چاشقاننىڭ ئىسپېرمىسى پىلنىڭ ئىسپېرمىسىدىن چوڭ
0
2019-05-24 16:26:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

 

بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىنى 80 يىل بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر ئۆمۈر تەخمىنەن ئىككى مىليارد 500 مىليون سېكۇنت ئەتراپىدا بولىدۇ.

تۇخۇمنى ئاچچىقسۇغا بەش سائەت چىلاپ قويسىڭىز، بىر سۈزۈك تۇخۇمغا ئېرىشەلەيسىز.

ئەگەر پۈتۈنلەي ھىم ئېتىلگەن بىر ئۆيگە سولىنىپ قالسىڭىز، ئاۋۋال كاربون تۆت ئوكسىد بىلەن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىسىز، ئەمما ئوكسېگىن يېتىشمەي ئۆلۈپ كەتمەيسىز.

كىملىكنىڭ نومۇرى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى بويىچە 18 خانىدىن تۈزۈلىدۇ، ئەگەر ئاخىرقى نومۇرى 10 بولسا، ئۇنىڭ ئورنىغا Xنى ئىشلىتىش كېرەك، چۈنكى 10 نى ئاخىرقى نومۇرغا ئىشلەتسە، ئۇ چاغدا بۇ ئادەمنىڭ كىملىكى 19 خانىغا ئۆزگىرىپ، دۆلەت ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ.

چاشقاننىڭ ئىسپېرمىسى پىلنىڭ ئىسپېرمىسىدىن چوڭ.

ئەگەر چاشقان بىر نەرسىنى غاجىلمىسا، ئۇنىڭ ئاستىنقى قاتار چىشى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈستۈنكى ئېڭىكىدىن ئۆتۈپ، ئۈستۈنكى تاڭلايغا يېتىپ بارىدۇ.

بىنلىنىڭ LOGO(ماركىسى)سىنىڭ سول قانىتىدا 10 تال پەي، ئوڭ قانىتىدا 11 تال پەي بار بولۇپ، پۈتۈنلەي سىممېترىك ئەمەس.

سۇ چالغۇسى مەخسۇس كىنو مۇزىكىسى ئىشلەيدىغان چالغۇ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى Waterphone، قوراللىق جەڭ قىلىدىغان كۆپ قىسىم كىنو فىلىملەردىكى مېتال ئاۋازلار ئۇنىڭ چىقارغان ئاۋازى ئىدى.

بىز ھەر كۈنى كۆرگەن چىرايلار چۈشىمىزدىكى پېرسوناژلارغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

 

تۇغۇلغاندا كۆزىمىز قانچىلىك چوڭ بولسا ھازىرمۇ شۇنچىلىك چوڭ بولىدۇ، لېكىن بۇرنىمىز ۋە قۇلاقلىرىمىز ئۆسۈپ تۇرىدۇ.

 

كېپىنەك جۈپلەشكەندىن كېيىن ئەركەك كېپىنەك بىر خىل ماددا ئاجرىتىپ، چىشى كېپىنەكنىڭ كۆپىيىش تۆشۈكىنى ئېتىۋالىدۇ.

ئۈندىداردىكى ئېچىش مۇقاۋىسى قىشلىق كۈن توختاش كۈنى ئەتراپىدا تارتىلغان بولۇشى مۇمكىن.

مۈشۈكئېيىقنىڭ ئالتىنچى بارمىقى بىر تال يالغان باش بارماق.

بىر تال HB قېرىنداشتىكى «HB» بولسا «Hard Black»نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، بۇ قېرىنداش ئۆزىكىنىڭ قاتتىقلىقى ۋە رەڭگىنىڭ ئوتتۇرا ھال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ قېرىنداشتا ئۇزۇنلۇقى 56 كىلومېتىر كېلىدىغان سىزىق سىزغىلى بولىدۇ.

چىشى قارا بۆكەن ناچار مۇھىتقا يولۇقسا، تۇغۇش مەزگىلىنى بىر ئاي كەينىگە سۈرەلەيدۇ.

ئىنسانلارنىڭ كۆزىنىڭ فوكۇسلاش سۈرئىتىگە ھېچقانداق بىر فوتو ئاپپارات يېتىشەلمەيدۇ، ئىنسانلار كۆزنىڭ ئوتتۇرىچە فوكۇسلىنىشى ھەر بىر سېكۇنتتا تەخمىنەن 50 قېتىمدۇر.

ئويستېر قۇلۇلىسى ھايات ۋاقتىدا كۆپ قېتىم جىنسىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

جۇڭگودا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانى ئامېرىكا ئومۇمىي نوپۇس سانىدىنمۇ كۆپ.

پورسچىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋولكىس ۋاگېن ئاپتوموبىللىرىنى ئىجاد قىلغۇچىنىڭ ئۆز ئوغلى.

داڭلىق بولغان M&M's شاكىلات پۇرچىقىنىڭ قۇرغۇچىسىغا يەر ياڭىقى (خاسىڭ) رېئاكسىيە قىلىدۇ.

كېنگۇرۇ ئارقىچىلاپ ماڭالمايدۇ، پەقەت ئالدىغا قاراپ ماڭالايدۇ، ئەگەر ئۇ ئارقىغا ماڭماقچى بولسا، ئاۋال ئۆرۈلۈپ ئاندىن داۋاملىق ئالدىغا قاراپ سەكرەيدۇ.

سۈۋەرەكنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئەگەر ئىككى سۈۋەرەكنىڭ بىر يىلدا تۇخۇمدىن چىققان ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسى ھايات بولسا، ئۇلارنىڭ سانى 10 مىليونغا يېتىدۇ.

 

1124527502_15584940687661n.jpg
1124520212_15583654665571n.jpg