QQ توپى باشقۇرغۇچىسى بۇ ئىش ئۈچۈن جازالاندى
0
2019-06-14 20:02:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

گۇاڭدۇڭ چىڭيۈەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەردىكى بىر QQ توپىنىڭ ئۈچ باشقۇرغۇچىسى توپنى ياخشى نازارەت قىلىپ باشقۇرمىغانلىقى، توپ ئەزالىرىنىڭ 200 دىن ئارتۇق شەھۋانىي ۋىدېيونى توپتا تارقىتىشىنى مەيلىگە قويۇۋېتىپ، شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 ئايدىن بىر يىلغىچە بولغان مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، ماۋ فامىلىلىك، شې فامىلىلىك، ليۇ فامىلىلىكلەر 2016-يىلدىن باشلاپ بۇ QQ توپىغا كىرگەندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ توپ باشقۇرغۇچىسى بولغان، 2017-يىلى 7-ئايدىن 9-ئايغىچە، ماۋ فامىلىلىك ۋە باشقا توپ ئەزالىرى توپتا كۆپ مىقداردا شەھۋانىي رەسىم، ۋىدېيو ۋە ئالاقىدار شەھۋانىي ۋىدېيو ئۇلانمىسى يوللىغان.

ياڭشەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى تور ساقچى چوڭ ئەترىتى بۇ QQ توپىدا كۆپ مىقداردا شەھۋانىي ۋىدېيو، رەسىم قاتارلىقلارنى بايقىغان، بۇ QQ توپىدا 477 ئەزا بار ئىكەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى بۇ QQ توپىدىن چۈشۈرۈلگەن 251 ۋىدېيونىڭ 221 نىڭ شەھۋانىي قانۇنسىز ئۈن-سىن ۋىدېيوسى ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن.

سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دەپ قارىدى: ماۋ فامىلىلىك، شې فامىلىلىك، ليۇ فامىلىلىكلەر QQ توپىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن توپتىكى ئەزالارنىڭ كۆپلىگەن شەھۋانىي رەسىم، ۋىدېيو ۋە ئالاقىدار ئۇلانمىلارنى QQ توپىغا تارقاتقانلىقتەك قىلمىشىنى مەيلىگە قويۇۋېتىپ كارى بولمىغان، توپ باشقۇرغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغان، ئىنتىرنىت تورىدىكى توپتىن پايدىلىنىپ شەھۋانىي ئۇچۇرلارنى تارقاتقان، قىلمىشى ئېغىر، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقاتقانلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، قانۇن بويىچە جازاغا تارتىلىشقا تېگىشلىك، شۇڭا يۇقارقى ھۆكۈم چىقىرىلدى.

سوتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە قوراللىرىدىكى توپ باشلىقى ۋە باشقۇرغۇچىلار دائىم باشقۇرغۇچى ئىگە بولغان ھوقۇقتىنلا بەھىرلىنىپ، ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىگە سەل قارايدىكەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «ئىنتىرنىت تورى، كۆچمە خەۋەرلىشىش تېرمىنالى، ئاۋاز ئۇچۇر سۇپىسى ئارقىلىق شەھۋانىي ئېلىكتىرونلۇق ئۇچۇرلارنى ياساش، كۆپەيتىش، نەشىر قىلىش، سېتىش، تارقىتىش قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى كونكېرت قانۇنلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھات (2)» نىڭ 3-ماددىسىدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: ئىنتېرنىت تورىدىن پايدىلىنىپ، شەھۋانىي ئېلىكتىرونلۇق ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان توپلاردىكى ئەزالار 30 دىن كۆپ بولسا ياكى ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارسا، توپنى قۇرغۇچىلار، باشقۇرغۇچىلار ۋە ئاساسلىق تارقاتقۇچىلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئاساسەن، شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىش جىنايىتى بېرىلىدۇ ۋە جازالىنىدۇ.

1124620176_1560433286789_title0h.jpg
1124619533_15604333468691n.jpg