بالىلارغا كىملىك بېجىرىش ئۈچۈن قايسى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟
0
2019-06-10 15:29:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلىرى ئۈچۈن باش قاتۇرۇشقا باشلايدۇ، بالىنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا ئاتا-ئانىلار ھەرۋاقىت ئەنسىرەپ غەم يەيدۇ، بالىلارغا بىر ئىش بولۇپ قېلىشى ۋە ئاغرىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدۇ. قانداقلا بولمىسۇن بالا دېگەن ئاتا-ئانىنىڭ يۈرەك باغرى بولغاچقا، بالا تىنچ-ئامان، ساق-سالامەت بولسىلا ئاتا-ئانا بولغۇچى ئاندىن خاتىرجەم بولالايدۇ.
بالا تۇغۇلۇشى بىلەنلا يېڭىدىن ئاتا-ئانا بولغانلار يېتىشىپ بولالمايلا قالىدۇ، توختىماي يىغلاۋاتقان، قورسىقى ئېچىپ سۈتكە تويمىغان ئاشۇ ئوماق بالىلارنى بەزلەش راستىنلا بەك تەس. بالىلارنىڭ گۇۋاھنامە، كىنىشكا مەسىلىسىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ چۈشەنچىسى ناھايىتى مۈجىمەل.

بەزى ئاتا-ئانىلار زادى قاچان بالىغا كىملىك بېجىرىشنى بىلەلمەيدۇ ھەم قانداق ۋاقىتتا بېجىرگىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بالىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى كىملىك، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىغا كىملىك بېجىرسىمۇ ئىشلىتىدىغان ۋاقىت بەك ئاز، پايدىسى يوق شۇڭا بېجىرمىسەكمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئاتا-ئانىلار بولسا بالا بەك كىچىك بېجىرگىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، بېجىرگەن ئاتا-ئانىلار بولسا نېمىلەرگە ئىشلەيدىغىنىنى ھەم بىلمەيدۇ، ئىشقىلىپ ئېنىق بىر چۈشەنچىگە ئىگە ئاتا-ئانىلار ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ.

قانچە ياشتىكى بالىلارغا كىملىك بېجىرگىلى بولىدۇ؟ قانداق رەسمىيەت كېتىدۇ؟ قانداق شەرتلەرنى ھازىرلايمىز؟

نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ كاللىسىدا بالىلار 16 ياشقا كىرمىگۈچە كىملىك بېجىرگىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، چۈنكى بالىنڭ يېشى كىچىك، ئەگەر ھازىرقى ياش ئاتا-ئانىلارمۇ مۇشۇنداق قارايدىغان بولسا ئۇنداقتا چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىدۇ، بىز پەقەت بۇنداق ئاتا-ئانىلار بالىسىغا راستىنلا ياخشىراق كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلمەيدىكەن دەپلا ئويلايمىز خالاس.

ئەمەلىيەتتە بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن نوپۇسى بولسىلا كىملىك بېجىرگىلى بولىدۇ، ئادەتتە بالىلارغا كىملىك بېجىرگەندە نوپۇسنى ئېلىپ بارسىڭىزلا بولىدۇ. ھەممىزگە ئايان كىملىكنىڭ دەسلەپكى ئىشلىتىش مۇددىتى بەش يىل، يەنى بالىلارمۇ مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە كىملىك بېجىرسە بولىدۇ، چۈنكى بەش يىل جەريانىدا بالىلارنىڭ چىراي تۇرقىدىكى ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، شۇڭا مۇددەت توشقاندا يەنە قايتىدىن بىرنى تولۇقلاشلا كۇپايە.

ھەرگىزمۇ بالا تېخى كىچىك ئىشلىتەلمەيدۇ دەپ قارىماڭ، كىملىك دېگەن ئەڭ مۇھىم گۇۋاھنامە، ئەگەر بېجىرمىسىڭىز بالىغا بولغان تەسىرىمۇ ئاز ئەمەس، شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچىلار بۇ ئىشقا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

بالىلارغا كىملىك بېجىرىشنىڭ پايدىلىق تەرىپى قايسى؟

ئەمەلىيەتتە بالىلارغا كىملىك بېجىرىشنىڭ پايدىلىق تەرىپى ناھايىتى كۆپ، لېكىن ئاتا-ئانىلار بۇنى تونۇپ يېتەلمىگەن خالاس. 1. بالىلارغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ.

كىملىكى بار بالىلار خەتەرگە يولۇققاندا ساقچىلار بالىنىڭ كىملىك ئۇچۇرىغا تېزلىكتە ئېرىشەلەيدۇ ۋە ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە بالىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

2. ساقلاش قىممىتىگە ئىگە.

بالىلارنىڭ كىملىكى ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى گۈزەل ئەسلىمىىسىنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە ساقلاشقا تېگىشلىك مۇھىم نەرسە، بالىلار بۇ ئارقىلىق ئاشۇ گۈزەل بالىلىق دەۋرىنى ئەسلىيەلەيدۇ ھەمدە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش.

3. ساياھەتكە بېرىش قولاي

بەزى بىرقىسىم ئائىلە شارائىتى ياخشى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ ساياھەتكە چىقىدۇ، ئەگەر بۇنداق چاغدا بالىنىڭ كىملىكى بولسا ئىنتايىن قولاي بولىدۇ، ماڭىمىز دەپلا ماڭغىلى بولىدىغان ساياھەتكە ھېچقانچە قىينالمايلا ماڭغىلى بولىدۇ.

بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، كىملىكتىن باشقا يەنە قانداق مۇھىم بېجىرىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بار؟

ئەمەلىيەتتە كىملىكتىن باشقا يەنە تۇغۇلۇش ئىسپاتى، نوپۇس قاتارلىقلارمۇ بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بېجىرىشكە تېگىشلىك مۇھىم نەرسىلەر، بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ نەرسىلەر ماڭدامدا بىر ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار چوقۇم بۇلارغا ئەھمىيەت بېرىشى، بۇ نەرسىلەر لازىم بولغاندا ئاندىن بېجىرىشنى ئويلىشىدىغان ئىشنى قىلماسلىقى كېرەك.

 

1124596108_1559945940068_title0h.jpg
123123.jpg
U020190608467473167205.jpg
未标题-1.jpg