ئۈچەي يولى ساغلاملىقىنىڭ ناچارلىشىشى 50 خىل كېسەللىكنى پەيدا قىلىدىكەن
0
2019-06-10 15:21:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئۈچەي يولى ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ ھەزىم قىلىش ئەزاسى بولۇپ، ئىمۇنېتىت رولى بار بولۇپ، سېمىزلىك، دىيابېت كېسىلى، راك كېسىلى، بۇرۇقتۇرمىلىق كېسىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 نەچچە خىل كېسەللىكنىڭ ھەممىسى ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيەلەر توپىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

1. قەۋزىيەت

تەرەت قىلىش ئادىتى ۋە چوڭ تەرەت ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچەي يولى قېرىلاشقىنىنىڭ بەلگىسى. يۈزدە تۇيۇقسىز دانىخورەكلەر ئۆرلىسە، تېرە خۇنۇكلىشىپ، ھەتتا ئېغىز بوشلۇقىدا غەيرىي پۇراقلار پەيدا بولسا ھەممىسى قەۋزىيەتنىڭ تېرىغان ئىشىدۇر. قورساقنى يىنىك ئۇۋۇلاپ بېرىش ئۈچەي يولىنىڭ لۆمۈلدىشىنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولۇپ، قەۋزىيەتنى يېنىكلىتىدۇ.

2. چوڭ تەرەتنىڭ زىيادە بەدبۇيلۇقى

تۇخۇم، گۆش تۈرىدىكىلەرنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلغاندا، ئاسانلا سېسىق يەل پەيدا قىلىدۇ. بۇرۇننى غىدىقلايدىغان ئاچچىق ھىدقا ئىچى سۈرۈش يانداشسا بۇنى ئېچىش خاراكتېرىدىكى ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

3. ئۇزاق مەزگىل ئىچى سۈرۈش

جىددى خاراكتېردىكى ئىچى سۈرۈش ئۈچەي يولى باكتېرىيەسىنىڭ يۇقۇملىنىشى، باكتېرىيە توكسىنلارنىڭ ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى زەخمىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، ئاستا خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش ئۈچەي يولى ياللۇغى خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەردىن پەيدا بولىدۇ.

4. قورساق كۆپۈش

نورمال ئەھۋالدا ئاشقازان-ئۈچەيدە 100دىن150 مىللىلېتىر گاز بولۇپ، قورساق كۆپۈش بولسا ئۈچەي يولىدا ئارتۇقچە گازنىڭ پەيدا بولغانلىقىدۇر. قورساقنىڭ كۆپۈشىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەردىن يېمەكلىكلەرنى بەك تېز يېيىش، ئاسان يەل پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى يەۋېلىش قاتارلىقلار بار.

5. ئىشتىھا تۇراقسىزلىشىش

بۇ ئۈچەي يولىنىڭ ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈشى ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە روھىي ئامىل، دورىنىڭ تەسىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

ئالتە تۈرلۈك ئادەتمۇ ئۈچەي يولىنى بارا-بارا كاردىن چىقىرىدۇ:

1. زىيادە مايلىق غىزالىنىش

2. ئانتىبىئوتىكنى قالايمىقان ئىشلىتىش

3. يېمەكلىكنى تىزگىنلەش ئارقىلىق ئورۇقلاش

4. ساقلىقنى ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش

5. ھەرىكەتنىڭ كەمچىللىكى

6. سۇنى بەك ئاز ئىچىش

بۇ ئادەتلەر ئۈچەي يولىنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرىدۇ:

1. ئوزۇقلۇق تالاسى مول يېمەكلىكلەر قىزىل، يېشىل پۇرچاق، قېرىنقۇلاق، دېڭىز يۈسۈنى، سەۋزە، تاتلىقياڭيۇ، قارا كۈنجۈت، ئۈرۈك مېغىزى قاتارلىقلارنى كۆپ يېيىش.

2. پايدىلىق زەمبۇرۇغلار مول يېمەكلىكلەر مەسىلەن قېتىق، چىلىغان كۆكتات قاتارلىقلارنى كۆپ يېيىش.

3. پىياز، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، سامساق، بەسەي، چىچەكسەي، ئالما، دولانا، بانان قاتارلىقلارنىمۇ كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

1124596108_1559945940068_title0h.jpg
123123.jpg
U020190608467473167205.jpg
未标题-1.jpg