويىچە كىملىكنىڭ ئالدى-كەينى ۋە كىملىك تۇتۇپ تۇرغان رەسىمىنى تورغا يوللىغان. بۇ يىل 5-ئايدا، بىر تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئۇ QQ سۇپىسىدا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىملىك تۇتۇپ چۈشكەن سۈرەتلەرنى تۈركۈملەپ بازارغا سالغانلىقىنى بايقىغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ئۆزى يوللىغان كىملىك تۇتۇپ چۈشكەن رەسىممۇ باشقىلارنىڭ سودا قىلىدىغان بۇيۇمىغا ئايلىنىپ قالغان-قالمىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلغان.

زوۋ ئەپەندىم: «QQ دىكى ساتقۇچىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار سېتىۋاتقان سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى يۈرۈشلۈك ئىكەن، بىر يۈرۈشتە ئۈچ پارچە سۈرەت، يەنى كىملىكنى تۇتۇپ تۇرۈپ چۈشكەن سۈرەت بىلەن كىملىكنىڭ ئالدى-كەينى سۈرىتى باركەن. مەن تورغا بۇ رەسىملەرنى تور دۇكىنى ئېچىشقا زۆرۈر بولغانلىقى ئۈچۈن يوللىغان، ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن دوستلىرىممۇ مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرى سېتىۋېلىش ياكى قوشۇمچە خىزمەت قىلىش دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن توغا يوللاپ باققان، بىزمۇ بۇ رەسىملەرنى باشقىلار سېتىۋەتكەنمىدۇ-يوق، باشقىلار شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئەسكى ئىشلارنى قىلارمۇ دەپ ئەنسىرەپ يۈرىمىز.»

QQ دا بەزىلەر قولىدا كىملىك تۇتۇپ چۈشكەن سۈرەتلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ساتقان، ھەمدە «ئېھتىياجىغا ئاساسەن مال ئەۋەتىمىز» دېگەن

QQ سۇپسىدا كىملىك تۇتۇپ چۈشكەن سۈرەتلەرنى ساتىدىغانلار راستلا بارمىدۇ؟ 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، مۇخبىر سېتىۋالغۇچى سىياقىدا تور سودىگىرى لى X بىلەن ئالاقىلاشقان، ئۇ ئۆزىدە كىملىك تۇتۇپ چۈشكەن نۇرغۇن يۈرۈشلۈك سۈرەتلەرنىڭ بارلىقىنى، بىرنى سېتىۋالسىمۇ، توپ سېتىۋالسىمۇ بولىدىغانلىقىنى دېگەن :«بىر يۈرۈش 20 يۈەن، ئىككى يۈرۈش 40 يۈەن. (ئەمەلىيەتتە بىر يۈرۈشى نەچچە ئون يۈەن ساتقىنىڭىزنىمۇ قىممەت ھېس قىلدىم.) بىر قېتىمدا قانچە كۆپ سېتىۋالسىڭىز، باھاسى شۇنچە ئەرزان بولىدۇ؛ بىر ياكى ئىككى يۈرۈش ئېلىپ ئىشلىتەلەمسىز-يوق سىناپ بېقىڭ، ئەگەر ئىشلىتەلىسىڭىز كۆپرەك ئالسىڭىز ئەرزان بېرىمەن.»

مۇخبىر بۇ سۈرەتلەرنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سورىغاندا، سودىگەر ئۇنىڭ ئۈستىدىمۇ بىر مال تەمىنلىگۈچى بارلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە ئۇلارنىڭمۇ بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ توپلىغانلىقىنى، لېكىن بىر پارچە سۈرەتنى كۆپ قېتىم ساتقىلى بولىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن پايدا قالىدىغانلىقىنى، ئەگەر مۇخبىر سېتىۋالماقچى بولسا، ئۇلار ئىمكانقەدەر خېرىدارنىڭ ئېھتىياجى بويىچە مال سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىر: «سەن نەدىن سېتىۋالغان؟»

سودىگەر لى X: «بەزىدە يانفون كارتىسى بېجىرگەندە، بەزىدە قوشۇمچە خىزمەت تاپقاندا، ھەممىسىدە بۇ سۈرەتلەر لازىم بولىدۇ. بىزمۇ بىر يۈرۈشنى بىر قانچە يۈەندىن ئالىمىز، بىر قېتىم يىغساق، بىر قانچە قېتىم ساتالايمىز، بەزى يېڭى تۈرلەرگە چوقۇم يېڭى ماتېرىياللار كېتىدۇ، شۇنداققۇ!، كونا ماتېرىياللارنى چوقۇملا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.»

شەخسىي ئۇچۇرلارنى سېتىشتىمۇ «كەسىپ زەنجىرى» بارمۇ؟

يانفون كارتىسى، بانكا كارتىسى يۈرۈشلۈك سېتىلىدىكەن

مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقىشىچە، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىملىك تۇتۇپ چۈشكەن سۈرىتى، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ھامان، بىر قاتار بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ھەتتا بۇنىڭدىن كۆپ خىل «كەسىپ زەنجىرى»مۇ شەكىللىنىپ بولغان. مەخسۇس ھەر تۈردىكى كارتىلار ۋە ھېسابات نومۇرلىرىنى مەخسۇس ساتىدىغان تور سودىگىرى جاڭ X نىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭدا نۇرغۇن ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملاتقان يانفون كارتىلىرى بار بولۇپ، مۇخبىر خالىغانچە تاللىسا بولىدىكەن. يەنە كېلىپ بۇ يانفون كارتىلىرى دەل كىملىك تۇتۇپ چۈشكەن يۈرۈشلۈك سۈرەتلەر ئارقىلىق تىزىملىتىلغان ئىكەن.

ساتقۇچى جاڭ X :«بىز ئادەتتە توپ ئاچقۇزىمىز، نەچچە يۈز، نەچچە مىڭنى بىراق ئاچقۇزىمىز.»

مۇخبىر :« يولۇڭلار بارمۇ؟ قولىدا كىملىك تۇتۇپ چۈشكەن مۇشۇ بىر يۈرۈش رەسىم بولسىلا بېرىپ بېجىرەلەمسىز؟»

ساتقۇچى جاڭ X : «شۇنداق، بېجىرەلەيمەن.»

پاراڭلىشىش جەريانىدا، مۇخبىرنىڭ دىققەت قىلىشىچە، قولىدا كىملىك تۇتۇپ چۈشكەن سۈرەتنى خالىغانچە ئېلىپ ساتقاندىن باشقا، جاڭ X يەن ئۆزىنىڭ قولىدا ساتىدىغان نۇرغۇن بانكا كارتىسىنىڭ تۆت يۈرۈشلۈكى بارلىقىنى ئېيتقان، ئۇ كۆرۈنمە چاستوتىنى ئېچىپ، مۇخبىرغا مال جازىسىغا دۆۋلەنگەن ماللارنى كۆرسەتكەن :«يانفون كارتىسى، بانكا كارتىسى، بانكا كارتىسى USB ئاچقۇچى يەنە كىملىك، بۇلار بىر يۈرۈش، 400 يۈەن. بۇلاردىن بىر يۈرۈش سېتىۋېلىپ، بۇ يانفون نومۇر بىلەن بىر ئۈندىدار ياكى بىر چىقىمداننى تىزىملىتىپ، بانكا كارتىسىغا ئۇلىسىڭىزلا نورمال ھېسابات قوبۇل قىلىش، ھېسابات يۆتكەش ئىشلىرىنى قىلالايسىز، ئەگەر چىرايىڭىزنى سۈركەش كۆرسەتمىسى كۆرۈلسە، مېنى ئىزدەڭ، مەن ئۆزىنى تېپىپ چىرايىنى سۈركىتىپ بېرىمەن.»

باشقىلارنىڭ كىملىكى ئارقىلىق بېجىرگەن بانكا كارتىسىنى ئىشلەتكەندە، ئىچىدىكى پۇلنى تاسادىپىي باشقىلار ئېلىپ كەتكەندە قانداق قىلىش كېرەك، مۇخبىرنىڭ بۇ خىل ئەندىشىسىگە قارىتا، ساتقۇچى ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ئىنتايىن ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى، يېرىم يىللىق سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، ئەگەر مەسىلە كۆرۈلسە، ئۇلار ئالاقىلىشىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن :« تاغلىق رايوندىكىلەر، يەر تېرىيدىغانلار، دېھقانچىلىق قىلىدىغانلار، يەنە ئوقۇغۇچىلار، پۇلى يوقلار ماڭا بىر تال بانكا كارتىسى بېجىرىپ بەرسە، مەن نەچچە يۈز يۈەن بېرىپ يىغىۋالىمەن. ئەگەر سىزنىڭ پۇلىڭىز يوقاپ كەتسە، ھېچقىسى يوق، چوقۇم كارتا ئىگىسى ئېلىۋالدى دېگەن گەپ، مەن پۇلنى ئاۋۋال سىزگە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم كۆرۈشىۋالسام بولىدۇ. لېكىن مەن بۇ سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا يەتتە، سەككىز يىل بولدى، بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىدى. ئۇلارنى مەن ئۈچۈن بانكا كارتىسى بېجىرىپ بېرىشكە ياردەم قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە بەزى كىشىلەر تىجارەت كېنىشكىسى بېجىرگەندە، قانۇنىي ئىگە دېگەندەكلەرنى قىلىدىغانغىمۇ، ئۇلارنى ئىزدەيمەن.»

ئادۋوكات: شەخسىي ئۇچۇرلارنى سېتىش جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ

مۇخبىر بىرىنچى ۋاقىتتىلا ئالاقىدار سودىگەرلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى چېتىشلىق سۇپىلارغا پاش قىلغان. بۇ ساتقۇچىلارنىڭ تور سۇپىلىرى ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى سېتىش قىلمىشىغا قارىتا، جياڭسۇ تيەنشۈ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى جاڭ سەي تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئابونتلار ئىسپاتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، پاش قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئەرز قىلىپ، سۇپىدىن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، توردا شەخسىي ئۇچۇرلارنى خالىغانچە سېتىش قىلمىشىغا قارىتا، جاڭ سەي مۇنداق دېگەن: دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 280-ماددىسىغا ئاساسەن، كىملىك، پاسپورت، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ۋە پراۋىنى ساختا ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، ئېلىپ-سېتىش قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلارغا، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ، ھەمدە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئەگەر ئۇچۇر ئىگىسى ۋە توردا ساتقۇچى، سېتىۋالغۇچىنىڭ قانۇنسىز جىنايى ئىشلارغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ يەنە سېتىپ بەرسە، قانۇنىي جاۋابكارلىق خەۋپىگىمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن.

جاڭ سەي: «شەخسىي ئۇچۇرلارنى سېتىش قىلمىشىدا، ئارىلىقتىن پايدا ئېلىپ، ئاندىن ئۇچۇرلارنى باشقىلارنىڭ قانۇنسىز جىنايى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن تەمىنلەپ بەرسە، قانۇنىي مەنىدىكى ياردەم بېرىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ ئورتاق جىنايەت تۈرىگە كىرىدۇ. كەڭ چوڭ تور بەتلىرىگە ئەسكەرتمەكچى بولغىنىم، ئەگەر قولدا كىملىك تۇتۇپ چۈشكەن رەسىملەرنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسا، تور بەتلىرى بۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن، قانۇنىي جەھەتتە ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۇچۇرلارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ، ئاشكارىلاپ قويۇشىغا بولمايدۇ.»

1124527502_15584940687661n.jpg
1124520212_15583654665571n.jpg
1124519911_1558350846626_title0h.jpg