ئامېرىدىكى ئەڭ چوڭ تۆلەم دېلوسىىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كىنو: «مەڭگۈ مۇرەسسە قىلماسلىق»
0
2019-06-11 18:24:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان «مەڭگۈ مۇرەسسە قىلماسلىق»(永不妥协) ناملىق كىنو بولۇپ، ئىسمى بەك دەبدەبىلىكتەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن مەزمۇن ياخشى.

چەتئەلنىڭ مۇشۇنداق تۈردىكى كىنولىرى ھەمىشە چەتئەللىكلەرنىڭمۇ ئۇنداق ئالىي دەرىجىدە ياشاپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ھەر قانداق جايدا ھامان مەغلۇب بولغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، لېكىن دەل مۇشۇنداق مەغلۇبىيەتچى بولغان جايدا غايەت زور غەلبە يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

باش رولچى ئېرىن ئىككى قېتىم ئاجراشقان، ئۈچ بالىسى بار، لېكىن يەنىلا تۇرمۇش ئۈچۈن قاتتىق تىركەشكۈچى.

جۇڭگودىكى كىنولاردا بۇنداق پېرسوناژ ئورۇنلاشتۇرۇشى يوق، ھەر قانچە پاجىئەلىك بولۇپ كەتسىمۇ لېكىن بۇنداق كەچۈرمىشى بولمايدۇ، بىزنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىمىز ئۇنداق ئەمەس، لېكىن چەتئەلدە بۇنداق ئەھۋالدىكىلەر بەك كۆپ، شۇڭا بىز بۇنى توقۇلغان ھېكايىكەن دەپلا قارىساق بولمايدۇ.

بۇنداق ئائىلە شارائىتىدا ئايال باش رولچى ئېرىن ناھايىتى قىيىن كۈندە قالىدۇ، قاتمۇ-قات قەرزگە بوغۇلىدۇ، كۈنبويى بىر خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن چېپىپ يۈرىدۇ، كۆپ قېتىم رەت قىلىشقا ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىدىنمۇ گۇمان قىلىنىدۇ. ئۇ جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالغاچقا كومپيۇتېر ئىشلىتىشنىمۇ بىلمەيدۇ، ئەمما «مەن بەك تىرىشىمەن» دېگەننىلا دېيەلەيدۇ.

بەلكىم ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا باشقىلارغا تايىنىشنى بەك ئۈمىد قىلىدىغاندۇ، خىزمەت قىلماي، ئۆينىڭ ھۆددىسىدىن چىقسا، لېكىن رېئاللىق ئۇنداق شېرىن ئەمەس، ئۇ بالىلىرىغا قارىشى كېرەك، پۇل تېپىپ ئۆينى بېقىشى كېرەك.

بالا ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ئۇ بەلكىم ياخشى ئايال ئەمەستۇ، لېكىن ئۇ يامان ئەمەس بىر ئانا. تۇرمۇش ئاشۇنداق قىيىن بولسىمۇ لېكىن بالىلىرىدىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىغان، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشاشنى خىيال قىلمىغان، ئۇ بالىلىرىغا ئامال بار ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىشكە تىرىشىدۇ، يانچۇقىدىكى پۇللارنى ھەممىسىنى ئۇلارغا سەرپ قىلىدۇ.

كىنودا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىدا چېمپىيون بولغانلىقىنى، ئىستىقبالىنى پارلاق دەپ ئويلىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ بەك ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن، لېكىن يەنىلا ئالغا قاراپ مېڭىشنى تاللىغان، ئۇ بالىلىرىنى ياخشى بېقىش ئۈچۈن، جان-جەھلى بىلەن ئىزدىنىدۇ، ئاخىرىدا بىر ئادۋوكاتلىق ئورنىدا ئۇششاق ئىش قىلىدىغان خىزمەت تاپىدۇ.

مەلۇم بىر ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ بىر قانۇنىي ھۆججىتى ئارىسىدىن بىر قىسىم تىببىي دورىلارنىڭ ھۆججەتلىرىنى تېپىۋالىدۇ، بۇ ئىش ئېرىننىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، ئۇ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالايىتەن بارىدۇ، ئاندىن بۇ ھۆججەتتە دېيىلگەن ئورۇننىڭ يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئېلېكتىر شىركىتى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇلار سۇدىكى خرومنى ئالتە ھەسسلىۋەتكەچكە ئەتراپتىكى ئاممىلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.

زىيانلانغۇچىلار بۇلارنى ئۆزىنىڭ سەۋەبىدىن بولغان دەپ قاراپ، دوختۇرخانىغا قاتراپ داۋالىنىدۇ. ئېرىن بۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئۇلارغا دەپ بەرگەندىن كېيىن ئۇلار ئەسلىدە ئۆزىنىڭ زىيانلانغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئېرىن زىيانلانغۇچىلارنى زىيارەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئازابىنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئادۋوكات ئىشلىرى ئورنىنىڭ خوجايىنى ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى قارار قىلىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە ھەقلىق مۇلازىمەت.

ئەمما بىر ئېلېكتىر كۈچى شىركىتىنىڭ ئارقا تىرىكى بەك كۈچلۈك بولغاچقا ئۇلار باشتا ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

ئېرىن باشتا زىيانلانغۇچىلارنى ئۆزى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئازابىنى ئەمەلىي ھېس قىلىدۇ، ئەجىر قىلىپ ماتېرىيال توپلىغان بولغاچقا ئۇلارغا ياردەم قىلماقچى بولىدۇ، ئۇ ئۆزىمۇ بىر ئانا بولغاچقا ئاشۇ بالىلارنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىنى كۆرۈپ، بۇ ئىشقا تېخىمۇ كىرىشىپ قالىدۇ، ئەمما بۇ ئىشتا يېڭىپ چىقالماسلىقتىن بەك قورقىدۇ.

 

لېكىن ئۇ يەنىلا ۋاز كەچمەيدۇ. بىر تەرەپتىن ھەر قانداق ئادەمدىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەك دېگەنگە ئىشەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاكتىپلىق بىلەن يۈزلىنىشنى توغرا تاپىدۇ. ئۇ ئادۋوكات ئەمەس، ئادۋوكاتلارنىڭ قائىدىلىرىنى چۈشەنمەيدۇ، لېكىن زىيانلانغۇچىلار بىلەن زور دەرىجىدە يېقىنلىشالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئازابىنى چۈشىنەلەيدۇ، قانداق ماتېرىيال لازىم بولسا، ئۇنىڭغا ئامال قىلىپ ئېرىشىدۇ، كۈنبويى يوقلاپ بارغان ئائىلىلەر ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن يۈگرەپ يۈرگەن ھالىتى ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ.

بۇ ئارىدا ئۇ تەھدىتكە ئۇچرايدۇ، بەك چارچاپ كەتكەچكە ئاغرىپ قالىدۇ، بۇ ئىشلار ھەممىسى ئۇنىڭ قەدىمىنى توختىتىپ قويالمايدۇ، ھەر قانداق بىر زىيانلانغۇچىغا قارىغاندا ياخشى بىر نەتىجىگە ئېرىشىشكە بەك تەقەززا بولىدۇ.

ئۇ نېمىشقا مۇشۇنداق ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئادەملەر ئۈچۈن بۇنچە بەدەل تۆلەيدۇ؟

ئۇ قارىماققا ھازازۇل، ياسانچۇق بولغان بىلەن قەلبى ئاقكۆڭۈللۈككە تولغان، ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق غورۇرى بار، ئەينى يىلى ئۇ گۈزەللەر مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغاندا دۇنيادىكى ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، كېيىنمۇ ئاخىرىغىچە تىرىشىپ، جانغا زامىن بولىدىغان بىر تۈرلۈك جىنايى قىلمىشنى پاش قىلىدۇ.

نۇرغۇن كىنولار تەسىرلىك بولسىمۇ لېكىن توقۇلما بولغاچقا ئورتاقلىق تاپقىلى بولمايدۇ، لېكىن بۇ كىنو راست ۋەقەدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، ئايال باش رولچى ئېرىن بىر توپ ئادۋوكاتلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا زىيانلانغۇچىلارغا تېگىشلىك تۆلەم ئېلىپ بېرىدۇ، ئېلېكتىر كۈچى شىركىتى 300 مىليون دوللار تۆلەم بېرىدۇ.

بۇ پۇل 90-يىللارغا نىسبەتەن ناھايىتى زور پۇل ئىدى، بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ خەلق ئىشلىرى تۆلەم دېلوسى بولۇپ قالىدۇ.

رېئاللىقتىكى ئېرىن ئۇچرىغان توسالغۇلار تېخىمۇ زور بولغان، لېكىن قەتئىي ئىرادە ھەممىنى مەغلۇب قىلالايدۇ، ھەممە ئىشنىڭ نەتىجىسى ھامان چىقىدۇ.

شۇنىڭدىن تارتىپ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ داڭقى تارىلىپ كېتىدۇ، ئىلگىرىكى ئىشخانا چوڭ بىناغا ئۆزگىرىدۇ، ئېرىن بۇ ئىش سەۋەبلىك يۇقىرى سوممىلىق تۆلەمگە ئېرىشىدۇ.

بىز ھەمىشە ئىشنىڭ قىممىتى، ئەھمىيىتىنى بەك دەڭسىۋالىمىز، ئۇنىڭ ئايىغىنى كۆرۈپ يەتكەندىن كېيىن ئاندىن قارار قىلىمىز، ئەگەر ئاخىرىغا چىقىشقا كۆز يەتمىسە قارار قىلالمايمىز.

ھەر قانداق ئىشنىڭ نەتىجىسى بولامدۇ؟ ھەر قانداق نەتىجىنى ئىشتىن ئاۋۋال مۆلچەرلىگىلى بولامدۇ؟ نەتىجىنى مۇقىملاشتۇرالمىساق بۇ ئىشنى قىلساق بولمامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە قارار قىلالمىغان نەتىجە دېگىنىمىز بىزنىڭ تېپىۋالغان باھانىمىز.