ئوغلىنىڭ 320 مىڭ يۈەن قەرز بولغىنىنى ئاڭلىغان ئانا قازا قىلدى
0
2019-06-14 20:04:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

توردىكى ئايال رىياسەتچىلەر پەيدا بولۇشى بىلەنلا نۇرغۇن تالاش-تارتىش قوزغىغان، گەرچە ئۇلار ھەقىقىي مەنىدىكى «چولپان» ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئايال رىياسەتچىلەر، مەيلى چىراي، كىرىم ۋە مەستانىلەرنىڭ سانى جەھەتتە بولسۇن، ھازىرقى داڭلىق ئارتېس ۋە ناخشىچىلارغا ئۇتتۇرۇپ قويمايدۇ.

ئەلۋەتتە، ئۇلارغا نۇرغۇن پۇل بېرىدىغان ئادەملەرمۇ ئىنتايىن كۆپ.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يېقىندا، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى داچىڭ شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ ئەپەندىم (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)، توردا سىنلىق پاراڭلىشىشقا قاتتىق بېرىلىپ ئۆزىنى تارتالمىغان، بىر يىل ئىچىدىلا ئايال رىياسەتچىگە ئىنئام بېرىش ئۈچۈن 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى خەجلىۋەتكەن.

بۇ پۇللارنى ئۇ كىرېدىت كارتىسى ئارقىلىق تۆلىگەن. ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ قەرز بولغانلىق ئىشىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئانىسى ئوغلىنىڭ بۇ ئەخمىقانە ئىشىنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي، زىيادە ھاياجانلىنىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

6-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇخبىر بۇ ئىشقا قارىتا زىيارەت ئېلىپ بارغان.

ئايال رىياسەتچىگە ئىنئام بېرىش ئۈچۈن، نۇرغۇن كىرېدىت كارتىسى بېجىرگەن

ۋاڭ ئەپەندىم بۇ يىل 30 نەچچە ياش بولۇپ، تۇرمۇشلۇق بولۇپ بولغان، ئوماق بىر قىزى بار بولۇپ، ئائىلىسىنىمۇ «ھاللىق سەۋىيە» دېيىشكە بولاتتى.

لېكىن، 2018-يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا سىنلىق پاراڭلىشىش سەۋەبىدىن غايەت زور ئۆزگىرىش بولغان. ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ دېيىشىچە، تاساددىپىي بىر پۇرسەتتە، ئۇ تور ئويۇنى ۋە سىنلىق پاراڭلىشىشقا ئامراق بولۇپ قالغان، تېخنىكىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دائىم باشقا بىۋاسىتە تارقىتىش سۇپىلىرىغا كىرىپ باشقىلارنىڭ قانداق مەشغۇلات قىلىدىغانلىقىنى كۆرگەن، بەزىدە زېرىكىپ قالغاندا، تور بەتتىكى باشقا قاناللاردىكى سىن ھۆججەتلىرىنى كۆرگەن.

دەل مۇشۇ جەرياندا، ۋاڭ ئەپەندىم توڭچېڭ سىنلىق دوستلىشىش ۋە مومو سىنلىق پاراڭلىشىش دېتالىنى بايقاپ چۈشۈرگەن، ھەمدە تىزىملاتقان.

بۇنىڭ ئىچىدە تاماشىبىنلارنىڭ رىياسەتچىلەر بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ بۇنىڭغا قىزىقىپ قالغان، ھەتتا ئۆزىنى تارتالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان. بۇ ئىككى سۇپىدا، ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ يەتتە، سەككىز ئايال رىياسەتچى بىلەن پاراڭلاشقان، ھەمدە ئۇلارغا ئىنئام بەرگەن.

ۋاڭ ئەپەندىم دەسلەپتە بەش يۈەن، 10 يۈەنلىك ئىنئاملارنى بەرگەن، كېيىن نەچچە يۈز يۈەنلىك ھەتتا نەچچە مىڭ يۈەنلىك ئىنئام بەرگەن، بىر يىلدا، بۇ ئايال رىياسەتچىلەرگە جەمئىي 320 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىنام بېرىۋەتكەن.

مۇخبىر: نېمىشقا بۇنچە كۆپ پۇل خەجلىۋەتتىڭىز؟

«مەن يەتتە، سەككىز رىياسەتچى بىلەن پاراڭلاشقان، بىرسىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 مىڭ يۈەن خەجلىدىم، گۈل ئىنئام قىلىش 1000 يۈەن، ئالماس ئۈزۈك ئىنئام قىلىش 2000 يۈەن، قورغان ئىنئام قىلىش 5000 يۈەن... مۇشۇ بويىچە ھېسابلىسام، بىر يىلدا شۇنچىلىك بولۇپ كېتىپتۇ.» دەپ جاۋاب بەرگەن ۋاڭ ئەپەندىم تۆۋەن ئاۋازدا.

مۇخبىر: بۇ پۇللارنى نەدىن تاپقان؟ ئائىلىڭىزدە يىغىلغان پۇلمۇ؟

ۋاڭ ئەپەندىم مۇنداق دېگەن: «ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ مائاشىنى ئايالىم باشقۇرىدۇ، مېنىڭ بىر ئايلىق پارچە خىراجەت پۇلۇم ئارانلا 900 يۈەن. سىنلىق پاراڭلىشىشنى ئوڭۇشلۇق ئويناش ئۈچۈن، نۇرغۇن كىرېدىت كارتىلىرىنى بېجىردىم، ئەڭ تۆۋەن سوممىلىقى 5000 يۈەنلىك، ئەڭ يۇقىرى سوممىلىقى 30 مىڭ يۈەنلىك. مېنىڭ ئىناۋەت خاتىرەم ياخشى بولغاچقا، ئارىسىدىكى بىر بانكىنىڭ كىرېدىت كارتىسىنىڭ 30 مىڭ يۈەنلىك سوممىسى تېزلا 100 مىڭ يۈەنگە كۆتۈرۈلدى»

مۇخبىر: سىز ئادەتتە سىنلىق پاراڭلاشقاندا، ئايال رىياسەتچىلەر بىلەن قانداق مەزمۇنلار توغرىلىق پاراڭلىشىسىز؟

ۋاڭ ئەپەندىم مۇنداق دېگەن: «دەسلەپتە گەپ قىلىشتىنمۇ خىجىل بولغان، كېيىن تونۇشىۋالغاندىن كېيىن، ھەممە گەپنى دېيىشتۇق. بەزىدە «يولدىشىم»، «خوتۇن» دەپ ئاتىشىمىز، بەزىدە دوست-بۇرادەر دېيىشىمىز، بەك يېقىن ئۆتىمىز، بەزى ئايال رىياسەتچىلەر بەك ئاز كىيىنىدۇ، بەك تەنناز، كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ...

مۇخبىر: ھازىر سىنلىق پاراڭلىشىشقا قانداق باھا بېرىسىز؟

ۋاڭ ئەپەندىم مۇنداق دېگەن: «ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل قىمار پىسىخىكىسى، ئەڭ پۇشايمان قىلىدىغىنىم، ئانام مېنىڭ بۇ ئىشىم سەۋەبلىك قازا قىلدى، ئانامغا يۈز كېلەلمەيمەن، مەن بىر جىنايەتچى.» ئانىسى تىلغا ئېلىنغاندا، ۋاڭ ئەپەندىم ئۆكسۈشكە باشلىغان.

زور سوممىدا قەرز بولۇپ قالغان، ئانىسى ئاچچىق يۇتۇپ قازا قىلغان

ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، بۇ جەرياندا، ئايالى بىر قانچە قېتىم بايقاپ قېلىپ ئۇنىڭدىن سورىغان، لېكىن ئۇ ئايالىغا ئېنىق دەپ بەرمىگەن، ھەمدە توختاپمۇ قالمىغان.

بىر كۈنى كەچتە، ۋاڭ ئەپەندىم چىقىمدان ئارقىلىق كىرېدىت كارتىنىڭ پۇلىنى قايتۇرىۋاتقاندا، ئايالى تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ يانفونىنى تارتىۋېلىپ، ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ يېقىنقى بىر ئايدىكى چىقىمداندا پۇل تۆلەش خاتىرىسىنىڭ نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتكەنلىكىنى بايقاپ قالغان. ۋاڭ ئەپەندىم ئەمدى يوشۇرۇلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئايالىغا ئۆزىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان سىنلىپ پاراڭلىشىشقا خۇمار بولۇپ قېلىپ، 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى خەجلىۋەتكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.

ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ دېيىشىچە، ئايالى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشقان، قەتئىي ھالدا ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشماقچى بولغان.

ۋاڭ ئەپەندىم ئايالىنىڭ قەتئىي ئاجراشماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، «مەن بىلەن ئاجرىشىدىغان بولسىڭىز، ھازىرلا تامغا ئۈسۈپ ئۆلىۋالىمەن.» دەپ ئىلاجىسىز «ئەڭ ھالقىلىق ئۇسۇل»نى قوللانغان ۋە بۇندىن كېيىن سىنلىق پاراڭلىشىشقا بېرىلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

ۋاڭ ئەپەندىم مۇنداق دېدى: «ئايالىمغا يىغلاپ تۇرۇپ ۋەدە بەردىم، ئايالىم بۇ ھالىتىمنى كۆرۈپ، كۆڭلى يۇمشاپ، كىرېدىت كارتىسىدىكى پۇللارنى تەڭ قايتۇرۇشنى قارار قىلدى.»

ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ مائاشى ئانچە يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، بىر ئايدا ئارانلا 4000 يۈەندىن يۇقىرىراق ئىكەن، ئايالىنىڭ مائاشى بولسا 3000 يۈەندىن ئارتۇقراق ئىكەن، ئىككىسىنىڭ مائاشىنى قوشۇپ، تۇرمۇشتىكى كۈندىلىك خىراجەتلەرنى چىقىرىۋەتكەندە، كۆپ ئېشىنالمايدىكەن.

ئايالى بىلەن ۋاڭ ئەپەندىم مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بۇ ئىشنى ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ ئاتا-ئانىسىغا دېمەكچى بولغان. ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، دادىسى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى قاتتىق تىللىغان. 63 ياشقا كىرگەن ئانىسى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گەپ-سۆز قىلماي بىر تەرەپتە يىغلاپ ئولتۇرغان.

ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ دېيىشىچە، شۇ كۈنى كەچتە، ئانىسى كارىۋاتتا يېتىپ، ئىزچىل مىدىرلىمىغان. دادىسى قولى بىلەن تۇتۇپ بېقىپ، ئانىسىنىڭ قولىنىڭ مۇزدەكلىكىنى بايقاپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. دوختۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ، ئانىسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ۋاڭ ئەپەندىم پۇشايمان ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالغان.

ئىگىلىنىشىچە، ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىدىنلا ئاجىز بولۇپ، تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن.

ئاخىرى، ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ دادىسى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىدىن پۇل ئارىيەت ئېلىپ، ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ قەرزلىرىنى تۆلىۋەتكەن. ۋاڭ ئەپەندىم مۇنداق دېگەن: «بۇندىن كېيىن دادامغا چوقۇم ۋاپادارلىق قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ خاتالىقىنى يۇيىمەن.» شۇنداق قىلىپ، سىنلىق پاراڭلىشىش ۋاڭ ئەپەندىمنى ئانىسىدىن ئايرىۋېتىپلا قالماي، ئۇنى ئىنتايىن ئۇزۇن قەرز تۆلەش يولىغا ئەكىرىپ قويغان.

مەۋھۇم دۇنيادىن يىراقلىشىپ، تور سىن ھۆججەتلىرىنىڭ قىزىقتۇرۇشىنى رەت قىلايلى

زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رىياسەتچى بەيدۇدىن «سىنلىق پاراڭلىشىش» دەپ ئىزدىگەندە، تېزلا ھەر خىل سىنلىق پاراڭلىشىش دېتاللىرى كۆرۈنگەن. مۇخبىرنىڭ دىققەت قىلىشىچە، ھەر بىر ئۇلانمىغا ماسلاشتۇرۇلغان رەسىمدىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى چىرايلىق، جەزبىدار ئىكەن.

مۇخبىر مەلۇم سىنلىق پاراڭلىشىش تور بېتىگە كىرىشىگە، ئېكراندا دەرھال ئون نەچچە رىياسەتچى كۆرۈنگەن. خالىغان بىر رىياسەتچىنىڭ رەسىمىنى چەكسىلا، شۇ رىياسەتچىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى، ئىسمى، يېشى قاتارلىقلار كۆرۈنگەن.

يەنە تېخى ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان مۇنداق تەشۋىقات سۆزلىرىمۇ بار ئىكەن: «بۈگۈن كەچ بەك زېرىكىشلىك، كىم ھەمراھ بولىدۇ؟»، «باشقىچە خىياللاردا بولىۋاتامسىز؟»... ھەممىسىگە مۇشۇنداق ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان چاكىنا سۆزلەر ئىشلىتىلگەن.

سىنلىق پاراڭلىشىش مەسىلىسىگە قارىتا، مۇخبىر بىر كەسپىي زاتنى زىيارەت قىلغان.

بۇ كەسپىي زات مۇنداق دەپ قارىغان: لايىھەلىنىش ئىدىيەسىدىن قارىغاندا، سىنلىق پاراڭلىشىش دېگەن يۈزمۈ-يۈز پاراڭلىشالايدىغان، تورداشلار ئۈچۈن ئويلىشىلغان يېڭىچە پاراڭلىشىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنىڭ سەۋەبى. لېكىن، سىنلىق پاراڭلىشىشنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىمۇ پەيدا بولدى. مەسىلەن، بەزىلەر سىنلىق پاراڭلىشىشنى «پۇل تېپىش» قورالى قىلىۋالدى، بەزىلەر ئۇنى «ئالدامچىلىق» قورالى قىلىۋېلىپ، ناچار ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەر، سىنلىق پاراڭلىشىشنىڭ زىيىنىنى تارتماقتا، ھەتتا شۇ سەۋەبتىن جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولىغا كىرمەكتە.

بۇ كەسپىي زات ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: تور دېگەن بىر مەۋھۇم دۇنيا، رېئال تۇرمۇشىمىزدا ئۆزىمىز ۋە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ھەرگىز ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

 

1124620176_1560433286789_title0h.jpg
1124619533_15604333468691n.jpg