خۇشخەۋەر، كېلەر ئايدا ئاپتوموبىلنى تېخىمۇ ئەرزان سېتىۋالىسىز
0
2019-06-10 16:35:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

يېقىندا ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئايدا مەملىكەت بويىچە يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن 1 مىليون 461 مىڭ 600ى سېتىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئازايغان، 4-ئايدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17 ئازايغان، تۆۋەنلەش نىسبىتى ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا پۈتكۈل بازار بىر قەدەر زور تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كېلەر ئايدىن باشلاپ، بىر چوڭ پايدىلىق سىياسەت رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، بۇ ئاپتوموبىل بازىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، يېڭى نۇسخىدىكى« ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. بەلگىلىمە بويىچە، باج تاپشۇرغۇچىلار ئۆزى ئىشلىتىدىغان باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئاپتوموبىلغا تاپشۇرىدىغان باج - باج تاپشۇرغۇچىلار ئاپتوموبىلنى سېتىۋالغان باھا بويىچە ھېساپلىنىدۇ، قوشۇلما قىممەت بېجى پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشى ۋە ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

چىڭداۋ شەھىرىدىكى بىر ئاپتوموبىل 4S دۇكىنىنىڭ ئىچىگە ئوخشىمىغان نۇسخىدىكى يېڭى ئاپتوموبىللار تىزىلغان بولۇپ، باھاسى نەچچە ئون مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە ئىدى. بايراملىق دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن ئىستىمالچىلار بۇ يەرگە كېلىپ ئاپتوموبىل تاللىدى.

ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنىڭ تەڭشەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، شەھەر ئاھالىسى جاۋ ئەپەندى ئىلگىرىكى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش پىلانىنى ئارقىغا سۈرمەكچى بولدى.

جاۋ ئەپەندى مۇنداق دېدى: 7-ئايدىكى بۇ سىياسەت بىر قىسىم ئائىلىلەرگە نىسبەتەن ياخشى خەۋەر ھېساپلىنىدۇ، پۇل پۇقرالارنىڭ يانچۇقىدىن چىقىدىغان بولغاندىكىن، تېجىگىلى بولسا تېجەش كېرەكتە. شۇڭا بۇ سىياسەتنىڭ تېزرەك يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئىلگىرى ئىستېمالچىلار كىچىك ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا، كۆپ قىسىم ئاپتوموبىللارنىڭ ئەمەلىي سودا باھاسى زاۋۇتنىڭ يېتەكچى باھاسىدىن تۆۋەن ئىدى، لېكىن باج تاپشۇرغاندا زاۋۇتنىڭ يېتەكچى باھاسى بويىچە باج تاپشۇراتتى.

بىراق، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلىدىغان« ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش باج قانۇنى» بويىچە، ئىستېمالچىلارنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلى ئەمەلىي چىقىم سوممىسىغا، يەنى ئادەتتىكى يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ پۈتۈشۈش باھاسىغا باغلىق بولىدىغان بولدى. 5-ئايدا، مالىيە مىنىستىرلىقى، باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىغا ئالاقىدار كونكىرت سىياسەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى.

يېڭى سىياسەت ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن ئىستىمالچىلارنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋىلىش تەننەرخى يەنىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، بۇ ئىستىمالچىلارغا پايدىلىق. كەسىپ ئىگىلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: ئىستىمالچىلار ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا تاپشۇرغان ئەمەلىي سومما بويىچە سېتىۋېلىش بېجى تاپشۇرسا، بۇنىڭ ئىچىدە قوشۇلما قىممەت بېجى بولمايدۇ، بۇ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنىڭ ئاساسى بىلەن قوشۇلما قىممەت بېجى ئاساسىنىڭ بىردەكلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

شەندوڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرىدىكى مەلۇم ئاپتوموبىل 4S دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى چى مىڭلېي مۇنداق دېدى:

ئىلگىرى دۆلەت بېجىدا ئەڭ تۆۋەن زاپاس باج باھاسى بار ئىدى، بۇ ئېلان قىلىنمايتتى، شۇڭا نۇرغۇن ئىستىمالچىلار سېتىۋالغان ئاپتوموبىلغا قانچىلىك باج تۆلەشنى بىلمەيتتى، بۇ نۇرغۇن خېرىدارلار ئۈچۈن بىر ئېنىقسىز نۇقتا ئىدى. ھەتتا بەزى ئىستېمالچىلار ئەرز – شىكايەت قىلاتتى. يېڭى چارە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خېرىدارلار بۇنى تېخىمۇ مۇۋاپىق ھېس قىلىدۇ.

ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل بازىرى 2018-يىلىدىن بۇيان نىسبەتەن پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، بارلىق ماركىلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلدى. ئۇنداقتا بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنىڭ تەڭشىلىشى ئاپتوموبىل بازىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بازار ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتالامدۇ؟ شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرىدىكى مەلۇم ئاپتوموبىل ماركىسىنى سېتىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لى يىشۈن مۇنداق دېدى:

بۇ سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلىشى ئاپتوموبىل سېتىش كەسپىگە چوقۇم ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، مۆلچەرىمىزچە بۇرۇنقىغا قارىغاندا %5 تىن %10 كىچە ئاشىدۇ، سېتىلىش مىقدارى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

دۆلەتنىڭ بەشىنچى باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى ئاپتوموبىل تىپلىرى قىسمەن رايونلاردا باھاسى چۈشۈرۈلۈپ سېتىلدى.

ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىدىن باشقا يەنە بىر تۈرلۈك يېڭى بەلگىلىمىمۇ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ دەل دۆلەتنىڭ ئالتىنچى باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى.

2019-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلەتنىڭ ئالتىنچى باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى شەندۇڭ، سەنشى قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردە رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، شۇ چاغدا دۆلەتنىڭ بەشىنچى باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى ئاپتوموبىللارغا نومۇر تاختىسى ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ. ئامبار قالدۇقى بېسىمىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئاپتوموبىل كارخانىلىرى باھانى چۈشۈرۈپ سېتىشنى تېزلەتتى. ئۇنداقتا ھازىر دۆلەتنىڭ بەشىنچى باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يەنە ئەۋزەللىكى بارمۇ؟

چىڭداۋ شەھىرىدىكى بىر ئاپتوموبىل 4S دۇكىنىدا، باھاسى چۈشۈرۈپ سېتىلىدىغان ئاپتوموبىللار كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە تىزىلغان ئىدى، بەزى ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسى 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئېتىبار قىلىناتتى. سېتىش خادىملىرىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، دۆلەتنىڭ ئالتىنچى باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىنىڭ يولغا قويۇلۇش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارمۇ سېتىش تاكتىكىسىنى ۋاقتىدا تەڭشىگەن.

سېتىش خادىمى مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ بەشىنچى باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى ئاپتوموبىل تىپلىرى ئېتىبار باھادا ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ، ئاپتوموبىل تىپلىرى ئوخشىمايدۇ، بۇرۇنقى ئېتىبار باھا ئاساسىدا يەنە 5000 يۈەن ئېتىبار قىلىنىۋاتىدۇ، كۆپرەك ئېتىبار قىلىنىدىغانلىرىغا نەچچە 10 مىڭ يۈەن ئېتىبار قىلىمىز، چۈنكى كېلەر ئايدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ بەشىنچى باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى ئاپتوموبىللارغا نومۇر تاختىسى ئاسقىلى بولمايدۇ، ئەگەر بۇ ئاپتوموبىللارنى ھازىر تېز سۈرئەتتە سېتىپ قولدىن چىقىرىۋەتمىسەك، بۇ ئاپتوموبىللارنى ئەمدى ساتقىلى بولمايدۇ، ئۆزىمىزگە زىيان بولىدۇ.

سىياسەت بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شەندۇڭ، سەنشى، تيەنجىن قاتارلىق رايونلار مۇددەتتىن بۇرۇن دۆلەتنىڭ ئالتىنچى باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىنى يولغا قويىدۇ، شۇ چاغدا،دۆلەتنىڭ بەشىنچى باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى ئاپتوموبىللارغا نومۇر تاختىسى چىقىرىپ سېتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، بۇ بىر قىسىم ئاپتوموبىل سودىگەرلىرىگە نىسبەتەن زور بېسىم بولدى.

ئامباردىكى ئاپتوموبىللارنى تازىلاش ۋە بازارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، نۇرغۇن سودىگەرلەر دۆلەتنىڭ بەشىنچى باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ ساتتى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالتىنچى باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنى بەس-بەستە ئورۇنلاشتۇردى.

سېتىش خادىمى مۇنداق دېدى: ئادەتتە 200 مىڭ يۈەنلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئېتىبار قىلىنىش دەرىجىسى 40 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، 100 نەچچە مىڭ يۈەنلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئېتىبار قىلىنىش دەرىجىسى 20 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ. دۆلەتنىڭ ئالتىنچى باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى ئاپتوموبىللارغا نىسبەتەن ھازىر زاۋۇتنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە سىياسىتى يوق، شۇڭا بىزمۇ ساتقاندا كۆپ پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىلمەيمىز، باھاسى بىر قەدەر مۇقىم بولىۋاتىدۇ.

ھازىر يېڭى ئېنىرگىيەنى ئېچىش، ئىشلىتىش ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرمەكتە، ئاپتوموبىل ساھەسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، شۇڭا نۇرغۇن ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرى دۆلەتنىڭ ئالتىنچى باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى تېزلەتتى ھەمدە يېڭى ئېنىرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇردى.

سېتىش خادىمى مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ بەشىنچى ۋە ئالتىنچى باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىنى ئالماشتۇرىشى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ، جۈملىدىن ھازىرقى توك ماي ئارىلاش يېقىلغۇلۇق ۋە ساپ توكلۇق ئاپتوموبىللار ئاستا ئاستا ئومۇملىشىۋاتىدۇ، دۆلەتنىڭ بۇ ئاپتوموبىللارغا قاراتقان سېتىۋېلىش بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىمۇ ناھايىتى ياخشى. كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىش چوقۇم يېڭى ئېنېرگىيە ياكى ھازىرقى ئېنېرگىيەنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ئاپتوموبىل كەسپى بولۇپ قالىدۇ.

1124596108_1559945940068_title0h.jpg
123123.jpg